تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت «جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمىنىڭ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن دۆلەتتىن چىقىپ ئۇرۇش قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى»خاتىرە ئىزنىكى تارقاتتى

بۇ يىل جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمىنىڭ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن دۆلەتتىن چىقىپ ئۇرۇش قىلغانلىقىنىڭ 70يىللىقى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن دۆلەتتىن چىقىپ ئۇرۇش قىلىشقا قاتناشقان، ھازىرمۇ ھايات تۇرۇۋاتقان پىدائىي قىسىمدىكى پېشقەدەم جەڭچىلەر، پېشقەدەم يولداشلار قاتارلىقلارغا «جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمىنىڭ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن دۆلەتتىن چىقىپ ئۇرۇش قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى» خاتىرە ئىزنىكى تارقاتتى.

سۈرەتتە: «جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمىنىڭ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن دۆلەتتىن چىقىپ ئۇرۇش قىلغانلىقىنىڭ 70يىللىقى» خاتىرە ئىزنىكى(10 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تارتىلغان). (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى خې فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تېلېگراممىسى بۇ يىل جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمىنىڭ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن دۆلەتتىن چىقىپ ئۇرۇش قىلغانلىقىنىڭ 70يىللىقى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن دۆلەتتىن چىقىپ ئۇرۇش قىلىشقا قاتناشقان، ھازىرمۇ ھايات تۇرۇۋاتقان پىدائىي قىسىمدىكى پېشقەدەم جەڭچىلەر، پېشقەدەم يولداشلار قاتارلىقلارغا «جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمىنىڭ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن دۆلەتتىن چىقىپ ئۇرۇش قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى» خاتىرە ئىزنىكى تارقاتتى.

خاتىرە ئىزنىكىغا ئالتۇن ھەل بېرىلگەن قىزىل مىس، كۈمۈش ماتېرىيال ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئومۇمىي رادىئۇسى 50 مىللىمېتىر. خاتىرە ئىزنىكىنىڭ يادرولۇق قىسمىدا پىدائىي قىسىم جەڭچىلىرىنىڭ ئوبرازى ۋە 70 دەستە شانلىق نۇر بار بولۇپ، تىنچلىق كەپتىرى، سۇ سىزىقچىلىرى ۋە جۇڭگو - چاۋشيەن ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايرىقى ئېلېمېنتىدىن تۈزۈلگەن ئوردېن لېنتىسى ئارقىلىق تۆت ئەتراپى ئورالغان، ئەتراپىغا بەش يۇلتۇز، دارچىن يوپۇرمىقى ۋە بەش قېتىملىق جەڭگە سىمۋول قىلىنغان ئوق بېشى قاتارلىق ئېلېمېنتلار ئىشلىتىلگەن، جىندالەي گۈلىنىڭ بەش بەرگىلىك شەكلىنى ھاسىل قىلغان بولۇپ، جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمىنىڭ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن دۆلەتتىن چىقىپ ئۇرۇش قىلغانلىقىنىڭ 70يىللىقىغا سىمۋول قىلىنغان، بۇ، ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇلۇغ ئۇرۇشىنىڭ تىنچلىقنى قوغدايدىغان، تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرىدىغان ھەققانىي ئۇرۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇلۇغ روھى مەڭگۈ جۇڭگو خەلقىنىڭ قىممەتلىك بايلىقى بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ كۈچلۈك دۈشمەندىن قورقمايدىغان، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغدايدىغان، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىدىغان قەتئىي ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىنى نامايان قىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.