تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇلۇغ روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرايلى

− جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمىنىڭ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن دۆلەتتىن چىقىپ ئۇرۇش قىلغانلىقىنىڭ 70يىللىقىنى خاتىرىلەيمىز

بۇ يىل جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمىنىڭ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن دۆلەتتىن چىقىپ ئۇرۇش قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنىڭ تارىخىي كېسىشىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمى ياراتقان ئۆچمەس تارىخىي تۆھپىنى قايتا ئەسلەش، ھەيۋەتلىك جاسارەت بىلەن قەھرىمانلىق مەدھىيە ناخشىسىنى پۈتكەن، ئىنسانىيەت ئۇرۇش تارىخىدا ئاجىزلار كۈچلۈكلەرنى يەڭگەنلىكىدەك شانلىق ئۈلگىنى ياراتقان پىدائىي قىسىم قوماندان - جەڭچىلىرىگە ئېھتىرام بىلدۈرۈش، ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇلۇغ روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇش پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرۈش ۋە سەپەرۋەر قىلىشتا مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى ھەققانىيەتنىڭ غەلىبىسى، تىنچلىقنىڭ غەلىبىسى، خەلقنىڭ غەلىبىسىدۇر.» 70 يىل ئىلگىرى يۈزبەرگەن ئاشۇ ئۇرۇشنى جاھانگىر تاجاۋۇزچىلار جۇڭگو خەلقىگە زورلاپ تاڭغان. ئامېرىكا ئۆكتەملىك بىلەن چاۋشيەنگە ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش قوزغاپ ھەم جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇرۇشىغا پىسەنت قىلماي، ئۇرۇش ئوتىنى يېڭىدىن دۇنياغا كەلگەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت زېمىنىغا تۇتاشتۇرغان خەتەرلىك پەيتتە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتى قەتئىيلىك بىلەن ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش، يۇرتنى مۇھاپىزەت قىلىپ ۋەتەننى قوغداشتەك تارىخىي خاراكتېرلىك تەدبىر چىقارغان، قورقماس قەھرىمانلىق جاسارىتى بىلەن تىنچلىقنى قوغداشنىڭ تارىخىي بۇرچنى كەسكىنلىك بىلەن زىممىىسىگە ئالغان. بۇ، 2 - دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى تۇنجى مەيدان چوڭ كۆلەمدىكى خەلقئارالىق دائىرىلىك ئۇرۇش، كۈچ جەھەتتە ئىنتايىن تەڭلەشمىگەن، ئىنتايىن جاپالىق شارائىتتا، قەھرىمان جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمى ھەققانىيەت بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، چاۋشيەن خەلقى ۋە ئارمىيەسى بىلەن بىرلىكتە، ئىككى يىل توققۇز ئاي پىداكارلىق كۆرسىتىپ قان كېچىپ جەڭ قىلىپ، ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن. بۇ، تىنچلىقنى قوغداش، تاجاۋۇزچىلارغا قارشى تۇرۇش ھەققانىيەت جېڭى، ئۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئىنقىلابىي روھىنى ئەۋج ئالدۇرغان ۋە نۇرلاندۇرغان، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا رەھىمسىز ئۇرۇشتا چېنىققان خەلق ئارمىيەسىنى تاۋلىغان، يېڭى جۇڭگونىڭ دۆلەت ھەيۋىسى ۋە خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئارمىيە ھەيۋىسىنى كۆرسەتكەن، يەر - جاھاننى لەرزىگە سالىدىغان، ئىنتايىن تەسىرلىك ئۇرۇش مۆجىزىسىنى ياراتقان. بۇ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرمىللەت خەلق ئورتاق پۈتكەن سەلتەنەتلىك زەپەر مارشى بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زوراۋانلاردىن قورقمايدىغان، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغدايدىغان قەتئىي ئىرادىسى ۋە قۇدرەتلىك كۈچىنى تولۇق نامايان قىلغان، دۆلىتىمىزنىڭ خەلقئارا ئورنىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرگەن، پۈتۈن دۇنيادىكى ئېزىلگەن مىللەتلەر ۋە خەلقنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ۋە خەلق ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى ھەققانىيەت ئىشلىرىغا زور دەرىجىدە ئىلھام بولغان، دۇنيا تىنچلىقى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرىنى زور دەرىجىدە ئالغا سىلجىتقان.

ئىلگىرىكى ئىشلاردىن ئۆرنەك ئالغاندىلا، كەلگۈسىدىكى ئىشلارنى بىلگىلى بولىدۇ. ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشى غەلىبە قىلغاندىن بۇيان، جۇڭگودا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر يۈزبەردى. پارتىيەمىز پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرمىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەپ، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ ئىگىلىك تىكلەپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ياراتتى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاچتى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ غەلىبىسىدىن ئۈمىد بار، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى پارلاق ئىستىقبالنى كۈتۈۋالدى. بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرمەكتە، دۆلىتىمىز دەل جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، پارتىيەمىز خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى ئېلىپ بارماقتا. جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمىنىڭ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن دۆلەتتىن چىقىپ ئۇرۇش قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش دەل تەرەققىيات تەپەككۇرى، يىراقنى كۆزلەيدىغان نەزەر بىلەن تارىخقا تەپسىلىي قاراپ چىقىپ، ئەمەلىيەتنى كۆزىتىپ، كەلگۈسى ئۈستىدە ئويلىنىپ، تارىخىي تەجرىبىلەرنى تېخىمۇ ياخشى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭدىن ئەمەلىي ۋە يىراق كەلگۈسى مەنپەئەتكە ئېرىشىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەشتۇر.

جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمىنىڭ كۈچ مەنبەسى ۋە ئۇنىڭ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى تۈپ سەۋەبى ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىنىڭ ھەققانىي بولغانلىقىدا. بۇ مەيدان ھەققانىيەت ئۇرۇشى پۈتۈن دۇنيادىكى تىنچلىقنى سۆيىدىغان دۆلەت ۋە خەلقنىڭ ھېسداشلىقى، قوللىشى ۋە ياردىمىگە ئېرىشىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ھەققانىيەت قوشۇنى ئۇرۇش غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جاھانگىرلارنىڭ كۈچ دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بۇزۇپ تاشلىدى، ئاسىيا ھەمدە دۇنيا تىنچلىقىنى قوغدىدى. «بىزنىڭ ئىشىمىز ھەققانىي ئىش، ھەققانىي ئىشنى ھەرقانداق دۈشمەن بۇزۇۋېتەلمەيدۇ.» جۇڭگو خەلقى تىنچلىقنى قىزغىن سۆيىدۇ، تىنچلىقنى قەدىرلەيدۇ، دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداش، زومىگەرلىككە ۋە زوراۋانلىق سىياسىيسىغا قارشى تۇرۇشنى ئۆزىنىڭ مۇقەددەس ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتى دەپ بىلىدۇ، ھە دېسىلا قورال كۈچىنى ئىشقا سېلىش ياكى قورال كۈچى بىلەن تەھدىت سېلىش ئارقىلىق خەلقئارا تالاش - تارتىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. ئاتالمىش «دېموكراتىيە» «ئەركىنلىك» «كىشىلىك ھوقۇق» قاتارلىقلارنى دەستەك قىلىپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشىغا خالىغانچە ئارىلىشىشقا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشىمىز، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇشىمىز، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇشىمىز، قەتئىي تەۋرەنمەي تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىمىز كېرەك، تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇپ، خەلقئارا ئەخلاق - ھەققانىيلىق تەرىپىدە تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭگو ئارزۇسى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىدا تاۋلىنىپ شەكىللەنگەن ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇلۇغ روھى تولىمۇ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىق بولۇپ، جەزمەن جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنى بارلىق جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلارنى يېڭىپ، بارلىق كۈچلۈك دۈشمەن ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ.» ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇلۇغ روھى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ۋە خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئالىيجاناب خىسلىتىنىڭ جانلىق كارتىنىسى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقى ۋە مىللىي پەزىلىتىنىڭ مەركەزلىك نامايەندىسى، ۋەتەنپەرۋەرلىكنى يادرو قىلغان مىللىي روھنىڭ كونكرېت ئىپادىسى. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، بىز يەنىلا تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا دۇچ كېلىمىز، تۈرلۈك قىيىنچىلىق، ئەگرى - توقايلىقلارغا دۇچ كېلىمىز، پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇلۇغ روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كۈرەش قىلىش ماھارىتىنى كۈچەيتىپ، بارلىق قىيىنچىلىقلارنى بېسىپ چۈشىدىغان، قىيىنچىلىققا باش ئەگمەيدىغان ئىرادە ۋە جاسارەت بىلەن، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىشىمىز كېرەك.

ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسى بىزگە شۇنى بىلدۈردىكى، ئويغانغان، ۋەتەننىڭ شان - شەرىپى، مۇستەقىللىقى ۋە خەۋپسىزلىكى ئۈچۈن جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان مىللەتنى يەڭگىلى بولمايدۇ، ھەر قانداق كىشى، ھەر قانداق كۈچ زومىگەرلىك ۋاسىتىسى بىلەن ئۆزىنىڭ ئىرادىسىنى جۇڭگوغا مەجبۇرىي تېڭىشقا، جۇڭگونىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىشكە، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۆزىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىنى يارىتىش تىرىشچانلىقىغا توسقۇنلۇق قىلىشقا ئۇرۇنىدىكەن، جۇڭگو خەلقى بۇنىڭغا ھەرگىز قوشۇلمايدۇ. يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى مۇساپىنى باشلاپ، بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، بوران - چاپقۇنغا قارىماي ئالغا ئىلگىرىلەيلى. تارىخ شۇنى مۇقەررەر ئىسپاتلايدۇكى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشكە قاراپ يۈرۈش قىلغان تارىخ قەدىمىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.