تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

خوتەن يەرلىك يۆبىڭى: يېيىشلىك ھەم ئەرزان بولۇپ، بازىرى ئىتتىك بولدى

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سۇڭ ياۋېن خەۋىرى): 10-ئاينىڭ 18-كۈنى سەھەردە، خوتەن شەھىرىنىڭ جىيا يېزىسى شاخ مەھەللە كەنتىدىكى مىنخۇەن يېمەكلىك پىششىقلاش زاۋۇتىدىن چىققان يۆبىڭنىڭ مەززىلىك پۇرىقى پۈتۈن زاۋۇت رايونىنى قاپلىدى.

  زاۋۇتتا 20 نەچچە ئىشچى ـ خىزمەتچى يۆبىڭ ياساش، خېمىر يۇغۇرۇش، قىيما قىلىش، قېلىپنى بېسىش، تۇخۇم سۇيۇقلۇقى سۈرۈش، قاقلاپ پىشۇرۇش، ئوراپ قاچىلاش...بىلەن ئالدىراش بولۇپ، ھەرقايسى ئىش ھالقىلىرى تەرتىپلىك، رەتلىك ئىدى.

  مىنخۇەن يېمەكلىك پىششىقلاش زاۋۇتىنىڭ مەسئۇلى مەتياسىن مەتتۇرسۇن بىكار تۇرالمايدىغان ئادەم ئىدى، بۇ يىل 37 ياشقا كىرگەن ئۇ شاخ مەھەللە كەنتىدىن بولۇپ، يىل بويى خوتەن شەھىرىدە تىجارەت قىلاتتى. بىر قېتىملىق تاسادىپىي پۇرسەتتە، مەتياسىن شۇ جاينىڭ يەرلىك يۆبىڭىنى تېتىپ قالدى ھەم مەخسۇس يۆبىڭ ياساش تېخنىكىسىنى ئۆگەندى.

  «يەرلىك يۆبىڭنىڭ يېيىشلىك ياكى يېيىشلىك ئەمەسلىكىدە، مۇھىمى يېمەكلىك ماتېرىياللىرى بولۇپ، مەنبەدىن چىڭ تۇتۇش كېرەك، كەنتتىكى ياڭاق، ھەسەل، ئۇنلارنىڭ ھەممىسى ‹يېشىل› بولىدۇ، مۇشۇنداق بولغاندىلا ئاندىن يېيىشلىك يۆبىڭ ياسىغىلى بولىدۇ.» ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن، مەتياسىن شاخ مەھەللە كەنتىگە قايتىپ يېمەكلىك پىششىقلاش زاۋۇتى قۇرۇشنى قارار قىلدى.

  بۇلتۇر، شىنجاڭ قۇرۇلۇش شۆيۈەنىنىڭ شاخ مەھەللە كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، مەتياسىن يېمەكلىك پىششىقلاش زاۋۇتى قۇردى.

  مەتياسىن مۇنداق دېدى: «قولدا ياسالغان يۆبىڭنىڭ ياسىلىشى __ قىيما تەڭشەش، قىيما قىلىش، قىيما ئوراش قاتارلىق كۆپ خىل ئىش تەرتىپىدىن ئۆتىدۇ، نۇرغۇن ئىشچى ـ خىزمەتچىگە ئېھتىياجلىق، ھازىر زاۋۇتتا ئون مۇقىم ئىشچى ـ خىزمەتچى، 15 ۋاقىتلىق ئىشچى بار، ھەممىسى ئەتراپتىكى كەنتتىكى يۇرتداشلار، ھەر بىر كىشىنىڭ ئايلىق مائاشى 1500 يۈەندىن 4000 يۈەنگىچە بولىدۇ».

  ئاتىكەم جېلىل مەتياسىننىڭ قوشنىسى ئىدى، ئائىلىسىدە ئادەم كۆپ، يەر ئاز بولۇپ، بالىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان بولغاچقا، سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە ئامالسىز ئىدى، بىر ئائىلە كىشىلىرى ئېرىنىڭ مەدىكارلىق قىلغان كىرىمىگە تايىنىپ تۇرمۇشىنى قامدايدىغان بولۇپ، كەنتتىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە ئىدى. كەنتتە يېمەكلىك پىششىقلاش زاۋۇتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇ زاۋۇتقا كېلىپ ئىشلىدى، ھازىر تۇرمۇشى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. «مېنىڭ ھازىر بىر ئايدا 2500 يۈەن مائاشىم بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆيۈمگە ناھايىتى يېقىن، ھەم ئائىلە كىرىمىمنى ئاشۇردۇم، ھەم بالامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالايمەن، مەن ئىنتايىن خۇشال» دېدى ئاتىكەم كۈلۈپ تۇرۇپ.

  بۇ خىل قولدا ياسالغان يۆبىڭنىڭ سىرتقى يۈزى چۈرۈك بولسىمۇ، لېكىن ئۇۋالمايدۇ، قىيمىسى تاتلىق، لېكىن كۆڭۈلگە تەگمەيدۇ، باھاسىمۇ قىممەت ئەمەس، كونا ھالىتى، كونا تەمى نۇرغۇن خېرىدارلارنى جەلپ قىلدى. مىنخۇەن يېمەكلىك پىششىقلاش زاۋۇتى ئىشلەپچىقارغان يۆبىڭ خوتەن شەھىرىنى تەمىنلىگەندىن باشقا، يەنە ئۈرۈمچى ۋە ئىچكىرى رايونلاردىكى بازارلارغا سېتىلدى. «بىزنىڭ ياسىغان يۆبىڭىمىز ئېھتىياجنى قاندۇرالمايدۇ، خېرىدارلار ئالدىن زاكاز قىلمىسا سېتىۋالالمايدۇ» دېدى مەتياسىن كۈلۈپ تۇرۇپ.

  «كەنتتە نۇرغۇن ئايال سىرتقا چىقىپ ئىشلىيەلمەيدۇ، يېمەكلىك پىششىقلاش زاۋۇتى ئۇلارنىڭ ئىشىك ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇردى. ئۇنىڭدىن باشقا، يۆبىڭ ياسايدىغان ماتېرىياللارنىڭ ھەممىسىنى كەنت ئاھالىلىرى تەمىنلىگەن بولۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىمۇ ھەل قىلىندى» دېدى خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 ـ شۇجى جاڭ يۇڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى