تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

بورتالا: تاقىۋېتىلگەن قۇم-شېغىل كانلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تۈزەش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى

  ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر ۋاڭ يايۈن، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى مۇخبىرلار پونكىتىدىن جاڭ شياۋمىن): «بىزنىڭ بۇ يىلقى كېچىكىپ پىشىدىغان ئۈزۈم سورتلىرىمىزنىڭ مەھسۇلات مىقدارى ناھايىتى ياخشى، سېتىلىش مىقدارىمۇ يامان ئەمەس، ئومۇمىي كىرىمىمىز 10 مىليون يۈەنگە يەتتى» دېدى بورتالا شەھىرى فېڭيۈەن تېرىقچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ باش دىرېكتورى جەي ياۋمىڭ. بىر نەچچە يىل ئىلگىرى قۇم-شېغىل كېنى قېزىلىش سەۋەبىدىن تاغ گەۋدىسىنىڭ يالىڭاچلىنىپ قالغان ھالىتىنى ئويلىغاندا، ئۇ ئۇھسىنىپ قويدى.

  بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بورتالا شەھىرى دالتۇ بازىرى شالتۇ بۇلاق كەنتىدە، ئۈزۈملەر ئۈزۈپ بولۇنغان 2000 مودىن ئارتۇق ئۈزۈم بازىسى يەنىلا ياپيېشىل بولۇپ، بۇ يەردە ئىلگىرى تەخمىنەن 70 مو كۆلەمدىكى قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلىدىغان قۇم-شېغىل كېنىنىڭ بارلىقىنى ھېچكىم پەرەز قىلالمايتتى. ھازىرغىچە، قۇم-شېغىل كانى ئىگىلىگەن يەرلەرنىڭ ھەممىسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى ھەمدە ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى.

  ئىگىلىنىشىچە، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش 8-گورۇپپىسى نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش قايتما ئىنكاس پىكرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بويىچە تۈزىتىش لايىھەسى»نىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا گېئولوگىيەلىك مۇھىتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تۈزەش زۆرۈر بولغان تاقىلىپ قالغان 21 كان بار ئىكەن.

  2018-يىلىدىن بۇيان، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ئاپتونوم رايوننىڭ مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش قايتما ئىنكاس پىكرى بويىچە تۈزىتىش خىزمىتى تەلىپىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تاقىلىپ قالغان كان مۇھىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تۈزەش خىزمىتىنى مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈپ، پۈتۈن ئوبلاستتىكى تاقىلىپ قالغان 21 كاننىڭ تۈزەش كۆلىمى كەڭ، قىيىنلىق دەرىجىسى چوڭ بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىگە قارىتا «كىم بۇزغۇنچىلىق قىلسا، شۇ تۈزەش» پىرىنسىپىغا ئاساسەن، كان ئەھۋالىغا قاراپ تەدبىر قوللىنىپ، تۈزەش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تۈركۈمگە بۆلۈپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىز قوغلاپ ھەيدەكچىلىك قىلىپ تەكشۈرۈپ، ئېكولوگىيە ئۈنۈمى، ئىقتىساد ئۈنۈمى، جەمئىيەت ئۈنۈمىدىن كۆپ تەرەپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان يېشىل تەرەققىيات يولىدا قەتئىي ماڭدى.

  ھازىرغىچە، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى تاقىۋېتىلگەن كانلارنى تۈزەش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملاپ، تۈزەش كۆلىمىنى 0.9282 كىۋادرات كىلومېتىرغا يەتكۈزدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى