تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا تېخىمۇ چوڭ قەدەم تاشلاش كېرەك

چېن چۈەنگو ئۈرۈمچىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا تېخىمۇ چوڭ قەدەم تاشلاش كېرەك

10 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو ئۈرۈمچى شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: چېن چۈەنگو ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونىدا يىرىك پىلان قۇرۇلۇشى، تىجارەت باشقۇرۇش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىماقتا. (شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى)

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 10 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو ئۈرۈمچى شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا تېخىمۇ چوڭ قەدەم تاشلاش كېرەك.

ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونىدا چېن چۈەنگو يىرىك پىلان قۇرۇلۇشى، تىجارەت باشقۇرۇش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش قاتارلىق مۇھىم، زور پۇرسەتلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ رايون ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، تىجارەت باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، تەسىر كۆرسىتىش، يېتەكلەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.

چېن چۈەنگو ئۈرۈمچى چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئاممىۋى مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ، سۇپا قۇرۇلۇشى، كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىدىيەدە يەنىمۇ ئازاد بولۇپ، دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، تىجارەت ئەندىزىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، مۇلازىمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئوچۇق ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

چېن چۈەنگو تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدىن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، خەلق تۇرمۇشىغا يېقىنلىشىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. دائىملاشقان ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇپ، سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دائىملاشقان كۆزىتىش - ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پورتلاردا سەھىيە كارانتىن قىلىش، سوغۇق زەنجىرسىمان توشۇلىدىغان يېمەكلىكلەرنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ۋە ئەشيا ئوبوروتى ھالقىلىرىدا دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك. تەرەققىيات يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىش ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىن ئىبارەت قوش ئايلىنىش بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىشىپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، سانائەت ئاساسىنى كۈچەيتىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىش كېرەك. سىرتقا ئېچىۋېتىش قاتلىمىنى ئۆستۈرۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تۈرتكە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئۆزىنىڭ رايون خاراكتېرلىك ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش ۋاسىتىسىنى بېيىتىپ، ئوچۇق ئىقتىساد تۈزۈلمىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئىچكى قۇرۇقلۇقنى ئېچىۋېتىش ۋە چېگرا بويىنى ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلىش كېرەك. بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىپ، كارخانىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ساھە، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار ۋە يەككە سودا - سانائەتچىلەرگە ياردەم بېرىش، يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۇلارغا پائال تۈردە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشىكى ئالدىغىچە بېرىپ مۇلازىمەت قىلىپ، سىياسەت يەتكۈزۈپ، قوللاپ، ھېسسىيات بىلەن، مەسئۇلىيەت بىلەن ئەمەلىي قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ئاكتىپلىقى ۋە تەشەببۇسكارلىقىنى تولۇق قوزغاپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ تەرەققىيات ئىشەنچىسى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىشنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ماسلىشىشچانلىق، قاراتمىلىقنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىپ، تېخىمۇ كۆپ كارخانىلارنى شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشكە جەلپ قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يۈكنى يېنىكلىتىش، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىشنى تەڭ قوللىنىپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا تۇتۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشنى كۆپ يوللار ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۈ خەيرۇڭ، جاۋ چىڭ قاتارلىقلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىللە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.