تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايوننىڭ چارۋىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش بويىچە نەق مەيدان ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئېچىلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ: 10 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ چارۋىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش بويىچە نەق مەيدان ئالغا سىلجىتىش يىغىنى چۆچەك شەھىرىدە ئېچىلدى، ھەرقايسى جايلارنىڭ تەجرىبە، ئۇسۇللىرى ئالماشتۇرۇلۇپ، چارۋىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى خىزمەتلەر چوڭقۇر تەتقىق قىلىنىپ ۋە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ چارۋىچىلىق چوڭ رايونىدىن كۈچلۈك رايونغا ئۆزگىرىشىنى ئالغا سىلجىتىش تېزلىتىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: چارۋىچىلىق شىنجاڭنىڭ ئەنئەنىۋى خاس، ئەۋزەل كەسپى، چارۋىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاپتونوم رايونىمىز چارۋىچىلىقىنىڭ سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇش، 1 -، 2 -، 3 - كەسىپلەرنىڭ بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ يۇغۇرما تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشتا چوڭقۇر، ئۇزاق ئەھمىيەتكە ئىگە.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، چارۋىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، ھەقىقىي تۈردە گۆش قويى مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇش، سۈتچىلىكنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق «بەش چوڭ گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتى»نى ياخشى تۇتۇپ، تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، ئەلا سۈپەتلىك چارۋا، ئۆي قۇشلىرى بويىچە ئۆز ئالدىغا نەسىل بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى چارۋىچىلىقنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى قىلىش كېرەك. ئوت - چۆپ كەسپى ۋە يەم - خەشەك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پەن - تېخنىكا تىرىكى كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، چارۋىچىلىقنىڭ كەسىپلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، چارۋىچىلىقنىڭ يېشىل تەرەققىياتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ھەمكارلىشىش، ماسلىشىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۈردە ئوت - چۆپ، يەم - خەشەك زاپىسى، كۈز، قىش پەسلىدىكى ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى مۇقىم ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، چارۋىچىلىق تېخنىكىسى بويىچە يېتەكلەش، مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق چارۋىچىلىقتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇپ، چارۋىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىشتىكى تۈرلۈك سىياسەت، تەدبىرلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى