تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قەشقەر ۋىلايىتى كوناشەھەر ناھىيەسىدە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن بىرى بايقالدى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئۇقتۇرۇشىغا قارىغاندا، 10-ئاينىڭ 24-كۈنى قەشقەر ۋىلايىتى كوناشەھەر ناھىيەسى «تەكشۈرۈشكە تېگىشلىكلەرنى تولۇق تەكشۈرۈش» بويىچە ئېلىپ بېرىلغان قەرەللىك تەكشۈرۈشتە، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغۇچىدىن بىرنى بايقىغان.

بۇ كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى، ئايال، 17 ياش، قەشقەر ۋىلايىتى كوناشەھەر ناھىيەسى زەمىن يېزىسى 2-كەنتىدىن، 10-ئاينىڭ 24-كۈنى نوكلېئىك كىسلاتاسىنى قەرەللىك تەكشۈرۈشتە نەتىجىسى مۇسبەت چىققان، مۇتەخەسسىسلەر كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى دەپ دىياگنوز قويغان بولۇپ، قەشقەردىكى بېكىتىلگەن دوختۇرخانىغا يۆتكەپ تېببىي كۆزىتىلمەكتە. نۆۋەتتە، قىزىش، يۆتىلىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلمىدى.

شۇ كۈنى، قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابى دەرھال جىددىي لايىھە تۈزۈپ، تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى، نۆۋەتتە يېقىن ئۇچراشقانلارنىڭ ھەممىسى ئايرىپ تېببىي كۆزىتىلمەكتە ھەمدە نوكلېئىك كىسلاتاسى تەكشۈرۈلمەكتە، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن بۇ يۇقۇملانغۇچى ئىلگىرى پائالىيەت قىلغان جايلار ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈلمەكتە، ئالاقىدار ئۇچۇرلار جەمئىيەتكە ۋاقتىدا ئېلان قىلىنىدۇ.

سەھىيە تارماقلىرى ئاممىغا شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، كۈز، قىش پەسلى يېتىپ كەلدى، شەخسىي مۇداپىئە ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە پائال ماسلىشىپ، ئىلمىي ماسكا تاقاش، قولنى پات-پات يۇيۇش، دائىم ھاۋا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، ئارىلىق ساقلاپ، ياخشى تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. ئەگەر قىزىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى ياخشى قىلىپ، يېقىن ئەتراپتىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسىگە تېزدىن بېرىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى