تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ساياھەتچىلىكنىڭ قايتا جانلىنىشىنى تېزلىتىپ، جۇش ئۇرۇپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت كەسپى تەرەققىياتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى 6- قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئاچتى

ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ساياھەتچىلىكنىڭ قايتا جانلىنىشىنى تېزلىتىپ، جۇش ئۇرۇپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: 10 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت كەسپى تەرەققىياتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 6 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا 2020 - يىللىق ساياھەت خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، قىش پەسىللىك ساياھەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ساياھەت بازىرىنى جانلاندۇرۇشنى تېزلىتىش قاتارلىق خىزمەتلەر تەتقىق قىلىندى، ساياھەتچىلىكنىڭ قايتا جانلىنىشىنى تېزلىتىپ، جۇش ئۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلدى.

شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ خاس، ئەۋزەل كەسىپلىرىنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇش ئالدىنقى شەرتىدە، ساياھەت بازىرىنى جانلاندۇرۇشنى تېزلىتىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ھازىر، شىنجاڭ خىزمىتى يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتىدۇ، ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىدا ھەم پۇرسەت بار، شۇنداقلا خىرىسمۇ بار، لېكىن ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ۋەزىيىتى ئۆزگەرمىدى، بولۇپمۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتى سىجىل مۇقىم بولدى، ساياھەت مېخانىزمى، تۈزۈلمىسى تېخىمۇ تاكامۇللاشتى، مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتى، ساياھەتچىلەرنىڭ شىنجاڭغا كېلىش ئارزۇسى تېخىمۇ كۈچەيدى، ئاپتونوم رايونىمىز ساياھەتچىلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى، تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا پۇختا ئاساس سېلىندى.

شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ساياھەتچىلەرنىڭ پەرقلىق ئېھتىياجىنى توغرا ئىگىلەپ، كۆپ مەنبەلەشكەن ساياھەت مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇپ، ساياھەت بازىرىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىش كېرەك. ساياھەت تەشۋىقات ماركېتىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، دەل جايىدا بولغان ماركېتىڭنى قانات يايدۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپ مەنبەلىك ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش كېرەك. ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىيات مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ھازىرقى ئېتىبار بېرىش، يۆلەش سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاساسىدا، ساياھەت كارخانىلىرىنىڭ قىيىنچىلىقلىرى ۋە مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات ئىشەنچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ساياھەت بىخەتەرلىكىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، نۇقتىلىق ۋاقىت بۆلىكىدىكى ساياھەتچى مىقدارىنى كونترول قىلىش ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ساياھەتكە ئالاقىدار نۇقتىلىق ساھە ۋە ھالقىلارنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سۇ كەلگۈچە توغان سېلىش كېرەك.

شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەر دەرىجىلىك ساياھەت كەسپى تەرەققىياتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىلىرى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ساياھەت خىزمىتىنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش ۋە تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىشنى كۈچەيتىشى كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار پۈتۈن ۋەزىيەت قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، فۇنكسىيەلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەمكارلىشىش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى پائال قوللاپ، ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، ۋاڭ مىڭشەن، جاۋ چۇڭجيۇ، جاۋ چىڭ يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى