تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئۇلۇغ غەلىبىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۇلۇغ ئىشنى ئالغا سىلجىتايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمىنىڭ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن دۆلەتتىن چىقىپ ئۇرۇش قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشى غەلىبە قىلغان 60 نەچچە يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگودا مىسلىسىز غايەت زور تارىخىي ئۆزگىرىشلەر يۈزبېرىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى.

«بۈگۈن بىز <ئىككى 100 يىل>لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تارىخىي كېسىشىش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتىمىز، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش غەلىبىسى كۆز ئالدىمىزدا، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش ئىستىقبالىمىز پارلاق. ئالغا ئىلگىرىلەش يولى ئوڭۇشلۇق بولۇۋەرمەيدۇ.» جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمىنىڭ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن دۆلەتتىن چىقىپ ئۇرۇش قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بىز ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىنىڭ جاپالىق مۇساپىسى ۋە ئۇلۇغ غەلىبىسىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇپ، قىيىنچىلىققا پىسەنت قىلماي ئىلگىرىلەپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك.

ھەققانىيەت قوشۇنى ئارقىلىق ھەققانىي ھەرىكەت قىلىش. 70 يىل ئىلگىرى، قەھرىمان جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمى تىنچلىقنى قوغداش، تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇش ھەققانىيەت بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، چاۋشيەن خەلقى ۋە ئارمىيەسى بىلەن بىرلىكتە پىداكارلىق كۆرسىتىپ، قان كېچىپ جەڭ قىلىپ، ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى. بۇ ئۇرۇش ئارقىلىق، جۇڭگو خەلقى تاجاۋۇزچىلارنىڭ دۆلەت دەرۋازىمىز ئالدىغا ئەسكىرىي كۈچ ئورۇنلاشتۇرۇش، بۇ ئارقىلىق يېڭى جۇڭگونى بۆشۈكىدىلا ئۇجۇقتۇرۇۋېتىش سۇيىقەستىنى تارمار قىلىپ، يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى باشقىلار خالىغانچە تالان - تاراج قىلىدىغان، باشقىلارنىڭ رايىغا بېقىپ ئىش كۆرىدىغان 100 يىللىق ئار - نومۇسنى ئۈزۈل - كېسىل تۈگىتىپ، يېڭى جۇڭگونىڭ ئاسىيا ۋە خەلقئارا ئىشلاردىكى مۇھىم ئورنىغا ئاساس سالدى، خەلق ئارمىيەسى ئۇرۇش داۋامىدا ئۇرۇش قىلىشنى ئۆگىنىپ، مۇھىم ھەربىي ئىشلار تەجرىبىسىگە ئىگە بولۇپ، يەككە ئارمىيە تۈرىدىن كۆپ خىل ئارمىيە تۈرى بىرىككەن ئارمىيەگە ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇردى. بۇ ئۇرۇش پولاتتەك پاكىتلار ئارقىلىق كىشىلەرگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، ھەرقانداق بىر دۆلەت، ھەرقانداق بىر قوشۇن، مەيلى قانچىلىك كۈچلۈك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئەگەر دۇنيا تەرەققىيات ئېقىمىنىڭ قارشى تەرىپىدە تۇرۇپ، كۈچىگە تايىنىپ ئاجىزلارنى بوزەك قىلسا، كەينىگە دەسسەپ تەتۈر ئىش كۆرسە، تاجاۋۇزچىلىق، كېڭەيمىچىلىك قىلسا، مۇقەررەر ھالدا يۈز - كۆزى قانغا بويۇلىدۇ. «ئىلگىرىكى ئىشلاردىن ئۆرنەك ئالغاندىلا، كەلگۈسىدىكى ئىشلارنى بىلگىلى بولىدۇ.» ئۇلۇغ غەلىبىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۇلۇغ ئىشنى ئالغا سىلجىتىشتا، جەزمەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى تېخىمۇ قۇدرەتلىك، كۈچلۈك قىلىپ تاۋلاش شەرت؛ جەزمەن خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەممىدە خەلقنى كۆزلەش، ھەممىدە خەلققە تايىنىش شەرت؛ جەزمەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىش شەرت؛ جەزمەن دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش شەرت؛ جەزمەن دۇنيا تىنچلىقى ۋە ھەققانىيلىقىنى قوغداپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش شەرت. باش شۇجى شى جىنپىڭ يۈكسەك دەرىجىدە يىغىنچاقلىغان بۇ «بەش شەرت» ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىنىڭ بىزگە بەرگەن چوڭقۇر تارىخىي ئىلھامى بولۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشتە مۇھىم، زور يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسى شۇنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدىكى، ھېچقانداق بىر سىياسىي كۈچ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئوخشاش مىللەتنىڭ گۈللىنىشى، خەلقنىڭ بەختى ئۈچۈن قان تۆكۈپ قۇربان بېرىشتىن باش تارتماي، بوشاشماي تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، مىليونلىغان ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز غەلىبىگە يۈرۈش قىلالىغان ئەمەس. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، بىز پەقەت ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھى بىلەن پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي رەھبەرلىك كۈچى، ئىدىيەۋى يېتەكلەش كۈچى، ئاممىنى تەشكىللەش كۈچى، جەمئىيەتكە قارىتا چاقىرىق كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتسەكلا، چوقۇم پارتىيەنى باشتىن - ئاخىر جۇڭگو خەلقىنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك، ئەڭ كۈچلۈك يۆلەنچۈكىگە ئايلاندۇرالايمىز. بىز پەقەت باشتىن - ئاخىر خەلقنىڭ مەيدانىدا، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرساقلا، چوقۇم ھەممىدە غەلىبە قىلماي قويمايدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى قوزغىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ ئېسىل سەھىپىسىنى ئۈزلۈكسىز پۈتەلەيمىز. «ئارقىدا قالساق باشقىلار بوزەك قىلىدۇ، تەرەققىي قىلغاندىلا ئاندىن ئۆزىمىزنى قۇدرەت تاپقۇزالايمىز.» ھازىر، دۆلىتىمىز يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرىدۇ، يېڭى پۇرسەت، يېڭى خىرىس ئالدىدا، بىز پەقەت «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلساقلا، چوقۇم تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تېخىمۇ بىخەتەر تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۇنيانى ھەيران قالدۇرىدىغان تېخىمۇ زور مۆجىزىلەرنى ئۈزلۈكسىز يارىتالايمىز. بىر قۇدرەتلىك ئارمىيە بولمىسا، قۇدرەتلىك ۋەتەننىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. بىز پەقەت دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىغا قاراپ مەردانە قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىسەكلا، چوقۇم جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچلۈك ئىستراتېگىيەلىك تىرەككە ئىگە قىلالايمىز. جۇڭخۇا مىللىتى ئەزەلدىن «قوشنىلار بىلەن يېقىن ئۆتۈش» ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ كەلدى، پەقەت تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولساقلا، چوقۇم ئىنسانىيەت تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى كۈتۈۋالالايمىز.

ئالغا ئىلگىرىلەش يولىمىزدىكى پۇرسەت ۋە خىرىس ئالدىدا، بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەت - بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىمىزنى چىڭىتىپ، كۈرەش قىلىش روھىمىزنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كۈرەش قىلىش ماھارىتىمىزنى كۈچەيتىپ، بارلىق جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلارنى يېڭىپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلايلى!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى