ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ليۇ چىڭشيا): يېقىندا، مەملىكەتنىڭ كۆپ جايلىرىدا مەملىكەت بويىچە 7-قېتىملىق ئومۇميۈزلۈك نوپۇس تەكشۈرۈشنى باھانە قىلغان ئالدامچىلىق دېلولىرى يۈز بەردى. 10-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تېلېگراف تور ئالدامچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ شەھەرلىك ئالدامچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزى دېيىلىدۇ) شۇنداق ئاگاھلاندۇرىدۇ: نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتە ھېچقانداق ھەق ئېلىنمايدۇ، تېلېفون، قىسقا ئۇچۇر، تور ئالاقە قورالى ئارقىلىق ئۆزىنى نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خادىملىرى دەۋالغانلار نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى باھانە قىلىپ پۇل، مال-مۈلۈك، ھېسابات نومۇرىنىڭ مەخپىي نومۇرى، تەكشۈرۈش نومۇرى قىسقا ئۇچۇرىغا ئېرىشىۋېلىشنىڭ ھەممىسى ئالدامچىلىق ھېسابلىنىدۇ.
شەھەرلىك ئالدامچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزى كەڭ شەھەر ئاھالىلىرىنى مۇنداق ئەسكەرتىدۇ:
مەملىكەت بويىچە نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش سىياسىتىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغان ئاممىدىن ھېچقانداق ھەق ئېلىنمايدۇ؛ نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنىڭ رەسمىي خادىملىرى خىزمەت مەزگىلىدە ماسكا تاقاپ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئاپپاراتى بىرتۇتاش تارقاتقان گۇۋاھنامىنى تاقاپ، ئائىلىلەرگە كىرىپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرىدۇ. شەھەر بويىچە نوپۇس ۋە تۇرالغۇ ئۇچۇرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش شەخسي مال-مۈلۈك ئەھۋالىغا چېتىلمايدۇ. نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خادىملىرى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ھەرقانداق سەۋەب بىلەن شەخسنىڭ پۇلى، مال-مۈلكى، ھېسابات نومۇرى، مەخپىي نومۇرى، قىسقا ئۇچۇر دەلىللەش كودىغا ئېرىشسە بولمايدۇ، ئەگەر ئۆزىڭىزنىڭ ئالدانغانلىقىنى بايقىسىڭىز، دەرھال 110غا تېلېفون قىلىپ ساقچىغا مەلۇم قىلىڭ.