تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمىنىڭ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن دۆلەتتىن چىقىپ ئۇرۇش قىلغانلىقىنىڭ 70يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى

شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى

لى كېچياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتناشتى

10 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمىنىڭ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن دۆلەتتىن چىقىپ ئۇرۇش قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ ۋېيبىڭ فوتوسى)

10 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمىنىڭ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن دۆلەتتىن چىقىپ ئۇرۇش قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمىنىڭ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن دۆلەتتىن چىقىپ ئۇرۇش قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى 10 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇلۇغ ئۇرۇشى جاھانگىرلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى، كېڭەيمىچىلىكىگە تاقابىل تۇردى، يېڭى جۇڭگونىڭ خەۋپسىزلىكىنى قوغدىدى، جۇڭگو خەلقىنىڭ تىنچ تۇرمۇشىنى قوغدىدى، چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇردى، ئاسىيا ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغدىدى. 70 يىل ئىلگىرىكى ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇلۇغ ئۇرۇشىنى ئەسلىسەك، نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەش ئېلىپ باردۇق، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ پارلاق ئىستىقبالىغا نەزەر سالساق، بىز چەكسىز قەيسەرلىككە، چەكسىز ئىشەنچكە تولىمىز. بىز ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىنىڭ جاپالىق مۇساپىسى ۋە ئۇلۇغ غەلىبىسىنى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ، ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇلۇغ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەردانە، غەيرەت - شىجائەتلىك بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىش يېڭى مۇساپىسىگە قاراپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قاراپ داۋاملىق باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك.

لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن يىغىنغا قاتناشتى.

خەلق سارىيىنىڭ چوڭ زالىدا كەيپىيات تەنتەنىلىك، قىزغىن ئىدى. رەئىس سەھنىسىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە «جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمىنىڭ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن دۆلەتتىن چىقىپ ئۇرۇش قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى» دېگەن يىغىن بەلگىسى ئېسىلغان، كەينىدىكى پەردىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا دۆلەت گېربى ئېسىلغان، دۆلەت گېربىنىڭ ئاستى تەرىپىدە «2020 - 1950» دېگەن ئاق رەڭلىك خەت بار ئىدى، ئون قىزىل بايراق ئىككى تەرەپكە بۆلۈپ تىزىلغانىدى. زالنىڭ ئىككىنچى قەۋىتىدىكى كۆرۈش سۇپىسىغا ئېسىلغان لوزۇنكىغا: «يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇلۇغ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەڭگۈ كۈرەش قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلايلى!» دېگەن خەتلەر يېزىلغانىدى.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا، يىغىن باشلاندى. ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئېيتتى. دۆلەت شېئىرى ئېيتىلىپ بولغاندىن كېيىن، پۈتۈن مەيداندىكىلەر ھۆرمەت بىلدۈرۈپ ئۆرە تۇرۇپ، ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان ئىنقىلابىي قۇربانلارغا سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈردى.

قىزغىن ئالقىش ساداسى ئىچىدە شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 70 يىل ئىلگىرى، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئوغۇل - قىزلىرىدىن تەشكىللەنگەن جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمى خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقى، مىللەتنىڭ ئۈمىدىنى زىممىسىگە ئېلىپ، تىنچلىقنى قوغداش، تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇش ھەققانىيەت بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، مەردانە، غەيرەت - شىجائەت بىلەن يالۇجياڭ دەرياسىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ئۇلۇغ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى ۋە ئىنقىلابىي قەھرىمانلىق روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، چاۋشيەن خەلقى ۋە ئارمىيەسى بىلەن بىرلىكتە، ئىككى يىل توققۇز ئاي مىسلىسىز مۇشەققەتلىك قان كېچىپ جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى. ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تارىخ سەھىپىسىگە مەڭگۈلۈك ئويۇلىدۇ، ئىنسانلارنىڭ تىنچلىق، تەرەققىيات، ئالغا بېسىش تارىخ سەھىپىسىگە مەڭگۈلۈك ئويۇلىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 70 يىلدىن بۇيان، بىز پېشقەدەم بىر ئەۋلاد ئىنقىلابچىلارنىڭ خەلقئارا ھەققانىيلىقنى قوغداش، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش، يېڭىدىن ۋۇجۇدقا كەلگەن جۇمھۇرىيەتنى قوغداش ئۈچۈن كۆرسەتكەن ئۆچمەس تۆھپىسىنى باشتىن - ئاخىر ئۇنتۇپ قالمىدۇق، تاغنى تالقان، چۆلنى بوستان قىلىدىغان شىجائەت بىلەن قەھرىمانلىق مەدھىيە ناخشىسىنى پۈتكەن جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمىنىڭ قوماندان - جەڭچىلىرى ھەمدە بۇ مەيدان ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان بارلىق كىشىلەرنى باشتىن - ئاخىر ئۇنتۇپ قالمىدۇق، ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان ئىنقىلابىي قۇربانلارنى باشتىن - ئاخىر ئۇنتۇپ قالمىدۇق، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ تۆھپىسى مەڭگۈ چاقناپ تۇرىدۇ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ شانلىق نامى مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ. شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمىنىڭ بارلىق ھايات تۇرۇۋاتقان پېشقەدەم جەڭچىلىرى، پېشقەدەم يولداشلار، يارىدار - مېيىپ شەرەپلىك ھەربىيلەرگە، ئەينى يىللىرى ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىغا ياردەم بەرگەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق، بولۇپمۇ ئالدىنقى سەپكە ياردەم بېرىشكە قاتناشقان خادىملارغا، جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمىدىكى ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى، ھەربىيلەر ئائىلە تەۋەلىرىگە ئەڭ سەمىمىي سالام يوللىدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىدا، چاۋشيەن پارتىيەسى، ھۆكۈمىتى، خەلقى جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمىغا كۆڭۈل بۆلدى، كۆيۈندى، ياردەم بەردى، جۇڭگو - چاۋشيەن ئىككى دۆلەت خەلقلىرى ۋە ئارمىيەسى مەنپەئەتداش، تەقدىرداش بولۇپ، ھايات - ماماتتا بىللە بولۇپ، ئىسسىق قېنى بىلەن ئۇلۇغ جەڭگىۋار دوستلۇق ئورناتتى. دۇنيادىكى تىنچلىقنى سۆيىدىغان بارلىق دۆلەتلەر ۋە خەلقلەر، دوستانە تەشكىلاتلار ۋە دوستانە زاتلار جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمىنىڭ چاۋشيەنگە كىرىپ ئۇرۇش قىلىشىغا كۈچلۈك ياردەم بەردى ۋە ئۇنى قوللىدى. شى جىنپىڭ جۇڭگو پارتىيەسى، ھۆكۈمىتى، ئارمىيەسىگە ۋاكالىتەن ئۇلارغا چىن قەلبىدىن رەھمەت ئېيتتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭخۇا مىللىتى تىنچلىقنى سۆيىدىغان مىللەت، جۇڭگو خەلقى تىنچلىقنى سۆيىدىغان خەلق. يېقىنقى زاماندىن بۇيان، جۇڭگو خەلقى كۈچلۈك جاھانگىر دۆلەتلەر تاجاۋۇزىنىڭ زىيىنىنى يەتكۈچە تارتتى، ئۇرۇش ئوتى ۋەيرانچىلىقىنىڭ ئازابىنى باشتىن كەچۈردى، ئۇرۇشنىڭ رەھىمسىز، تىنچلىقنىڭ قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەندى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، ھەممە ئىشنى قايتىدىن باشلاشقا، ھەممە كەسىپ - ساھەنى قايتا گۈللەندۈرۈشكە توغرا كەلدى، جۇڭگو خەلقى تىنچلىق، خاتىرجەملىكنى چەكسىز ئارزۇ قىلاتتى. لېكىن جۇڭگو خەلقىنىڭ بۇ ئارزۇسى قوپاللىق بىلەن خىرىس قىلىشقا ئۇچرىدى، جاھانگىر تاجاۋۇزچىلار ئۇرۇشنى جۇڭگو خەلقىگە مەجبۇرىي تاڭدى. ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشى ئۇرۇشۇۋاتقان ئىككى تەرەپنىڭ كۈچىدە ئىنتايىن چوڭ پەرق بولغان شارائىتتا ئېلىپ بېرىلغان بىر مەيدان زامانىۋى ئۇرۇش. مانا مۇشۇنداق ئىنتايىن تەڭپۇڭ بولمىغان، ئىنتايىن مۈشكۈل ئەھۋالدا، جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمى چاۋشيەن ئارمىيەسى، خەلقى بىلەن زىچ ماسلىشىپ، مىسلىسىز جاپالىق كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، چىش - تىرنىقىغىچە قوراللانغان رەقىبىنى مەغلۇپ قىلدى. ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسى جۇڭگو خەلقىنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرغاندىن كېيىن دۇنيانىڭ شەرقىدە قەد كۆتۈرگەنلىك خىتابنامىسى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشكە قاراپ ماڭغانلىقىنىڭ مۇھىم ئابىدىسى بولۇپ، جۇڭگو ۋە دۇنياغا نىسبەتەن مۇھىم، زور ھەم چوڭقۇر، ئۇزاق ئەھمىيەتكە ئىگە.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ ئۇرۇش ئارقىلىق، جۇڭگو خەلقى تاجاۋۇزچىلارنىڭ دۆلەت دەرۋازىسى ئالدىغا ئەسكىرىي كۈچ ئورۇنلاشتۇرۇش، بۇ ئارقىلىق يېڭى جۇڭگونى بۆشۈكىدىلا ئۇجۇقتۇرۇۋېتىش سۇيىقەستىنى تارمار قىلدى، يېڭى جۇڭگو ھەقىقىي تۈردە مەزمۇت پۇت تىرەپ تۇرالىدى؛ جۇڭگو خەلقى يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى باشقىلارنىڭ خالىغانچە تالان - تاراج قىلىشىغا ئۇچرايدىغان، باشقىلارنىڭ چىرايىغا قاراپ ئىش كۆرىدىغان 100 يىللىق ئار - نومۇسنى ئۈزۈل - كېسىل يۇيۇپ، «شەرقىي ئاسىيا كېسەل كۆرپىسى» دېگەن قالپاقنى ئۈزۈل - كېسىل چۆرۈپ تاشلىدى، جۇڭگو خەلقى ھەقىقىي تۈردە روھلاندى؛ جۇڭگو خەلقىنىڭ تاجاۋۇزچىلارنى مەغلۇپ قىلغانلىقى پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلىگە سالدى، يېڭى جۇڭگونىڭ ئاسىيا ۋە خەلقئارا ئىشلاردىكى مۇھىم ئورنىغا ئاساس سالدى، يېڭى جۇڭگونىڭ چوڭ دۆلەتلىك ئورنىنى نامايان قىلدى؛ خەلق ئارمىيەسى ئۇرۇش قىلىش جەريانىدا ئۇرۇش قىلىشنى ئۆگىنىپ، يەككە ئارمىيە تۈرىدىن كۆپ خىل ئارمىيە تۈرى بىرىككەن ئارمىيەگە ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى؛ 2 - دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىنكى ئاسىيا ھەتتا دۇنيانىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەندىزىسى چوڭقۇر يارىتىلىپ، پۈتۈن دۇنيادىكى ئېزىلگۈچى مىللەتلەر ۋە خەلقلەرنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ۋە خەلق ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى ھەققانىي ئىشلىرى ئىنتايىن زور ئىلھامغا ئېرىشىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئىلگىرىلەش ئىشلىرىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى. بۇ ئۇرۇش، تاغ - دەريالارنى ئامان ساقلاپ، ئائىلە دۆلەتكە ئەمىنلىك ئېلىپ كېلىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ زوراۋانلاردىن قورقمايدىغان پولاتتەك ئىرادىسىنى تولۇق نامايان قىلدى. بۇ ئۇرۇش، جۇڭگو خەلقىنىڭ كۆتۈرەڭگۈ جۇشقۇن روھىنى ئۇرغۇتۇپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ھەممە بىر نىيەتتە بولىدىغان قەيسەر خىسلىتىنى تولۇق نامايان قىلدى. بۇ ئۇرۇش، پۈتۈن دۇنيانى جۇڭگوغا يېڭىچە نەزەردە قارايدىغان قىلىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى تولۇق نامايان قىلدى. بۇ ئۇرۇش، خەلق ئارمىيەسىنىڭ جەڭگىۋارلىقى ۋە ھەيۋىسى بىلەن دۇنيانى زىلزىلىگە سېلىپ، باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ جەزمەن غەلىبە قىلىدىغان قەيسەر ئىرادىسىنى تولۇق نامايان قىلدى. بۇ ئۇرۇش، ھەققانىيەتنىڭ جەزمەن زوراۋانلىق ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدىغانلىقىنى، تىنچلىق، تەرەققىياتنىڭ توسۇۋالغىلى بولمايدىغان تارىخ ئېقىمى ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەردى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: قاينام - تاشقىنلىققا تولغان ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىدا، قەھرىمان جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمى ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇلۇغ روھىنى ياراتتى. ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇلۇغ روھى زامان - ماكاندىن ھالقىپ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يېڭىلىنىپ تۇردى، ئۇنى جەزمەن مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇپ ۋارىسلىق قىلىش، ئەۋلادمۇئەۋلاد ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك. مەيلى دەۋر قانداق تەرەققىي قىلسۇن، بىز ھەممىمىز زوراۋانلاردىن قورقمايدىغان، زوراۋانلىققا قارشى تۇرىدىغان مىللەتنىڭ خىسلىتىنى تاۋلىشىمىز كېرەك. مەيلى دەۋر قانداق تەرەققىي قىلسۇن، بىز ھەممىمىز ھەممە بىر نىيەتتە بولىدىغان، بىر نىيەتتە كۈچ چىقىرىدىغان مىللەتنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك. مەيلى دەۋر قانداق تەرەققىي قىلسۇن، بىز ھەممىمىز پىداكارلىق كۆرسىتىدىغان، ھاياتلىق ئۈچۈن ئۆلۈمدىن باش تارتمايدىغان مىللەتنىڭ قەيسەرلىكىنى تاۋلىشىمىز كېرەك. مەيلى دەۋر قانداق تەرەققىي قىلسۇن، بىز توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىدىغان، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان مىللەتنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى ئۇرغۇتۇشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشى غەلىبە قىلغان 60 نەچچە يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگودا مىسلىسىز غايەت زور تارىخىي ئۆزگىرىشلەر يۈزبېرىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى. بۈگۈن، بىز «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تارىخىي كېسىشىش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتىمىز، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش غەلىبىسى كۆز ئالدىمىزدا، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش ئىستىقبالىمىز پارلاق. ئۇلۇغ غەلىبىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۇلۇغ ئىشلارنى ئالغا سىلجىتىشتا، جەزمەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى تېخىمۇ قۇدرەتلىك، كۈچلۈك قىلىپ تاۋلىشىمىز شەرت؛ جەزمەن خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەممىدە خەلقنى كۆزلەپ، ھەممىدە خەلققە تايىنىشىمىز شەرت؛ جەزمەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىشىمىز شەرت؛ جەزمەن دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشىمىز شەرت؛ جەزمەن دۇنيا تىنچلىقى ۋە ھەققانىيلىقنى قوغداپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشىمىز شەرت.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: دۇنيا ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دۇنياسى، دۇنيا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق ۋە خىرىسقا ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرۇشىغا توغرا كېلىدۇ، تىنچ تەرەققىي قىلىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشلا جاھاندىكى توغرا يول. بۈگۈنكى دۇنيادا، ھەرقانداق يەككە تەرەپچىللىك، قورۇقچىلىق، چېكىدىن ئاشقان شەخسىي مەنپەئەتپەرەسلىكنىڭ ھەممىسى تۈپتىن ئاقمايدۇ. ھەرقانداق قاقتى - سوقتى قىلىش، قامال قىلىش، چېكىدىن ئاشقان بېسىم ئىشلىتىش شەكلىنىڭ ھەممىسى تۈپتىن ئاقمايدۇ. ھەرقانداق ئۆز بېشىمچىلىق، ئۆزىنى قالتىس چاغلاش قىلمىشى، ھەرقانداق مۇشتۇمزورلۇق، مۇتتەھەملىك، زومىگەرلىك قىلىش قىلمىشلىرىنىڭ ھەممىسى تۈپتىن ئاقمايدۇ. تۈپتىن ئاقمايلا قالماستىن، ئاخىرىدا مۇقەررەر ھالاك بولىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ئىزچىل مۇداپىئە خاراكتېرلىك دۆلەت مۇداپىئە سىياسىتىگە ئەمەل قىلىپ كەلدى، جۇڭگو ئارمىيەسى باشتىن - ئاخىر دۇنيا تىنچلىقىنى قوغدايدىغان قۇدرەتلىك كۈچ. جۇڭگو مەڭگۈ زومىگەرلىك قىلمايدۇ، كېڭەيمىچىلىك قىلمايدۇ، زومىگەرلىككە ۋە زوراۋانلىق سىياسىيغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. بىز دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىغا ھەرگىز قاراپ تۇرمايمىز، ھەرقانداق كىشى، ھەرقانداق كۈچنىڭ ۋەتىنىمىزنىڭ مۇقەددەس زېمىنىغا دەخلى - تەرۇز قىلىشىغا ۋە ئۇنى پارچىلىشىغا ھەرگىز يول قويمايمىز. مۇبادا مۇشۇنداق ئېغىر ئەھۋال يۈزبەرسە، جۇڭگو خەلقى جەزمەن قاقشاتقۇچ زەربە بېرىدۇ.

لى كېچياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسى ۋە غايەت زور تۆھپىسى ئومۇميۈزلۈك ئەسلەپ ئۆتۈلدى، خۇلاسىلەندى، ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش روھىنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتى ۋە دەۋر قىممىتى چوڭقۇر شەرھلەندى، ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىنىڭ تارىخىي ئىلھامى مۇپەسسەل كۆرسىتىپ بېرىلدى، دۆلەت زېمىنىنى، ئىگىلىك ھوقۇقىنى ۋە بىرلىكىنى قوغداش، رايون ۋە دۇنيا تىنچلىقىنى، مۇقىملىقىنى قوغداش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتىكى قەتئىي مەيدانى ۋە ئىرادىسى تەنتەنىلىك جاكارلاندى، ئۇلۇغ غەلىبىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش كېرەكلىكى تەكىتلەندى. كۆپچىلىك ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇلۇغ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىشى كېرەك.

ئاخىرىدا، پۈتۈن مەيداندىكىلەر بىرلىكتە «ۋەتەننى كۈيلەيمىز» دېگەن ناخشىنى ئۈنلۈك ئېيتتى، يىغىن جۇشقۇن ناخشا ساداسى ئىچىدە ئاخىرلاشتى.

يىغىندىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار «جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمىنىڭ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن دۆلەتتىن چىقىپ ئۇرۇش قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى» خاتىرە ئىزنىكىگە ئېرىشكۈچىلەر ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى ھەم كۆپچىلىك بىلەن بىللە سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

بېيجىڭدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرى، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى ھەمدە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى.

پىدائىي قىسىمنىڭ پېشقەدەم جەڭچىلىرى، پېشقەدەم يولداشلار، ئىنىقىلابىي قۇربانلار ئائىلە تەۋەلىرى قاتارلىقلارنىڭ ۋەكىللىرى، مەركەز، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى ۋە بېيجىڭ شەھىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلارنىڭ مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىستېر - ئەسكەرلىرى ۋەكىللىرى، پايتەختتىكى ھەر ساھە ئامما ۋەكىللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.