تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى قاتارلىقلار يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى

قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 10 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 24 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە، گۇاڭدۇڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، «ئۇلۇغ غەلىبىنى ئەستە چىڭ ساقلاش تىنچلىق، ھەققانىيەتنى قوغداش − جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمىنىڭ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن دۆلەتتىن چىقىپ ئۇرۇش قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش باش تېما كۆرگەزمىسى»نى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، ھەمدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى قاتارلىقلارنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى تەتقىق قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

بىرىنچىدىن، قىلچە بوشاشماي دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، دائىملاشقان كۆزىتىش - ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پورتلاردا سەھىيە كارانتىن قىلىش، سوغۇق زەنجىرسىمان توشۇلىدىغان يېمەكلىكلەرنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ۋە ئەشيا ئوبوروتى ھالقىلىرىدا دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى سەھىيە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىلمىي مۇداپىئەلىنىشنى ياخشى ئىشلەشكە تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، كۈز، قىش پەسلىدىكى ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، ياخشى ئىشلەش كېرەك.

ئىككىنچىدىن، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىش ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىن ئىبارەت قوش ئايلىنىش بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىشىپ، سانائەتنىڭ ئاساسىنى كۈچەيتىپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ۋە تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى قەتئىي ساقلاپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى كۈچەپ ئەلالاشتۇرۇپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تولۇق قوزغىتىپ، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى ئىلمىي پىلانلاش كېرەك.

ئۈچىنچىدىن، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش كېرەك. مۇھىم ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىستېمىلىقلىقى، بىر پۈتۈنلۈكى، ماسلىشىشچانلىقىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇنىۋېرسال ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش؛ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش ۋاسىتىسىنى بېيىتىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش قاتلىمىنى ئۆستۈرۈپ، ئوچۇق ئىقتىساد تۈزۈلمىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئىچكى قۇرۇقلۇقنى ئېچىۋېتىش ۋە چېگرا بويىنى ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك.

تۆتىنچىدىن، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇش كېرەك. پەن - تېخنىكا بايلىقىنى تەقسىملەشنى بىرىكتۈرۈپ، ئەلالاشتۇرۇپ، پەن - تېخنىكا تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىشچان ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقاتتا ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇپ قوللىنىشنى تېزلىتىپ، كەسىپ زەنجىرى بىلەن يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى بارلىققا كەلتۈرۈش كېرەك.

بەشىنچىدىن، قەتئىي تۈردە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىش كېرەك. ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھالىتىنى ساقلاپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چىڭ كۆزلەپ، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، كىرىمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىش، مەسىلىنى تۈزىتىش، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنى كۆزىتىش - ئۆلچەش، ھەرىكەت ھالىتىدە ياردەم بېرىش - يۆلەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىچكى تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغاندىن كېيىن تەرەققىي قىلالايدىغان بولۇشقا، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئالتىنچىدىن، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش كېرەك. خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بېرىشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىۋى بايلىقنىڭ ئاساسىي قاتلامغىچە ئۇزارتىلىشىغا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇپ، كۆپ يوللار ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مائارىپ ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، داۋالاش مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، جەمئىيەت كاپالىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەنسىرەۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى چىن قەلب، چېن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەل قىلىش كېرەك.

يەتتىنچىدىن، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى تارىخى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن ئەندىزىسىنى تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزم تەرەققىيات تارىخىنى ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى تەربىيەسىنى كادىرلار تەربىيەسى، ياشلار، ئۆسمۈرلەر تەربىيەسى، جەمئىيەت تەربىيەسىگە كىرگۈزۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا يىلتىز تارتقۇزۇش كېرەك.

سەككىزىنچىدىن، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى ساقلاش كېرەك. قانۇنچىللىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىپ، مۇقىملىق پايدىسىنى سىجىل قويۇپ بېرىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، ئورتاق قۇرىدىغان، ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، لى يىفېي، سارقىت ئاقان، ۋاڭ مىڭشەن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.