تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرى قەشقەر يولىنى شەرققە ئۇزارتىش 1-قارارلىق قۇرۇلۇشى تاماملىنىپ، ئاي ئاخىرىدا قاتناش باشلىنىش پىلانلاندى

10-ئاينىڭ 22-كۈنى، قەشقەر يولىنىڭ شەرققە ئۇزارتىلغان 1-قارارلىق (مىدۇڭ چوڭ يولى-كۆرگەزمە چوڭ يولى)قۇرۇلۇشىدا، ئىشچىلار يولنىڭ قاتناش باشلىنىشتىن بۇرۇنقى ئاخىرلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىشلىمەكتە.

(مۇخبىر چېن يەن فوتوسى)

شىنجاڭ تورى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ يۈەنيۈەن): ئۈرۈمچى شەھەرلىك نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى يولى قەشقەر يولىنى شەرققە ئۇزارتىش 1-قارارلىق (مىدۇڭ چوڭ يولى-كۆرگەزمە يولى) قۇرۇلۇشىنىڭ يېرىم قوش يۆنىلىشلىك تۆت ئاپتوموبىل يولىدا مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا قاتناش باشلاش پىلانلاندى. شۇ چاغدا، مىدۇڭ چوڭ يولى بىلەن كۆرگەزمە يولى، قەشقەر يولىنى تۇتاشتۇرۇش ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. مىدۇڭ يولى بىلەن كۆرگەزمە چوڭ يولىنىڭ يۈرۈش مۇساپىسى تەخمىنەن ئالتە كىلومېتىر قىسقىرايدۇ.

10-ئاينىڭ 22-كۈنى، مۇخبىر قەشقەر يولىنى شەرققە ئۇزارتىش 1-قارارلىق (مىدۇڭ چوڭ يولى-كۆرگەزمە چوڭ يولى) قۇرۇلۇش مەيدانىدا، قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇننىڭ مىدۇڭ چوڭ يولى بىلەن قەشقەر شەرقىي يولى كېسىش ئېغىزىنىڭ شەرققە تۇتىشىدىغان يولنى ئاچقانلىقىنى كۆردى، يولغا قارا ئاسفالىتلىق بېتون يېيىتىلغان بولۇپ، ئىشچىلار گۈللۈك خىش ياتقۇزۇۋاتاتتى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ خەلق تۇرمۇشى يولى قۇرۇلۇشىدىن بەش تۈر بار ئىكەن. قەشقەر يولىنى شەرققە ئۇزارتىش 1-قارارلىق قۇرۇلۇشىدىن باشقا، يەنە تۆت تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى يولى قۇرۇلۇشى ئايرىم-ئايرىم ھالدا شىنجاڭ تېببىي يولىنى غەربكە ئۇزارتىش (غەربىي تاشقى ئايلانما يولىدىن چىڭجيەن يولىغىچە)، ۋېيشىڭ يولىنى جەنۇبقا ئۇزارتىش (قاراماي غەربىي يولىدىن شىشەن يولىغىچە)، شەھەر شىمالىدىكى غول يولنى جەنۇبقا ئۇزارتىش (گۈيخۇا سۇڭشەن كوچىسىدىن زىياڭخۇ يولىغىچە)، قاراماي جەنۇبىي كۆتۈرمە كۆۋرۈكىنى شەرققە ئۇزارتىش 2-قارارلۇق (گاۋئېرفۇ يولىدىن گېجياگوۋ يولىغىچە) يولىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى