تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىت

شىنجاڭ كورلا: كۈز مەنزىرىسى بىلەن پۈركەنگەن «قاقاس تاغ»

10-ئايدا، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى كورلا شەھىرىدىكى قاقاس تاغنى كۆكەرتىش بەلبېغىنىڭ كۈز مەنزىرىسى يېقىشلىق بولۇپ، ئالتۇن رەڭلىك توغراقلار، رەڭگارەڭ دەل-دەرەخلەر، ئۆتۈشمە كۆۋرۈكلەر شەپەق نۇرىدا شەھەردىكى قۇرۇلۇشلار بىلەن گىرەلىشىپ، ناھايىتى گۈزەل تۈسكە كىرىپ، شەھەر ئاھالىلىرى ئارام ئالىدىغان، بەدەن چېنىقتۇرىدىغان ياخشى سورۇنغا ئايلاندى.

شەھەر ئەتراپىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاش ئۈچۈن، 1997-يىلىدىن باشلاپ، كورلا شەھىرى قاقاس تاغنى كۆكەرتىش ئۈچۈن 23 يىل تىرىشىپ، ھازىرغىچە تەخمىنەن 100 مىڭ مو قاقاس تاغ كۆكەرتىلدى، ئاساسلىقى توغراق، جۇزغۇن، يۇلغۇن، قارا ئارچا، چوڭ مېۋىلىك جىغان، چىلان، جىرمە، ئۈجمە، قارىياغاچ، ئەرمۇدۇن قاتارلىق ئىھاتە ئورمىنى ۋە ئىقتىسادىي ئورمانلارنى ئۆستۈرۈپ، شەھەر ئەتراپى ئىھاتە ئورمىنى سىستېمىسىنىڭ ئاساسىي رامكىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلدى.

«学习强国» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونى: تۇنجى قار 30 مىڭ مو توغراقلىقنى بېزىدى
  • شىنجاڭ ئارشاڭ: چارۋىچىلارنىڭ رايون ھالقىپ كۆچۈشى
  • ماناس ناھىيەسى دۇڭمەيدى كەنتى كەنت كوللېكتىپ بايلىقى، مۈلكى، مەبلىغىنى جانلاندۇردى