تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئېچىپ «13- بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننىڭ يولغا قويۇلۇشىنى خۇلاسىلەش، باھالاش دوكلاتىنى ئاڭلىدى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى 10 - ئاينىڭ 22 - كۈنى يىغىن ئېچىپ، «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننىڭ يولغا قويۇلۇشىنى خۇلاسىلەش، باھالاش دوكلاتىنى ئاڭلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «13 - بەش يىل»دىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىقتەك زىددىيەت، مەسىلىلەرنى كۈچلۈك، تەرتىپلىك پەسەيتىپ، تاشقى خىرىس كۆرۈنەرلىك كۈچىيىشتەك مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە تەمكىن، سالماق تاقابىل تۇرۇپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئېغىر ھۇجۇمىغا قەتئىي، كەسكىن تاقابىل تۇرۇپ، قەتئىي ھالدا بېكىتىلگەن نىشان - ۋەزىپىلەرگە قاراپ ئالغا ئىلگىرىلىدى، «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلدى، ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلەر ئومۇمىي جەھەتتىن قەرەلىدە ئىشقا ئاشىدۇ، مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىلەر ۋە 165 تۈرلۈك مۇھىم، زور قۇرۇلۇش تۈرى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بەردى، يىرىك پىلاندا بېكىتىلگەن تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەر پات ئارىدا غەلىبىلىك تاماملىنىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «13 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى تەرەققىيات ئارقىلىق، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشى، مۇقىم بولدى، ئىقتىسادىي قۇرۇلما سىجىل ئەلالاشتى، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش پۇختا قەدەمدە ئالغا سىلجىتىلدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرى پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش سالمىقى مىسلىسىز زورايتىلدى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا مۇھىم، زور بۆسۈش قولغا كەلتۈرۈلدى، سىرتقا ئېچىۋېتىش سىجىل كېڭەيتىلدى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش نەتىجىلىرى مول بولدى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش تېزلىتىلدى. تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى شۇكى، «13 - بەش يىل» ئەمەلىيىتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكى يەنىمۇ گەۋدىلەندى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى كىشىلەر قەلبىدىن تېخىمۇ چوڭقۇر ئورۇن ئالدى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ سىياسىي خىسلىتى ۋە كۈرەش قىلىش روھى، كۈرەش قىلىش قابىلىيىتى تاۋلاندى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ روھىي قىياپىتى تېخىمۇ روھلۇق، كۆتۈرەڭگۈ بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت ۋە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك كۈچ بىلەن تەمىنلىدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تاماملاش ۋە «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، پۇختا، ئەستايىدىل بولۇپ، غەلىبىسېرى ئالغا ئىلگىرىلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى بوشاشتۇرماي چىڭ كۆزلەپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش ئىرادىسىنى تەۋرەنمەي چىڭ ساقلاپ، ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تۈگىتىشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى بوشاشتۇرماي چىڭىتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا تۈرتكە بولۇشتا بوشاڭلىق قىلماي، «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنى تولۇق تاماملاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەرقايسى تەرەپلەر زېھنىي كۈچىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، «14 - بەش يىل»لىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى پىلانلاشقا تېخىمۇ مەركەزلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەتنى ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى قەلبىگە پۈكۈپ، دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەت ئۆزگىرىشى ئېلىپ كەلگەن يېڭى ئالاھىدىلىك، يېڭى تەلەپلەرنى چوڭقۇر تونۇپ، چىگىش، مۇرەككەپ خەلقئارا مۇھىت ئېلىپ كەلگەن يېڭى زىددىيەت، يېڭى خىرىسلارنى چوڭقۇر تونۇپ، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرىدىغانلىقىدەك مۇھىم، زور ھۆكۈمنى چوڭقۇر تونۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى چىڭ كۆزلەپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىش ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت قوش ئايلىنىش بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىشى كېرەك. پۇرسەتنى تۇتۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنىڭ ئورگانىك جىپسىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئىشنى ياخشى باشلىشى، قەدەمنى ياخشى ئېلىشى كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.