تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ زەمىن يېزىسى ھەم ئەتراپتىكى 10 كىلومېتىر دائىرىدە كىشىلەرنىڭ يۆتكىلىشى تىزگىنلەندى، ئومۇميۈزلۈك ھالدا مۇھىت تازىلاندى، دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈلدى

تىيانشان تورى خەۋىرى: 10-ئاينىڭ 25-كۈنى كەچتە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى قەشقەردە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى ھەمدە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گۇ يىڭسۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى يېزا-بازار، كەنت(مەھەللە)لەردە مەخسۇس دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش قوشۇنى قۇرۇلۇپ، دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش سايمانلىرى، دېزىنفېكسىيە دورىلىرى سەپلەندى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار، يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلار قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ پائالىيەت سورۇنلىرى ۋە قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ زەمىن يېزىسى ھەم ئەتراپتىكى 10 كىلومېتىر دائىرىدىكى ئوغۇساق بازىرى، توققۇزاق بازىرى، سايباغ يېزىسى قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلاردا كىشىلەرنىڭ يۆتكىلىشى تىزگىنلەندى ۋە ئومۇميۈزلۈك ھالدا مۇھىت تازىلاندى، دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈلدى، ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش ۋە تازىلاش، پاكىزلاش كۈچەيتىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلىملىرى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىنىپ، ئامما ئىلمىي مۇداپىيەلىنىشكە يېتەكلەندى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىلمىي تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇلدى. كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار بايقالغاندىن كېيىن، قېلىپلاشتۇرۇلغان تەلەپكە قاتتىق ئەمەل قىلغان ئاساستا، ئۇلار ئەڭ تېز سۈرئەتتە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىغا يۆتكەپ تېببىي ئايرىپ كۆزىتىلدى، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەتنىڭ داۋالاش-قۇتقۇزۇش مۇتەخەسسىسلىرى ئۇلارغا تەكشۈرۈپ كوللېكتىپ دىياگنوز قويۇپ، ئىلمىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش ئېلىپ باردى. ئالاقىدار سىياسەتكە ئاساسەن، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى دوختۇرخانىدا ياتقان مەزگىلدىكى بارلىق خىراجىتى پۈتۈنلەي ھەقسىز بولىدۇ. (مۇخبىر ۋاڭ نا)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى