تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

خۇايۈەن كەنتى كەسىپلەر ئارقىلىق بېيىش يولىغا ماڭدى

بوشلۇقتىن خۇايۈەن كەنتىگە نەزەر (10-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان).

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: دۆلەت ئىچىدە قىزىل ياغاچ بىرىنچى كەنتى، دەپ ئاتالغان دۇڭياڭ شەھىرى نەنما بازىرى خۇايۈەن كەنتى جېجياڭنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشتىن ئىلگىرى شۇ جايدىكى نامى چىققان نامرات تاغلىق كەنت ئىدى، 40 يىلغا يېقىن يېڭىلىق يارىتىش، كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، خۇايۈەن كەنتى «ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش»تىن «ماددىي جەھەتتە پاراۋان، مەنىۋىي جەھەتتە باي بولۇش»قىچە، يەنە «گۈزەل جېجياڭ قۇرۇش، گۈزەل تۇرمۇش يارىتىش»قىچە بولغان تىپنى ئۆزگەرتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، كەسىپلىرى گۈللەنگەن، ئېكولوگىيەسى ياشاشقا باب كېلىدىغان، يېزا ئىستىلى مەدەنىي، ئىدارە قىلىنىشى ئۈنۈملۈك، تۇرمۇش باياشات بولغان يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىدىكى ئۈلگىلىك كەنت ۋە گۈزەل يېزا-كەنت قۇرۇلۇشىدا ئۈلگە كۆرسىتىش كەنتىگە ئايلاندى.

     خۇايۈەن كەنتىدە ئاساسلىقى قىزىل ياغاچ ئائىلە سايمانلىرى ۋە ياغاچ بۇيۇملار، بىيولوگىيە ۋە تېببىي دورىگەرلىك، يېڭى ئېنېرگىيە ۋە يېڭى خام ماتېرىياللار، يېڭى تىپتىكى قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ۋە بىناكارلىق، مائارىپ-سەھىيە ۋە ساياھەت-مەدەنىيەتتىن ئىبارەت بەش چوڭ كەسىپ بار. 2019-يىلى، خۇايۈەن كەنتى 60 مىليارد 200 مىليون يۈەنلىك تىجارەت كىرىمىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە يىللىق كىرىمى 135 مىڭ يۈەنگە يەتكەن، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىن 5 مىليون 700 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋالغان.          شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شۈ يۈ فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى