تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى قەتئىي قوغداش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە سىن يىغىنى ئېچىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى

ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى قەتئىي قوغداش كېرەك

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى

شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى پېڭشىن قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 10 - ئاينىڭ 24 - كۈنى كەچتە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە سىن يىغىنى ئېچىپ، قەشقەر ۋىلايىتى كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، لى يىفېي، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۇنلىن، ۋاڭ مىڭشەن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، قىلچە بوشاشماي دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. قەشقەر ۋىلايىتى كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قەتئىي قوغداش كېرەك.

بىرىنچىدىن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى ھەقىقىي چىڭىتىش كېرەك. بىخۇدلۇق ئىدىيەسى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىنى قەتئىي تۈگىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خىزمەتنىڭ قاراتمىلىقى، دەل جايىدا بولۇشى، ئىلمىيلىكىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

ئىككىنچىدىن، پۈتۈن كۈچ بىلەن قىسمەن دائىرىدىكى يۇقۇمنى كونترول قىلىش كېرەك. مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تارقىلىش يوللىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۈزۈپ تاشلاپ، يامراپ كەتمەسلىككە، كېڭىيىپ كەتمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ كۈچنى بىرتۇتاش پىلانلاپ تەقسىملەشنى كۈچەيتىپ، خىزمەت سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۈنۈم سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى بارلىق خادىملارنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەش كېرەك؛ كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلارنىڭ ھەممىسىگە قارىتا ئايرىپ تېببىي كۆزىتىشنى يولغا قويۇپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى چىڭىتىپ، كۆڭۈل قويۇپ ئەتراپلىق مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.

ئۈچىنچىدىن، دائىملاشقان ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئۆتكەلنى ئالدىغا سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قىزىتما ئامبۇلاتورىيەلىرىنىڭ «قاراۋۇل»لۇق ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇش كېرەك؛ «تۆت بالدۇر» تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بالدۇر بايقاش، بالدۇر دوكلات قىلىش، بالدۇر ئايرىش، بالدۇر داۋالاشنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؛ كۆزىتىش - ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئاچقۇچلۇق ئورۇن، مۇھىم سورۇن ۋە نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا قارىتا دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پورتلاردا سەھىيە كارانتىن قىلىش، سوغۇق زەنجىرسىمان توشۇلىدىغان يېمەكلىكلەرنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ۋە ئەشيا ئوبوروتى ھالقىلىرىدا دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەش، چىڭىتىش كېرەك.

تۆتىنچىدىن، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ چىڭىتىش كېرەك. پۈتۈن شىنجاڭ بىر تاختا شاھمات، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۇەن، خەلق ماسلىشىپ بىرلىكتە ھەرىكەتلىنىپ، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىپ، بىرلىشىپ تىزگىنلەپ، ئامما ئالدىنى ئېلىپ، ئامما تىزگىنلەپ، «تۆت تەرەپ مەسئۇلىيىتى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەركىم ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ھەركىم ئۆز مەسئۇلىيىتىگە ئىگە بولۇپ، ھەمكارلىشىپ جەڭ قىلىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي يېڭىپ، بوشلۇق قالدۇرماسلىق، قاراڭغۇ بۇلۇڭ قالدۇرماسلىق كېرەك.

بەشىنچىدىن، تەشۋىق قىلىش، يېتەكچىلىك قىلىشنى تىرىشىپ كۈچەيتىش كېرەك. پائال تۈردە ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىكىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇم ۋە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىگە دائىر ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇپ، سىياسەت - تەدبىرلەرنى تەشۋىق قىلىش، چۈشەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلىملىرىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، ئاممىنى يۇقۇمنى توغرا تونۇش، ئىلمىي مۇداپىئەنى ياخشى ئىشلەش، ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈشكە تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك.

ئالتىنچىدىن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش كېرەك. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى قىلچە بوشاشماي ياخشى تۇتۇش ئالدىنقى شەرتىدە، نورمال ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرتىپىنى ساقلاپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش جاسارىتى، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئەقىل - پاراسىتى، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىش تەدبىرى، تەشكىللەپ يولغا قويۇش ئىقتىدارى بىلەن «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.