تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز جاڭ دۇڭمېي، چىن پېڭ فوتوسى، خەۋىرى): قىش پەسلىنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن، مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى سەل قاراشقا بولمايدىغان مەسىلە ھېسابلىنىدۇ، 10-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى مائارىپ تارماقلىرى بىلەن بىرلىشىپ، خەلق ساقچىلىرىنى تەشكىللەپ، پۈتۈن شەھەردىكى مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىغا قارىتا ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىنىڭ يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈگىتىش ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى.
10-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى يۆجىنگەي كوچىسىنىڭ شەرققە ئۇزارتىلغان ئۈزۈك يولىدا، تىيانشان رايونلۇق قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى شەرقىي ئايلانما يولى ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ يېتەكچىسى ئابابەكرى ئابدۇكېرىم مەكتەپ ئاپتوموبىلىدىكى ئوت ئۆچۈرگۈچنىڭ ئۈنۈملۈك ئىشلىتىش مۇددىتىنى تەكشۈرمەكتە.
10-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى يۆجىنگەي كوچىسىدىكى شەرققە ئۇزارتىلغان ئۈزۈك يولدا، تىيانشان رايونلۇق قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى تەشۋىقات ئىشخانىسىنىڭ ساقچىسى نىڭ جياڭخەي مەكتەپ ئاپتوموبىلىدىكى بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تەكشۈرمەكتە.
10-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى يۆجىنگەي كوچىسىدىكى شەرققە ئۇزارتىلغان ئۈزۈك يولدا، تىيانشان رايونلۇق قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى تەشۋىقات ئىشخانىسىنىڭ ساقچىسى نىڭ جياڭخەي مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىغا سەپلەنگەن جىددىي قۇتقۇزۇش ساندۇقى ئىچىدىكى جىددىي قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرىنىڭ تولۇق ياكى تولۇق ئەمەسلىكىنى تەكشۈرمەكتە.