تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

2020-يىلى جۇڭگو قەشقەر يىپەك يولى مەدەنىيەت توغراق بايرىمى باشلاندى

   تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلار ئايشەمگۈل ئابلا، يىن تۇڭيۈەن، جانات تولقىن، ۋاڭ جوۋ خەۋىرى، فوتوسى): ئالتۇن كۈزدىكى 10-ئاي، دەل يەكەن دەرياسى ۋادىسىدىكى توغراقلىقنىڭ ئەڭ گۈزەل مەزگىلى. 10-ئاينىڭ 22-كۈنى، 2020-يىللىق جۇڭگو شىنجاڭ قەشقەر يىپەك يولى مەدەنىيەت توغراق بايرىمى قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيەسىدىكى يەكەن دەرياسى ئېكولوگىيە ساياھەت رايونىدا باشلاندى، بەش كۈن ئىچىدە بەش جايدىن ھالقىپ ئۆتكەن توغراق ساياھىتى رەسمىي باشلاندى.

   10-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئارتىسلار «2020-يىللىق جۇڭگو شىنجاڭ قەشقەر يىپەك يولى مەدەنىيەت توغراق بايرىمى»دا ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلىماقتا. شۇ كۈنى، قەشقەر ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن «2020-يىللىق جۇڭگو شىنجاڭ قەشقەر يىپەك يولى مەدەنىيەت توغراق بايرىمى» يەكەن ناھىيەسىنىڭ يەكەن دەرياسى ئېكولوگىيە ساياھەت رايونىدا باشلاندى. يىپەك يولى مەدەنىيەت توغراق بايرىمى ئۆتكۈزۈلۈشى ئارقىلىق، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى دوستلارنى شىنجاڭغا، قەشقەرگە كېلىپ، «شىنجاڭ ياخشى جاي»نىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلىشقا جەلپ قىلىندى.

  بۇ قېتىمقى يىپەك يولى مەدەنىيەت توغراق بايرىمىدا، يەكەن ناھىيەسىدە ئاساسىي يىغىن مەيدان، پوسكام ناھىيەسى، مەكىت ناھىيەسى، مارالبېشى ناھىيەسى، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدە جەمئىي تۆت شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى. پائالىيەت كۈنى، «يىپەك يولى مۇھەببىتى، يەكەن دەرياسى سېھرىي كۈچى» 12 مۇقامدىن ئارىيە ئورۇنلاش بىلەن يەكەن ناھىيەسىدىكى ئاساسىي يىغىن مەيدانى پائالىيىتى رەسمىي باشلاندى. ئارقىدىن شىنجاڭنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن نەچچە يۈز ساياھەتچى «بوشلۇق شاھزادىسى» ئادىل ھۇشۇرنىڭ يەكەن دەرياسىدىن توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈش داۋاز ئويۇنىنى كۆردى.

   10-ئاينىڭ 22-كۈنى، «بوشلۇق شاھزادىسى» ئادىل ھۇشۇر (سولدا) قاتارلىقلار ساياھەتچىلەرگە داۋازلىق ئويۇنى كۆرسەتمەكتە. شۇ كۈنى، قەشقەر ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن «2020-يىللىق جۇڭگو شىنجاڭ قەشقەر يىپەك يولى مەدەنىيەت توغراق بايرىمى» يەكەن ناھىيەسىنىڭ يەكەن دەرياسى ئېكولوگىيە ساياھەت رايونىدا باشلاندى. يىپەك يولى مەدەنىيەت توغراق بايرىمى ئۆتكۈزۈلۈش ئارقىلىق، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى دوستلارنى شىنجاڭغا، قەشقەرگە كېلىپ، «شىنجاڭ ياخشى جاي»نىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلىشقا جەلپ قىلىندى.

  ئىگىلىنىشىچە، 10-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 26-كۈنىگىچە، پوسكام ناھىيەسى، مەكىت ناھىيەسى، مارالبېشى ناھىيەسى، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدىن ئىبارەت تۆت شۆبە يىغىن مەيدانى ئاساسى يىغىن مەيدانىنىڭ پائالىيەتلىرى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇلۇپ، پوسكام ناھىيەسىدە «يەكەن دەرياسىدا قاشتېشى بايقاش ساياھىتى»، مەكىت ناھىيەسىدە «N39°لۇق قۇملۇق ئېكسپېدىتسىيە ساياھىتى»، مارالبېشى ناھىيەسىدە «يىپەك يولى توغراقتىن ھۇزۇرلىنىش ساياھىتى»، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدە «مۇزلۇقتا پىيادە مېڭىش جەڭ ئېلان قىلىش ساياھىتى» قاتارلىق بىر قاتار خاس پائالىيەتلەر قانات يايدۇرۇلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونى: تۇنجى قار 30 مىڭ مو توغراقلىقنى بېزىدى
  • شىنجاڭ ئارشاڭ: چارۋىچىلارنىڭ رايون ھالقىپ كۆچۈشى
  • ماناس ناھىيەسى دۇڭمەيدى كەنتى كەنت كوللېكتىپ بايلىقى، مۈلكى، مەبلىغىنى جانلاندۇردى