ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇش رىتىمى تېز، خىزمەت بېسىمى ئېغىر، نۇرغۇن كىشىلەر ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش، يېمەك-ئىچمەك قانۇنىيەتلىك بولماسلىق قاتارلىق ناچار ئادەتلەرنى يېتىلدۈرگەنلىكتىن، ئاشقازىنى ئاغرىيدۇ.
نۇرغۇن كىشىلەر ئاشقازىنى ئاغرىسىلا، ئاغرىق توخىتىش دورىسى يەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئاغرىق توخىتىش دورىسى ئاغرىق سېزىمىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ، كېسەللىكنى يىلتىزىدىن يوقىتالمايدۇ. ئاشقازان ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر ناھايىتى كۆپ، ئاغرىق توختىتىش دورىسىنى قارىغۇلارچە يېگەندە، كېسەللىك ئالامەتلىرىنى يوشۇرۇپلا قالماي، داۋالاشقىمۇ پايدىسىز، يەنە كېسەللىك ئەھۋالىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، ئاشقازان تېشىلىش، ئاشقازان قاناش قاتارلىق ئېغىر مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئاشقازان ئاغرىقىنى پەرقلەندۈرۈش، كېسەللىك سەۋەبىنى تېپىپ چىقىش ۋە ۋاقتىدا داۋالىنىش ئاقىلانە تەدبىر ھېسابلىنىدۇ.
داۋالاش تەكلىپى: كۈندىلىك تۇرمۇشتا قانۇنىيەتلىك غىزالىنىشقا دىققەت قىلىش، ئاچچىق-چۈچۈك، غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەردىن ساقلىنىش، ھاراق-تاماكا تاشلاش، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش، كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرۇش؛ دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ھەزىم قىلىشنى ياخشىلايدىغان ھەمدە ئاشقازاننىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان دورىلارنى يېيىش كېرەك. ئەگەر ئۇزۇن ۋاقىت ياكى ئېغىر دەرىجىدە ھەزىم قىلىش ياخشى بولماي، ئورۇقلاپ كېتىش، قان ئازلىق قاتارلىق «ئاگاھلاندۇرۇش» ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، ۋاقتىدا داۋالىنىش، ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئەزا خاراكتېرلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشىنىڭ بار-يوقلىنى تۈگىتىش كېرەك.
خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى