تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش بازىسىنى ياخشى قۇرۇش، ياخشى قوغداش

− ئاپتونوم رايوننىڭ ئالىي مەكتەپلەر لېكسىيە شۆبە ئۆمىكى ئالىي مەكتەپلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىدىن لېكسىيە سۆزلىدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ چۇنخۇا

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالىي مەكتەپلەر لېكسىيە شۆبە ئۆمىكى شىنجاڭ كەسپىي داشۆسى، جۇڭگو نېفىت داشۆسى (بېيجىڭ) قاراماي مەكتەپ رايونى، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى، ئۈرۈمچى كەسپىي داشۆسى، قەشقەر داشۆ، شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابىتى ئالىي تېخنىكومى، خوتەن كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىدىن لېكسىيە سۆزلىدى. ئەتراپلىق، چوڭقۇر شەرھلەش، تەسىرلىك، جانلىق يېشىپ چۈشەندۈرۈش ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش بازىسىنى ياخشى قۇرۇپ، ياخشى قوغداپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى بەرپا قىلىپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرىمىز.

10 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ داشۆ ماركسىزم شۆيۈەنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شۆيۈەن باشلىقى زۇلھايات ئىسمائىل ئۈرۈمچى كەسپىي داشۆسى شياڭيۈن مەكتەپ رايونىغا كېلىپ لېكسىيە سۆزلىدى.

ئۈرۈمچى كەسپىي داشۆسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى جاڭ شىنچياڭ بىر تەرەپتىن ئاڭلاپ، بىر تەرەپتىن خاتىرە قالدۇردى. جاڭ شىنچياڭ مۇنداق دېدى: «مەكتەپ ئۆزىنىڭ خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى سىنىپلارغا، دەرسخانىلارغا كىرگۈزۈشكە، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ كاللىسىغا سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىدىيەگە سىڭدۈرۈپ، ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا بېكىتىلگەن تۈرلۈك ۋەزىپىلەرگە مۇجەسسەملەپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى تىرىشىپ يېتىلدۈرىدۇ».

«شىنجاڭدىن ئىبارەت مېنى بېقىپ ئۆستۈرگەن بۇ تۇپراقتا مەن كۈنسايىن يۈزبېرىۋاتقان يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى بىۋاسىتە ھېس قىلدىم. بۇ نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ نەتىجىسى، شۇنداقلا بىز كۆپچىلىكنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىمىزدىن ئايرىلالمايدۇ.» بۇ مەكتەپنىڭ سودا - سانائەت باشقۇرۇش شۆيۈەنى بوغالتىرلىق 1908 - سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى لىزا بېكتۇرغان مۇنداق بىلدۈردى: بۇرچ تۇيغۇم ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇمنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كەسپىي بىلىملەرنى تېخىمۇ تىرىشىپ ئۆگىنىپ، جەمئىيەت ئەمەلىيىتىگە پائال ئاتلىنىپ، سوتسىيالىزمنىڭ بىر لاياقەتلىك قۇرغۇچىسى ۋە ئىزباسارى بولىمەن.

10 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ سىفەن داشۆسى سىياسىي - قانۇن شۆيۈەنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن تۇڭ جۇڭگو نېفىت داشۆسى (بېيجىڭ) قاراماي مەكتەپ رايونىدا لېكسىيە دوكلاتى بەردى. لېكسىيەنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىلەر چوڭقۇر ئىلھاملاندى. ئۇلار مۇنداق بىلدۈردى: 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى دەۋردىكى مائارىپ ئوقۇتۇشى ئۇسۇللىرى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش قابىلىيىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى تىرىشىپ ياخشى بەرپا قىلىمىز.

10 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، قەشقەر داشۆنىڭ بارلىق ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلىرى توردا ۋە تور سىرتىدا ئاڭلاشنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەكتەپ مۇدىرى قەيسەر ئابدۇكېرىمنىڭ لېكسىيەسىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى.

«2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، بىز بۇنىڭدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمىز ۋە ئىپتىخارلىنىمىز.» بۇ مەكتەپنىڭ ماتېماتىكا ۋە ئىستاتىستىكا شۆيۈەنىنىڭ 2 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى گو جياخۇي لېكسىيەنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق بىلدۈردى: «مەن 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى يەنىمۇ ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، غايە - ئېتىقادىمنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، ئۆگىنىشنىڭ كونكرېت نىشانىنى مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ نىشان بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جانلىق ئەمەلىيىتىدە ياشلىق ئارزۇيۇمنى قاناتلاندۇرىمەن».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى