تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ھەيۋەتلىك زەپەر مارشى تارىخ بېتىگە مەڭگۈلۈك پۈتۈلگەن ئابىدە

− جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمىنىڭ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن دۆلەتتىن چىقىپ ئۇرۇش قىلغانلىقىنىڭ 70يىللىقى پەيتىدە

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى لى شۈەنلياڭ، مېي شىشيۇڭ، شۈ ياڭ، ۋاڭ چى

ۋەتەندىن 70 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئايرىلغان قەھرىمانلار ئاخىر ئۆيگە قايتىپ كەلدى!

2020 - يىلى 9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، كورېيە رېنچۇەن ئايروپورتىدىن ئۇچقان جۇڭگونىڭ مەخسۇس ئايروپىلانى شېنياڭ تاۋشيەن خەلقئارا ئايروپورتىغا قوندى، ئايروپىلاندا جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمىدىكى 117 نەپەر ئىنقىلابىي قۇرباننىڭ قالدۇق ئۇستىخىنى بار ئىدى.

بۇ، 7 - تۈركۈمدە ۋەتەنگە قايتۇرۇپ كېلىنگەن كورېيەدىكى پىدائىي قىسىم ئىنقىلابىي قۇربانلىرىنىڭ قالدۇق ئۇستىخىنى ھېسابلىنىدۇ.

«قېرىنداشلار، سىلەر ئاخىر قايتىپ كەلدىڭلار!» پىدائىي قىسىمنىڭ 88 ياشلىق پېشقەدەم جەڭچىسى لى ۋېيبونىڭ ئاۋازى بوغۇلۇپ، كۆز چاناقلىرى ياشقا تولدى، «ۋەتەن ۋە خەلق سىلەرنى ئۇنتۇپ قالمىدى!»

70 يىل ئىلگىرى، جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمىنىڭ قەھرىمان قوماندان - جەڭچىلىرى تىنچلىقنى قوغداش، تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇشتەك ھەققانىيەت بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، مەردانە ھالدا غەيرەت - شىجائەت بىلەن يالۇجياڭ دەرياسىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، چاۋشيەن خەلقى ۋە ئارمىيەسى بىلەن بىرلىكتە، ئىككى يىل توققۇز ئاي پىداكارلىق كۆرسىتىپ قان كېچىپ جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىشنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى.

بۇ، ھەققانىيەتنىڭ غەلىبىسى، بۇ، تىنچلىقنىڭ غەلىبىسى، بۇ، خەلقنىڭ غەلىبىسى!

ئۇلۇغ غەلىبىنىڭ شانلىق نۇرى مەڭگۈ چاقنايدۇ − چاقناپ تۇرغان يۇلتۇزلار كەبى قەھرىمانلار تارىخ ئاسمىنىدا نۇر چېچىپ تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىسمى خەلقنىڭ قەلبىگە مەڭگۈلۈك ئويۇلىدۇ.

ئۇلۇغ غەلىبە بىزگە ئىلھام بېرىدۇ − ئورۇندىغىلى بولمايدىغان ۋەزىپىنىڭ بارلىقىغا ئىشەنمەيمىز، يەڭگىلى بولمايدىغان قىيىنچىلىقنىڭ بارلىقىغا ئىشەنمەيمىز، يەڭگىلى بولمايدىغان دۈشمەننىڭ بارلىقىغا ئىشەنمەيمىز.

ئۇلۇغ غەلىبە كەلگۈسىدىن بېشارەت بېرىدۇ − جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشكە قاراپ مېڭىش تارىخىي قەدىمىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ.

ھەققانىيەت ئۇرۇشى

«جۇڭگو خەلقى چەت ئەلنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قەتئىي يول قويمايدۇ، جاھانگىرلارنىڭ ئۆز قوشنىلىرىغا خالىغانچە تاجاۋۇزچىلىق قىلىشىغىمۇ پەرۋاسىزلارچە قاراپ تۇرمايدۇ»

چوڭ دەريانىڭ دولقۇنى كەڭ.

تۆت ئەگمىلىك قالدۇق كۆۋرۈك كۈزدىكى يالۇجياڭ دەرياسىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. پارتلىتىپ ۋەيران قىلىنغان بۇ ئۈزۈك كۆۋرۈك ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىنىڭ ئەسلىمە كوردىناتىغا ئايلانغانىدى.

1950 - يىلى 10 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، ۋەتەن ۋە خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى زىممىسىگە ئالغان جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمى يالۇجياڭ دەرياسىدىن ھالقىپ ئۆتتى.

«ناخشا ساداسى يوق، گۈل يوق، ھەممە ئىش قاراڭغۇ كېچىدە ئېلىپ بېرىلدى.» پىدائىي قىسىمنىڭ 88 ياشلىق پېشقەدەم جەڭچىسى ۋۇ سۇڭلىن ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «كۆپچىلىكنىڭ كۆڭلىدە پەقەت يۇرتنى مۇھاپىزەت قىلىپ ۋەتەننى قوغداشتىن ئىبارەت بىرلا ئوي بار ئىدى!»

1950 - يىلى 6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، چاۋشيەن ئىچكى ئۇرۇشى پارتلىدى. ئامېرىكا ترۇمېن ھۆكۈمىتى ئۆكتەملىك بىلەن قوراللىق ئارىلاشتى، توپلانغان ئاتالمىش «بىرلەشكەن دۆلەتلەر ئارمىيەسى» چاۋشيەنگە ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش قوزغىدى. چاۋشيەن ئۇرۇشى تېزلىكتە ئىچكى ئۇرۇشتىن تاجاۋۇزچىلىق ۋە تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇش خەلقئارالىق دائىرىلىك ئۇرۇشقا ئايلاندى.

ئامېرىكا جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇرۇشىغا قارىماي، 38 - پاراللېلدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، جۇڭگو - چاۋشيەن چېگراسىدىكى يالۇجياڭ دەرياسى ۋە تۇمېنجياڭ دەرياسىغا قىستاپ كېلىپ، ئايروپىلانلىرىنى ئىشقا سېلىپ دۆلىتىمىزنىڭ شەرقىي شىمال چېگراسىدىكى شەھەر ۋە يېزا - كەنتلەرنى بومباردىمان قىلىپ، ئۇرۇش ئوتىنى يېڭى قۇرۇلغان جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت زېمىنىغا تۇتاشتۇردى.

شۇ يىلى 9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، مەمۇرىي ئىشلار كېڭىشىنىڭ زۇڭلىسى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى جوۋ ئېنلەي ئېنىق ئاگاھلاندۇرۇش قىلىپ مۇنداق دېدى: «جۇڭگو خەلقى چەت ئەلنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قەتئىي يول قويمايدۇ، جاھانگىرلارنىڭ ئۆز قوشنىلىرىغا خالىغانچە تاجاۋۇزچىلىق قىلىشىغىمۇ پەرۋاسىزلارچە قاراپ تۇرمايدۇ».

ۋاھالەنكى، ئامېرىكا ئورنىدىن دەس تۇرغان جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىرادىسى ۋە كۈچىنى زىيادە تۆۋەن مۆلچەرلەپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ كۆپ قېتىملىق ئاگاھلاندۇرۇشىغا پەرۋا قىلمىدى.

10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، ئالدى بىلەن جەنۇبىي چاۋشيەن ئارمىيەسى 38 - پاراللېلدىن ھالقىپ ئۆتتى، 10 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، ئامېرىكا ئارمىيەسىمۇ 38 - پاراللېلدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، تېزلىكتە چاۋشيەن - جۇڭگو چېگراسىغا ئىلگىرىلەپ كىرىپ، پۈتكۈل چاۋشيەننى ئىشغال قىلىشقا تەييارلاندى.

خەتەرلىك جىددىي پەيتتە، چاۋشيەن پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتى جۇڭگودىن ئەسكەر چىقىرىپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىشنى ئىلتىماس قىلدى.

ھەممە ئىشنى قايتىدىن باشلىغان يېڭى جۇڭگو دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك جاھانگىر دۆلەت ئامېرىكىغا جەڭ ئېلان قىلىشقا جۈرئەت قىلالامدۇ - قىلالمامدۇ؟ ئۇنىڭغا قارشى جەڭگە ئاتلىنالامدۇ - ئاتلىنالمامدۇ؟

جىددىي ۋەزىيەت ئالدىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى تولۇق مۇزاكىرە قىلىپ، پايدا - زىياننى دەڭسەپ كۆرگەندىن كېيىن، بىردەك مۇنداق قارىدى: جۇڭگو ئۇرۇشقا قاتنىشىشى، جەزمەن ئۇرۇشقا قاتنىشىشى كېرەك.

بىر تارىخىي ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر مەيدانغا كەلدى: ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش، يۇرتنى مۇھاپىزەت قىلىپ ۋەتەننى قوغداش!

1950 - يىلى 10 - ئاينىڭ 25 - كۈنىدىن 1951 - يىلى 6 - ئاينىڭ 10 - كۈنىگىچە، جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمى ئۇدا بەش قېتىم زور كۆلەملىك جەڭ قوزغاپ، چاۋشيەن ئۇرۇشىنىڭ ۋەزىيىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىپ، جەڭ سېپىنى 38 - پاراللېل ئەتراپىدا مۇقىملاشتۇرۇپ، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر ئارمىيەسى»نى ئىستراتېگىيەلىك مۇداپىئەگە ئۆتۈشكە مەجبۇرلىدى.

1951 - يىلى 7 - ئاينىڭ 10 - كۈنىدىن باشلاپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى جۇڭگو - چاۋشيەن ئىككى تەرەپ بىلەن كەيچېڭدا ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولدى.

ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتى بەزىدە سۆھبەت، بەزىدە جەڭ بولۇپ، بەزىدە ئۈزۈلۈپ، بەزىدە داۋاملىشىپ ئىككى يىلغا سوزۇلدى. 1953 - يىلى 7 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالاندى. جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمى چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلىپ، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى «بىرلەشكەن دۆلەتلەر ئارمىيەسى»نى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى.

«ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇلۇغ ئۇرۇشى تىنچلىقنى قوغداش، تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇشتىكى ھەققانىيەت ئۇرۇشى.» ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك باش مۇتەخەسسىسى خې لېي مۇنداق دېدى: جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمىنىڭ كۈچ مەنبەسىگە ئېرىشىشى ھەم ئۇنىڭ غەلىبە قازىنىشىدىكى تۈپ سەۋەب، ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇلۇغ ئۇرۇشىنىڭ ھەققانىي بولغانلىقىدا.

دەل ھەققانىيەت ئۇرۇشى بولغاچقا، پىدائىي قىسىم قوماندان - جەڭچىلىرى قانچە كۈرەش قىلغانسېرى شۇنچە قەيسەرلىشىدىغان تولۇپ تاشقان كۈرەش ئىرادىسى ۋە كۆتۈرەڭگۈ روھقا ئىگە بولدى، يەر - جاھاننى لەرزىگە سالىدىغان، ئىنتايىن تەسىرلىك ئۇرۇش مۆجىزىلىرىنى ئۈزلۈكسىز ياراتتى.

دەل ھەققانىيەت ئۇرۇشى بولغاچقا، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ، «ئادىمى بارلار ئادەم چىقىرىپ، پۇلى بارلار پۇل چىقىرىپ، ئاشلىقى بارلار ئاشلىق چىقىرىپ» ئارمىيەگە قاتنىشىش، ئۇرۇشقا قاتنىشىش، ئالدىنقى سەپكە ياردەم بېرىش قىزغىن دولقۇنىنى قوزغىدى.

دەل ھەققانىيەت ئۇرۇشى بولغاچقا، پۈتۈن دۇنيادىكى تىنچلىقپەرۋەر دۆلەتلەر ۋە خەلقلەر جۇڭگو - چاۋشيەن خەلقىگە ھېسداشلىق قىلدى، مەدەت بەردى ۋە ياردەم بەردى، ئەڭ ئاخىرىدا ھەققانىيەت قوماندانى ئۇرۇش غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جاھانگىرلىكنىڭ كۈچ دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئاسىيا شۇنداقلا دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغدىدى.

غەلىبە ئۇرۇشى

«غەرب تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ نەچچە يۈز يىلدىن بۇيانقى پەقەت شەرقتىكى بىر دېڭىز قىرغىقىدا نەچچە زەمبىرەكنى تىكلەپلا، بىر دۆلەتنى زورلۇق بىلەن بېسىۋالىدىغان دەۋرى كەلمەسكە كەتتى»

1950 - يىلى 10 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، پىدائىي قىسىم 40 - جۈننىڭ 18 ياشلىق جەڭچىسى لى شياڭيۈ چاۋشيەننىڭ ئېگىز تاغ ۋە تىك چوققىلىرىدا جەنۇبىي چاۋشيەن ئارمىيەسىنىڭ ئاۋانگارت قىسمى بىلەن ئۇشتۇمتۇت ئۇچرىشىپ قالدى.

شۇ كۈنى، پىدائىي قىسىم غەربىي سەپتىكى لياڭشۇيدۇڭ، يۈنشەن ۋە شەرقىي سەپتىكى خۇاڭساۋلىڭدا جەنۇبىي چاۋشيەن ئارمىيەسى بىلەن كەسكىن جەڭ قىلىپ، ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچتى.

«ۋېنجىڭ بىلەن لياڭشۇيدۇڭ ئارىلىقىدىكى تاشيولدا، بىزنىڭ 40 - جۈننىڭ 118 - شىسى بېشىنى توسۇش، قۇيرۇقىنى ئۈزۈش، بېلىنى سۇندۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، بىر سائەتتىلا جەنۇبىي چاۋشيەن ئارمىيەسىنىڭ بىر يىڭىنى يوقاتتى» دېدى لى شياڭيۈ ئەسلەپ.

كېيىن 10 - ئاينىڭ 25 - كۈنى جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمىنىڭ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن دۆلەتتىن چىقىپ ئۇرۇش قىلىش خاتىرە كۈنى قىلىپ بېكىتىلدى. خەلق ئارمىيەسى غەلىبىدىن غەلىبىگە قاراپ مېڭىش يولىدا، يەنە بىر نۇرلۇق كوردىناتنى تىكلىدى.

11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، «دۆلەت قۇرغۇچىلار شىسى» دەپ ئاتالغان ئامېرىكا ئارمىيەسى ئاتلىق ئەسكەرلەر 1 - شىسى چاۋشيەننىڭ شىمالىي قىسمىدىكى مۇھىم قاتناش تۈگۈنى بولغان يۈنشەن بازىرىغا توپلىشىپ، مۇشۇ جايدىن شىمالغا قاراپ داۋاملىق ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلاندى.

تەكەببۇر ئامېرىكا ئارمىيەسى جۇڭگونىڭ ئەسكەر چىقىرىپ ئۇرۇشقا قاتنىشىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى. پىدائىي قىسىم 39 - جۈنى توپ زەمبىرەك ئوقىنىڭ ھىمايىسىدە، يۈنشەنگە ھۇجۇم قىلدى. پىدائىي قىسىم جەڭچىلىرى شەھەرگە ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ، رەقىبىنىڭ ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ كوزىر شىسى ئىكەنلىكىنى بايقىدى. كوماندىر - جەڭچىلەرنىڭ قانلىرى مەۋج ئۇرۇپ، كۈرەش ئىرادىسى تېخىمۇ ئۇرغۇپ مۇنداق دېدى: «ئەدىپىنى بېرىدىغىنىمىز دەل مۇشۇ كوزىر شى!»

پىدائىي قىسىم ئامېرىكا ئارمىيەسى بىلەن بولغان چاۋشيەن جەڭ مەيدانىدىكى تۇنجى قېتىملىق كۈچ سىنىشىشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى. ئامېرىكا ئاتلىق ئەسكەرلەر 1 - شىسى ئېغىر زەربىگە ئۇچرىدى، 8 - تۇەنىنىڭ كۆپ قىسمى يوقىتىلدى.

بىرىنچى قېتىملىق جەڭدە، پىدائىي قىسىم 15 مىڭدىن ئارتۇق دۈشمەننى يوقىتىپ، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر ئارمىيەسى»نى چىڭچۈەنجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىغا چېكىندۈرۈپ، غەلىبە ئارقىلىق چاۋشيەن ئۇرۇش ۋەزىيىتىنى دەسلەپكى قەدەمدە مۇقىملاشتۇرۇپ، مەزمۇت پۇت تىرەپ تۇردى.

ۋاھالەنكى، ھايات - ماماتلىق ئېلىشىش تېخى ئەمدىلا باشلانغانىدى.

11 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، ئامېرىكا 7 - شىسى يالۇجياڭ دەرياسى بويىدىكى خۇيشەن بازىرىغا ئىلگىرىلەپ كىردى. 11 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر ئارمىيەسى»نىڭ باش سىلىڭى ماك ئاسۇر ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ يالۇجياڭ دەرياسى ھاۋا بوشلۇقىنى كۆزىتىپ بىر ئايلىنىپ، پۈتۈن دۇنياغا ئومۇمىي ھۇجۇمنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى ھەم: «مەن سۆزۈمنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى، يەنى بالىلارنىڭ ئۆيىگە قايتىپ روژدېستۋا بايرىمى ئۆتكۈزەلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.

ماك ئاسۇر پو ئېتىپ ئىككىنچى كۈنى، پىدائىي قىسىم پۈتۈن سەپ بويىچە جەڭدە قايتۇرما زەربە بەردى.

سۇڭگۇفېڭ − ئىلگىرى مىليونلىغان جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ غەيرىتىنى ئۇرغۇتقان جاي. 11 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تاڭ سۈزۈلگەندە، پىدائىي قىسىم 38 - جۈن 112 - شىسىنىڭ 335 - تۇەنى جەنۇبقا قاچقان ئامېرىكا ئارمىيەسىگە قوغلاپ زەربە بېرىش ئۈچۈن، يول بويى بۇ جايغا قىستاپ كەلدى. ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ نەچچە ئون زەمبىرىكى ۋە ئوندىن ئارتۇق تانكىسى مەركەزلەشتۈرۈپ ئوققا تۇتتى ھەم زور مىقداردا قاتۇرۇلغان بېنزىن بومبىسى تاشلىدى، جەڭ مەيدانى ئوت دېڭىزىغا ئايلاندى. پىدائىي قىسىم جەڭچىلىرى پۈتۈن بەدىنىنى ئوت يالقۇنى قاپلىغان ھالدا دۈشمەنگە ئېتىلىپ، ھايات - ماماتلىق ئېلىشتى.

ئېچىنىشلىق سۇڭگۇفېڭ جېڭى «ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەر كىم» دېگەن ماقالىگە كىرگۈزۈلدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، «ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەر» پىدائىي قىسىم قوماندان - جەڭچىلىرىنىڭ شەرەپلىك نامىغا ئايلاندى.

«بىزنىڭ غەلىبىمىز ئېلىشىش ئارقىلىق قولغا كەلگەن!» پىدائىي قىسىمنىڭ 91 ياشلىق پېشقەدەم جەڭچىسى چاڭ زۇڭشىن ئەينى ۋاقىتتا 27 - جۈن 79 - شى سىلىڭبۇسىنىڭ سەنموۋسى ئىدى، ئۇ چۈشىدە 70 يىل ئىلگىرىكى قان كېچىپ جان تىكىپ ئېلىشقان چاڭجىنخۇ جەڭ مەيدانىغا قانچە قېتىملاپ قايتىپ بارغىنىنى بىلمەيدۇ، «بەك سوغۇق، ھەقىقەتەن بەك سوغۇق ئىدى. نۇرغۇن سەپداشلىرىم توڭلاپ ئۆلۈپ كەتتى، مېنىڭ قۇلىقىم، بۇرنۇممۇ توڭلاپ ئۈششۈپ قالغانىدى، ھازىرغىچە كېسەل ئاسارىتى بار».

بۇ قېتىمقى جەڭدە، چاڭ زۇڭشىن تۇرۇشلۇق 27 - جۈن دۇنيانى زىلزىلىگە سالىدىغان ئۇرۇش نەتىجىسىنى ياراتتى − ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ «شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقى تۇەنى»نى تەلتۆكۈس يوقاتتى.

پىدائىي قىسىمنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇمىدا، ئامېرىكا ئارمىيەسى «قۇرۇقلۇق ئارمىيە تارىخىدىكى ئەڭ زور مەغلۇبىيەت»كە ئۇچراپ، 38 - پاراللېلنىڭ جەنۇبىغا پۈتۈن لىنىيە بويىچە چېكىندى.

1950 - يىلى 11 - ئاينىڭ 7 - كۈنىدىن 12 - ئاينىڭ 24 - كۈنىگىچە ئېلىپ بېرىلغان 2 - قېتىملىق جەڭدە، پىدائىي قىسىم «بىرلەشكەن دۆلەتلەر ئارمىيەسى»نىڭ پۈتۈن چاۋشيەننى ئىشغال قىلىش غەرىزىنى بىتچىت قىلىپ، چاۋشيەننىڭ ئۇرۇش ۋەزىيىتىنى تەلتۆكۈس ئۆزگەرتتى.

1951 - يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، پىدائىي قىسىم «بىرلەشكەن دۆلەتلەر ئارمىيەسى» بىلەن 38 - پاراللېلنىڭ جەنۇبى، شىمالى رايونلىرىدا ئۇدا ئۈچ قېتىم جەڭ قىلىپ، ئامېرىكا دائىرىلىرىنى چاۋشيەن ئۇرۇشى سىياسىتىنى تەڭشەشكە، ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتى ئارقىلىق ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى كۆزلەشكە مەجبۇرلىدى.

رەھىمسىز ئۇرۇش جەريانىدا، پىدائىي قىسىم ھەربىر ئىستىھكامنىڭ ھەممىسىدە دۈشمەن بىلەن تەكرار تالىشىش ئېلىپ باردى، دۈشمەننىڭ جانلىق كۈچىنى كۆپلەپ ئۆلتۈردى، يارىلاندۇردى. تيەندېشەن، مالياڭشەن، جىنچېڭچۇەن... پىدائىي قىسىمنىڭ ھەربىر ئىستىھكامىنىڭ ھەممىسى ئامېرىكا ئارمىيەسى ئەسكەرلىرىنىڭ قەبرىسىگە ئايلاندى.

جەڭ مەيدانىدا، ئامېرىكا ئارمىيەسى يادرو قورالىدىن باشقا بارلىق يېڭى تىپتىكى قوراللارنى ئىشلەتكەن بولسىمۇ، ھېچقانداق پايدا ئالالمىدى. 1953 - يىلى 7 - ئاينىڭ 27 - كۈنى سائەت 10دا، چاۋشيەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى بەنمېنديەندە رەسمىي ئىمزالاندى.

«بىرلەشكەن دۆلەتلەر ئارمىيەسى»نىڭ 3 - نۆۋەتلىك باش سىلىڭى ماك كلاك كېيىن ئەسلىمىسىدە مۇنداق يازدى: «مەن تارىختىكى غەلىبە قىلالمىغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئىمزا قويغان تۇنجى ئامېرىكا سىلىڭگۈەنى بولۇپ قالدىم...»

كلاك بۇنىڭدىن «ئۈمىدسىزلەندى ۋە ئازابلاندى»، ئۇنىڭ ئەكسىچە پېڭ دېخۇەي بولسا ئىپتىخارلانغان ھالدا مۇنداق جاكارلىدى: «غەرب تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ نەچچە يۈز يىلدىن بۇيانقى پەقەت شەرقتىكى بىر دېڭىز قىرغىقىدا نەچچە زەمبىرەكنى تىكلەپلا، بىر دۆلەتنى زورلۇق بىلەن بېسىۋالىدىغان دەۋرى كەلمەسكە كەتتى».

ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇلۇغ ئۇرۇشى يېڭى جۇڭگونىڭ دۆلەتنى مۇستەھكەملەش ئۇرۇشى، خەلق ئارمىيەسىنىڭ ھەيۋىسىنى نامايان قىلغان ئۇرۇش.

ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەتقىقاتچىسى جاڭ يوۋمىڭ مۇنداق قارىدى: چاۋشيەن جەڭ مەيدانىدا، ئارمىيەمىز ھازىرقى زامان ئۇرۇشىنىڭ قاتتىق سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىپ، ناچار تېخنىكىلىق جابدۇقلار ئارقىلىق ئەۋزەل تېخنىكىغا ئىگە كۈچلۈك دۈشمەننى يېڭىشتەك يېڭى جەڭ ئۇسۇلى ۋە يېڭى تەجرىبىلەرنى ئىجاد قىلىپ، ئارمىيەمىزنىڭ باتۇرانە، قەيسەرانە جەڭ قىلىش ئىستىلىنى تولۇق نامايان قىلىپ، ھازىرقى زامان ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلالايدىغان زور بىر تۈركۈم ھەربىي ئىشلار ئىختىساسلىقلىرىنى تاۋلاپ چىقتى. ئۇرۇشنىڭ تاۋلىشى دۆلىتىمىزنىڭ ھەربىي ئىشلار نەزەرىيەسى ۋە ھەربىي ئىشلار پەن - تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئارمىيەمىزنىڭ يەككە ئارمىيە تۈرى ئارقىلىق جەڭ قىلىشتىن كۆپ خىل ئارمىيە - قىسىم تۈرى بىرلىشىپ جەڭ قىلىشقا ئۆزگىرىش مۇساپىسىنى تېزلىتىپ، ئارمىيەمىزنىڭ ئىنقىلابىيلاشقان، زامانىۋىلاشقان، مۇنتىزىملاشقان قۇدرەتلىك ئارمىيە قۇرۇش يېڭى باسقۇچىغا كىرىشىنى ئالغا سىلجىتتى.

ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇش ئوتى ئىس - تۈتەكلىرىنى باشتىن كەچۈرگەن بۈگۈنكى كۈندىكى خەلق ئارمىيەسى شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيەنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشنى بويلاپ مەزمۇت قەدەملەر بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە.

مەنىۋى ئۇرۇش

«ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇلۇغ روھى بىزنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى بارلىق جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلارنى يېڭىشىمىزدىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ»

لياۋنىڭ دەندۇڭ، ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش خاتىرە سارىيى.

بۇ يىل 9 - ئاينىڭ 19 - كۈنى قايتا ئېچىلغاندىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ساياھەتچىلەر ۋە كۆرۈرمەنلەر بەس - بەستە بۇ يەرگە كېلىپ، تارىخنى ئەسلىدى، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئەتتى.

«ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشى تىللاردا داستان بولغۇدەك زەپەر مارشلىرىنى ياڭرىتىپلا قالماي، يەنە ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇلۇغ روھىنى تاۋلاپ چىقتى.» خاتىرە سارىيىنىڭ ساراي باشلىقى ليۇ جىڭيۈەن مۇنداق دېدى: «بۇ خىل روھ بىزنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى بارلىق جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلارنى يېڭىشىمىزدىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ!»

بۇ، ۋەتەن ۋە خەلقنىڭ مەنپەئىتى ھەممىدىن ئەلا ئورۇنغا قويۇلغان، ۋەتەن ۋە مىللەتنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتى ئۈچۈن پىداكارلىق كۆرسىتىلگەن ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىغا ئىگە تارىخىي داستان −

«مەردانە ھالدا غەيرەت - شىجائەت بىلەن يالۇجياڭ دەرياسىدىن ھالقىپ ئۆتىمىز. تىنچلىقنى قوغدايمىز، ۋەتەننى قوغدايمىز، يۇرت - ماكاننى مۇھاپىزەت قىلىمىز...» 70 يىل ئىلگىرى، دەل مۇشۇ خىل يىمىرىلمەس مەنىۋى كۈچنىڭ ئىلھامىدا، پىدائىي قىسىم توپچى ئەسكەرلەر 1 - شىسى 27 - تۇەنى 3 - يىڭى 8 - ليەنىنىڭ ئالاقىچىسى جاۋ يۈن ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى تۈركۈم - تۈركۈملەپ ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر بېسىپ، ئىس - تۈتەككە تولغان چاۋشيەن جەڭ مەيدانىغا ئاتلاندى.

«بىز دۆلەت ئۈچۈن بارلىق كۈچىمىزنى بېغىشلايمىز، دۆلەتكە سادىق بولىمىز.» جاۋ يۈن ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى ئۆزلىرىنىڭ ياش جۇمھۇرىيەتنىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە ئىززەت - ھۆرمىتىنى قوغدايدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشەنگەن.

«ۋەتەن بىزنىڭ ئارقىمىزدا، خەلق بىزنىڭ يېنىمىزدا.» ۋەتەن ۋە خەلققە بولغان چوڭقۇر مۇھەببەت پىدائىي قىسىمدىكى قوماندان - جەڭچىلەرنىڭ مەنىۋى تىرىكى. پىدائىي قىسىم دۆلەتتىن چىقىپ ئۇرۇش قىلغان كۈنلەردە، پۈتۈن مەملىكەتتە ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش داغدۇغىلىق ھەرىكىتى قوزغالدى. ياش ئوقۇغۇچىلار قىزغىنلىق بىلەن ئارمىيەگە قاتناشتى، زور تۈركۈمدىكى داۋالاش ئەترەتلىرى ۋە تۆمۈريول خىزمەتچى خادىملىرى، ئالدىنقى سەپكە ياردەمگە كەلگەن خەلق ئىشچىلىرى جەڭ مەيدانىغا ئاتلاندى، ھال سوراش خەتلىرى، ھال سوراش خالتىلىرى ئالدىنقى سەپكە كەينى - كەينىدىن ئەۋەتىلىپ، ئالدىنقى سەپتىكى قوماندان - جەڭچىلەرنىڭ كۈرەش ئىرادىسىگە زور ئىلھام بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئايروپىلان، زەمبىرەك ئىئانە قىلىش داغدۇغىلىق ھەرىكىتىمۇ پۈتۈن مەملىكەتتە قانات يايدۇرۇلدى. تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، پەقەت بىر يىلدىلا ئىئانە قىلىنغان پۇلغا 3710 كۈرەشچى ئايروپىلان سېتىۋالغىلى بولىدىكەن.

پىدائىي قىسىم ئۇچقۇچىسى خەن دېسەي ۋەتەن خەلقى ئىئانە قىلغان كۈرەشچى ئايروپىلاننى ھەيدەپ ئالدىنقى سەپكە بارغان. بىر قېتىملىق ھاۋا ئۇرۇشىدا، ئۇ ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ كوزىر ئۇچقۇچىسى فېشېرنى ئېتىپ چۈشۈرگەن. فېشېر ئەسىرگە چۈشكەندىن كېيىن، چوقۇم ئۆزىنى ئېتىپ چۈشۈرگەن ئادەم بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغان.

فېشېر ئەمدىلا 19 ياشقا كىرگەن خەن دېسەينى كۆرگەندە، تاقەت قىلالماي سورىغان: «مېنى ئېتىپ چۈشۈرگىنىڭ ئۈچۈن سەن قانچىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشەلەيسەن؟»

خەن دېسەي بارماقلىرىنى چىقىرىپ مۇنداق دېگەن: «500 مىليون!»

«500 مىليون دوللار؟»

«ياق! 500 مىليون جۇڭگو خەلقىنىڭ قەلبى!»

بۇ، باتۇرلۇق، قەيسەرلىك، پىداكارلىق كۆرسىتىدىغان ئىنقىلابىي قەھرىمانلىق روھى مارشى −

15 - جۈننىڭ جەڭچىسى چيۇ شاۋيۈن ئۇرۇشتا يوشۇرۇنۇپ تۇرۇۋاتقاندا، يېنىغا بەختكە قارشى دۈشمەننىڭ كۆيدۈرگۈچ بومبىسى چۈشتى. پۈتكۈل ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن، ئۇ شىددەتلىك ئوتنىڭ كۆيدۈرۈش ئاغرىقىغا بەرداشلىق بېرىپ، تاكى قەھرىمانلارچە قۇربان بولغۇچە مىدىر - سىدىر قىلمىدى، شۇ يىلى ئۇ ئەمدىلا 26 ياشتا ئىدى.

چيۇ شاۋيۈننىڭ جەسىتىنى جەڭ مەيدانىدىن كۆتۈرۈپ چۈشكەن پىدائىي قىسىمنىڭ پېشقەدەم جەڭچىسى خەن يۈەنچۈەن ئەينى ۋاقىتتىكى كۆرۈنۈشنى ئەسلەپ كۆز ياشلىرىنى توختىتالماي مۇنداق دېدى: «بويىنىڭ ئېگىزلىكى 1.7 مېتىردىن ئاشىدىغان ئادەم كۆيۈپ پەقەت 70 سانتىمېتىرچە قاپتۇ، شۇ كۆرۈنۈشنى بىر ئۆمۈر ئۇنتۇيالمايمەن...»

بۇ، جاپا - مۇشەققەتتىن قورقمايدىغان، باشتىن - ئاخىر كۆتۈرەڭگۈ جەڭگىۋارلىقنى ساقلايدىغان ئىنقىلابىي ئۈمىدۋارلىق روھى مېلودىيەسى −

شاڭگەنلىڭ چوققىسى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ «قايغۇ چوققىسى». 43 كېچە - كۈندۈزلۈك شىددەتلىك جەڭدە، دۈشمەن 3.7 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان بۇ ئېگىزلىككە 1 مىليون 900 مىڭدىن ئارتۇق زەمبىرەك ئوقى ئاتتى، 5000دىن ئارتۇق بومبا تاشلىدى. پىدائىي قىسىمنىڭ قەيسەرلىك بىلەن مۇداپىئە كۆرۈشى نەتىجىسىدە، تالاپەتكە ئۇچرىغانلار 25 مىڭغا يەتكەن دۈشمەن ئاخىر بەرداشلىق بېرەلمىدى. پىدائىي قىسىم ھەل قىلغۇچ قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، شاڭگەنلىڭ ئىستىھكامىنى پۈتۈنلەي قايتۇرۇۋېلىپ ھەم مۇستەھكەم ئىشغال قىلىپ، دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىنى ئۈزۈل - كېسىل تارمار قىلدى.

ئۇرۇشتىن كېيىنكى شاڭگەنلىڭ چوققىسى ئىككى مېتىر تۈزلىنىپ، بىر مېتىردىن كۆپرەك قېلىنلىقتا شېغىل پەيدا بولدى، بىرئوچۇم شېغىلدىنلا ئون نەچچە پارچە زەمبىرەك ئوقى پارچىسى چىقاتتى. پىدائىي قىسىم دۇنيا ئۇرۇش تارىخىدا مۇداپىئەلىنىش جېڭىنىڭ مۆجىزىسىنى ياراتتى.

پىدائىي قىسىم ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ياش جەڭچىلىرى پايانسىز بوشلۇقتا ئېلىشىپ، «بوشلۇقتا نەيزىۋازلىق قىلىش» جاسارىتى بىلەن، «كوزىر» دەپ نامى بار ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىگە قاقشاتقۇچ زەربە بەردى، دۈشمەننىڭ 330 ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈپ، 95 ئايروپىلانىنى زەخىملەندۈرۈپ، دۇنيا ھاۋا ئۇرۇشى تارىخىدا مۆجىزە ياراتتى.

پىدائىي قىسىم قوماندان - جەڭچىلىرى كېيىنكى مەزگىلدىكى بازىنى چىڭ ساقلاش جېڭىدە، دائىم بىرنەچچە كۈنگىچە سۇ ئىچەلمەي، كالپۇكلىرى قۇرۇپ يېرىلىپ قاناپ كەتتى، يەنە بەزىلەر لەخمىدە ئۇزاق تۇرغاچقا، تۈن قارىغۇسى بولۇپ قالغان بولسىمۇ، بىراق كۆپچىلىك باشتىن - ئاخىر ئىنقىلابىي ئۈمىدۋارلىق روھىنى ساقلاپ، جەڭ ئارىلىقىدا ھېكايە ئېيتىشىپ، ئويۇن قويۇشۇپ، ئۆزئارا جەڭگىۋارلىقنى ئۇرغۇتتى. كۆپچىلىك ئامالنىڭ بارىچە ئۆزىنىڭ «بازا ئۆيى»نى تۈزەشتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ زەمبىرەكتىن مۇداپىئەلىنىش ئاكوپىغا «تۆھپە قوشۇش ئاكوپى» «قەھرىمانلار ئاكوپى» «ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇش ئاكوپى» «غەلىبە ئاكوپى» دەپ نام قويدى.

بۇ، ۋەتەن ۋە خەلق يۈكلىگەن بۇرچنى تاماملايدىغان، مەرد - مەردانىلىك بىلەن ئۆزىنىڭ بارلىقىنى بېغىشلايدىغان ئىنقىلابىي سادىقلىق روھى سەھىپىسى −

20 - جۈندىكى ليەنجاڭ ياڭ گېنسى ئامېرىكا ئارمىيەسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش 1 - شىسىنىڭ سەككىز قېتىملىق ھۇجۇمىنى ئارقا - ئارقىدىن چېكىندۈرگەندىن كېيىن، ئەڭ ئاخىرقى پەيتتە پارتلاتقۇچ بوغچىسىنى كۆتۈرۈپ دۈشمەننى ھالاك قىلىش بىلەن تەڭ قۇربان بولدى. ياڭ گېنسى ئالاھىدە خىزمەت كۆرسەتكەن دەپ تولۇقلاپ ئەنگە ئېلىندى، ئۇ تۇرۇشلۇق ليەندۈيگە «ياڭ گېنسى ليەنى» دەپ نام بېرىلدى، بۇ نام تاكى بۈگۈنگە قەدەر خەلق ئارمىيەسى تەرتىپىدە ساقلىنىپ كەلمەكتە.

شاڭگەنلىڭ جېڭىدە، داڭلىق كۈرەش قەھرىمانى خۇاڭ جىگۇاڭ ئۆز ھاياتىنى قۇربان قىلىپ پىلىموتنىڭ ئالدىغا ئېتىلىپ بېرىپ، قىسىمنىڭ قايتۇرما زەربە بېرىشىگە غەلىبە يولى ئېچىپ بەردى، ئۇنىڭغا پىدائىي قىسىم ئالاھىدە دەرىجىلىك قەھرىمانى ۋە چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى قەھرىمانى، دەپ نام بېرىلدى.

خۇاڭ جىگۇاڭ قۇربان بولغاندىن كېيىن، رەئىس ماۋزېدۇڭ ئۇنىڭ ئانىسى دېڭ فاڭجىنى جۇڭنەنخەيگە مېھمان بولۇشقا تەكلىپ قىلىپ، سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: «دېڭ فاڭجى ئانا، سىز خۇاڭ جىگۇاڭنى ئىنتايىن ياخشى تەربىيەلەپسىز، ئۇنىڭغا خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش توغرىسىدا تەربىيە بېرىپسىز».

جۇمھۇرىيەت داھىيسى بىلەن قەھرىماننىڭ ئانىسىنىڭ قوللىرى چىڭ سىقىلدى. ماۋزېدۇڭنىڭ ئوغلى ماۋ ئەنيىڭمۇ پىدائىي قىسىمنىڭ جەڭچىسى ئىدى. 1950 - يىلى 11 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، ماۋ ئەنيىڭ دۈشمەن ئايروپىلانىنىڭ بومباردىمانىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولدى.

بۇ، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە ھەققانىيەت ئىشلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ئىنتېرناتسىيونالىزملىق روھى سىمفونىيەسى −

1952 - يىلى 1 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، چاۋشيەن پىڭئەننەن داۋچېڭچۇەن جۈن شىتيەنلى.

پىدائىي قىسىم جەڭچىسى لو شېڭجياۋ مۇزدەك سۇ ئاستىغا ئۈچ قېتىم شۇڭغۇپ كىرىپ، ئەڭ ئاخىرقى كۈچىنى ئىشلىتىپ چاۋشيەنلىك بالا سۈي يىڭنى قۇتقۇزۇپ چىقىپ، ئۆزىنىڭ قىممەتلىك ھاياتىنى تەقدىم قىلدى. شۇ يىلى ئۇ ئەمدىلا 21 ياشقا كىرگەنىدى.

چاۋشيەن خەلقى لو شېڭجياۋ قۇربان بولغان جايغا ياغاچ تاختا تىكلەپ، ئۈستىگە مۇنداق يازدى: «چاۋشيەن تۇپرىقىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن خەلقنىڭ ھەممىسى دوستىمىز يولداش لو شېڭجياۋنى مەڭگۈ ئەستە ساقلاپ، ئۇنىڭ ئۇلۇغ ئىنتېرناتسىيونالىزملىق روھىدىن ئۆگىنىشى كېرەك».

ئۇرۇشتا، جۇڭگو - چاۋشيەن ئىككى دۆلەت خەلقى ۋە ئارمىيەسى مەنپەئەتداش، تەقدىرداش بولۇپ، ھايات - ماماتتا بىللە بولۇپ، ئىسسىق قېنى بىلەن ئۇلۇغ جەڭگىۋار دوستلۇقنى ئورناتتى. پىدائىي قىسىمنىڭ قوماندان - جەڭچىلىرى جەڭ مەيدانىدا باتۇرلۇق بىلەن دۈشمەننى يوقاتتى، ئادەتتىكى ۋاقىتتا چاۋشيەننىڭ ھەربىر تاغ - دەرياسىنى، ھەربىر تۈپ گۈل - گىياھىنى ئاسرىدى، چاۋشيەن خەلقىنىڭ يىپ - يىڭنە چاغلىق نەرسىسىنىمۇ ئالمىدى، پۈتۈن كۈچى بىلەن چاۋشيەن خەلقىگە ياردەم بەردى.

1958 - يىلى، جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمىنى ئۇزىتىش كاتتا دۆلەت زىياپىتىدە، چاۋشيەن رەھبەرلىرى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن مۇنداق دېدى: «جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمى چاۋشيەندە خەلقىمىز مەڭگۈ ئۇنتۇمايدىغان ئۇلۇغ تۆھپىلەرنى قالدۇردى... سىلەر ياراتقان ئۇلۇغ تۆھپە پىرولېتارىيات ئىنتېرناتسىيونالىزمىنىڭ ئۈلگىسى، ئۇ تەرەققىيپەرۋەر ئىنسانىيەت تارىخىي سەھىپىسىگە مەڭگۈ يېزىلىدۇ».

جەڭ بايرىقى نېمە ئۈچۈن سۈرەتتەك گۈزەل، چۈنكى ئۇ قەھرىمانلارنىڭ ئىسسىق قېنى بىلەن بويالغان. زېمىندىن نېمە ئۈچۈن باھار كەتمەيدۇ، چۈنكى قەھرىمانلارنىڭ ھاياتىدىن گۈللەر ئېچىلغان...

جۇڭگو خەلق ئىنقىلابىي ھەربىي ئىشلار مۇزېيىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان «ئۇلۇغ غەلىبىنى ئەستە چىڭ ساقلاش تىنچلىق، ھەققانىيەتنى قوغداش − جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمىنىڭ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن دۆلەتتىن چىقىپ ئۇرۇش قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش باش تېما كۆرگەزمىسى»دە مۇنداق بىر گۇرۇپپا سانلىق مەلۇمات بار: «ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇلۇغ ئۇرۇشىدا، ئىلگىر - كېيىن بولۇپ 2 مىليون 900 مىڭدىن ئارتۇق پىدائىي قىسىم قوماندان - جەڭچىسى چاۋشيەنگە بېرىپ ئۇرۇشقا قاتناشقان، ئىككى يىل توققۇز ئاي قان كېچىپ جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىش ئارقىلىق، جەمئىي 710 مىڭدىن ئارتۇق دۈشمەننى يوقاتقان، يارىلاندۇرغان ۋە ئەسىرگە ئالغان، 360 مىڭدىن ئارتۇق پىدائىي قىسىم جەڭچىسى ئۇرۇشتا يارىلانغان ۋە قۇربان بولغان...»

پىدائىي قىسىمدا ئىلگىر - كېيىن بولۇپ 300 مىڭدىن ئارتۇق قەھرىمان، تۆھپىكار ۋە 6000غا يېقىن تۆھپىكار كوللېكتىپ بارلىققا كەلدى. ئۇلار جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قەھرىمان ئوغۇل - قىزلىرى بولۇشقا مۇناسىپ، ۋەتەننىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە دۇنيا تىنچلىقىنىڭ كۈچلۈك قوغدىغۇچىلىرى بولۇشقا مۇناسىپ، «ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەر» دېگەن شەرەپلىك نامغا مۇناسىپ.

ئۇلۇغ روھ زامان - ماكاندىن ھالقىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىلگىرىلەش يولىنى يورۇتتى.

تارىختىن كەلگۈسىگە، غەلىبىدىن غەلىبىگە قاراپ ئىلگىرىلەش كېرەك. ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇش ئوتىدا تاۋلانغان جۇڭگو جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە. مۇشۇ پەيت، مۇشۇ دەقىقىدە، مەڭگۈ يىمىرىلمەس ھەقىقەت يەنە بىر قېتىم كىشىلەرنىڭ قەلبىدە چەكسىز ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى ئۇرغۇتتى −

ھەققانىيەت جەزمەن غەلىبە قىلىدۇ! تىنچلىق جەزمەن غەلىبە قىلىدۇ! خەلق جەزمەن غەلىبە قىلىدۇ!

(قاتناشقان مۇخبىرلار: ۋاڭ ۋېي، زوۋ مىڭجۇڭ، جاڭ يىفېي) (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.