تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇلۇغ روھىغا ۋارىسلىق قىلىمىز ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرىمىز

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمىنىڭ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن دۆلەتتىن چىقىپ ئۇرۇش قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمىنىڭ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن دۆلەتتىن چىقىپ ئۇرۇش قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش تىنچلىقنى قوغداش، تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇشتىكى ھەققانىي ئۇرۇش، بىز ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇلۇغ روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيمىز.

ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىشكە قاتناشقان 90 ياشلىق پېشقەدەم ئەسكەر مۇ خۇڭچيەن مۇنداق دېدى: «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجىنىڭ بىزگە قىلغان غەمخورلۇقىغا رەھمەت، مەن ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇلۇغ روھىغا داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشى ئۇلۇغ غەلىبىسىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تارىخ سەھىپىسىگە مەڭگۈلۈك ئويۇلىدىغانلىقىنى، ئىنسانلارنىڭ تىنچلىق، تەرەققىيات، ئالغا بېسىش تارىخ سەھىپىسىگە مەڭگۈلۈك ئويۇلىدىغانلىقىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىگە بىلدۈرىمەن».

قۇتۇبى ناھىيەسى دافېڭ بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لىن چياڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجى ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش روھىنى جەزمەن مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇپ ۋارىسلىق قىلىش، ئەۋلادمۇئەۋلاد ئەۋج ئالدۇرۇشنى تەكىتلىدى. ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىي، ئاساسىي قاتلام يېزا - بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ھەر مىللەت ئاممىنى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەيمەن.

شىنجاڭ باج ئىدارىسىنىڭ كادىرى لى ياڭنىڭ مۇنداق دېدى: «بىر پارتىيە ئەزاسى، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىي بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن باش شۇجىنىڭ تەلىپى بويىچە، ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش روھىنىڭ چاقىرىقى ۋە ئىلھامىدا، تىرىشىپ باج خىزمىتىدە كەسىپ ئەھلىگە ئايلىنىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق باج ئىشلىرى ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن».

ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ كۇچا شەھىرىنىڭ ئالاقاغا بازىرى باغۋەن كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى لى جۈن مۇنداق دېدى: «بىز چوقۇم ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئەڭ قاتتىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشىلايمىز».

«مەدەنىيەت خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ ھاياتى ۋە ئىسسىق قېنى ئارقىلىق تاۋلاپ چىقىلغان ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇلۇغ روھىنى تۈرلۈك ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتى شەكلى ئارقىلىق خاتىرىلەپ، تارقىتىپ، ھەر بىرىمىزنىڭ ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش، خەلققە بەخت يارىتىشتىكى جۇشقۇن ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرىمىز» دېدى شائىر دۈي شۆ.

شىنجاڭ سانائەت كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى ماشىنىسازلىق قۇرۇلۇشى شىسىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى شۈ يالى مۇنداق دېدى: باش شۇجى «ئۇلۇغ غەلىبىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۇلۇغ ئىشنى ئالغا سىلجىتىش»نى تەلەپ قىلىپ، بىزگە ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى. بىز ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ خەتەرلىك توسالغۇلاردىن قورقماسلىق، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش روھىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىپ، سوتسىيالىزمنىڭ لاياقەتلىك قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى تىرىشىپ يېتىشتۈرىمىز، قىزىل ئەنئەنىنى ياخشى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قىزىل گېنغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىمىز.

(مۇخبىر جيا چۇنشيا، قاتناشقان مۇخبىرلار گې يوۋجۈن، مېھرىگۈل ناسىر، جاڭ جىلى، لى لى، جاۋ چۇنخۇا، ئىختىيارىي مۇخبىرلار سۈن فۇچۈەن، ۋاڭ لىڭفاڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى