تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمىنىڭ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن دۆلەتتىن چىقىپ ئۇرۇش قىلغانلىقىنىڭ 70يىللىقىنى خاتىرىلەش گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تېلېگراممىسى 10 - ئاينىڭ 23 - كۈنى جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمىنىڭ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن دۆلەتتىن چىقىپ ئۇرۇش قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى ئېچىلىش ئالدىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ نامىدا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمى لياۋنىڭ شېنياڭدىكى ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى، دەندۇڭدىكى ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش خاتىرە مۇنارى ۋە چاۋشيەن پىڭراڭدىكى جۇڭگو - چاۋشيەن دوستلۇق مۇنارى، گۇيساڭدىكى جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسىم ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدىن ئىبارەت تۆت جايدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى.

10 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە، لياۋنىڭ شېنياڭدىكى ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمى رەسمىي باشلاندى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ نامىدا تەقدىم قىلىنغان گۈل سېۋىتى ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە مۇنارىنىڭ دەل ئۇدۇلىغا قويۇلدى. گۈل سېۋىتىنىڭ قىزىل لېنتىسىغا «جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمىدىكى ئىنقىلابىي قۇربانلار مەڭگۈ ھايات!» دەپ يېزىلغانىدى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ يوۋشيا، مەركەزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيەنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت، شېنياڭدا تۇرۇشلۇق ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمدىكى مەسئۇل يولداشلار، ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىشكە قاتناشقان پىدائىي قىسىمدىكى پېشقەدەم جەڭچىلەر، پېشقەدەم يولداشلار ۋەكىللىرى ۋە ئىنقىلابىي قۇربانلار ئائىلە تەۋەلىرى ۋەكىللىرى، ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر ۋەكىللىرى، دۆلەت ئورگانلىرىدىكى خىزمەتچى خادىملار، ھەر ساھەدىكى ئامما ۋەكىللىرى قاتارلىقلار ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە مۇنارىغا يۈزلىنىپ سۈكۈتتە تۇردى، بۇنىڭغا جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمىدىكى ئىنقىلابىي قۇربانلارغا بولغان چوڭقۇر ئەسلەش ۋە ئۇلارغا بولغان ئالىي ئېھتىرام مۇجەسسەملەنگەنىدى. ئارقىدىن، پۈتۈن مەيداندىكىلەر ئىنقلابىي قۇربانلار خاتىرە مۇنارىغا ئېھتىرام بىلدۈردى ھەم بەش چوڭ ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىسىگە گۈل تەقدىم قىلدى.

شۇ كۈنى سائەت 9دا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ نامىدا دەندۇڭدىكى ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش خاتىرە مۇنارىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى لياۋنىڭ ئۆلكىلىك كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ گوچىڭ ھەمدە مەركەزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيەنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك ھەربىي رايون ھەم دەندۇڭدا تۇرۇشلۇق قىسىم قاتارلىقلاردىكى ئالاقىدار يولداشلار قاتناشتى.

10 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ نامىدا چاۋشيەن پىڭراڭدىكى جۇڭگو - چاۋشيەن دوستلۇق خاتىرە مۇنارى، گۇيساڭدىكى جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسىم ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمى ئىلگىرى - كېيىن ئۆتكۈزۈلدى، دۆلىتىمىزنىڭ چاۋشيەندە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لى جىنجۈن بارلىق ئەلچىخانا خادىملىرى ھەم چاۋشيەندىكى جۇڭگو تەرەپنىڭ باشقا خادىملىرى ۋەكىللىرىنى باشلاپ قاتناشتى.

يېقىندا، چاۋشيەن كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمىنىڭ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن دۆلەتتىن چىقىپ ئۇرۇش قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى داغدۇغىلىق خاتىرىلىدى. 10 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ كومىتېت باشلىقى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ كومىتېت باشلىقى جىن جېڭئېن گۇيساڭدىكى جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا بېرىپ گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلدى. شۇ كۈنى، چاۋشيەن تەرەپ جىن جېڭئېننىڭ نامىدا پىڭراڭدىكى جۇڭگو - چاۋشيەن دوستلۇق مۇنارىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلدى ھەم 10 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ئايرىم - ئايرىم ھالدا لياۋنىڭ شېنياڭدىكى ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى، دەندۇڭدىكى ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش خاتىرە مۇنارىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلدى. چاۋشيەندىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيەنىڭ ئالاقىدار ئاپپاراتلىرىمۇ پىڭراڭ، گۇيساڭ ئىككى جايدىكى خاتىرە ئەسلىھەلىرىگە گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.