تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

سائادەت ئەمەت ئائىلىسىنىڭ ئىككى ئېغىز ئۆيى

   10-ئاينىڭ 15-كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 13-شى ليۇشۇچۈەن دېھقانچىلىق مەيدانى 4-ليەنىدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاھالە سائادەت ئەمەتنىڭ ئىشىكى ئالدىدىكى ئاق تېرەكلەر مەيىن شامالدا توختىماي شىلدىرلايتتى.

   ھويلىدا، سائادەت ئەمەت بەخىرامان ئاپتاپقا قاقلىنىۋاتاتتى. ئۆينىڭ كەينىدىكى قويلارنىڭ مەرەشلىرى بىلەن ئۇ چۆچۈپ ئويغاندى، كەينىگە قاراپ خۇشاللىقىنى باسالماي قالدى، ئەسلىدە بۇ ليەن پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، ليەن باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ جىداۋيۈەنى ئۆمەر يۈسۈپ كەلگەنىدى، «شۇجى، تېز ئۆيگە كىرىڭ، مەن ناھايىتى خۇشال، ئۆيۈمدىكى ئۆزگىرىشلەرنى بىرەرسىگە سۆزلەپ بېرىشنى ئويلاپ تۇرغانىدىم.» ئۇ ئۆمەر يۈسۈپنىڭ قولىنى تۇتقىنىچە، توختىماي رەھمەت ئېيتتى.

   ھويلىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكىسى، كونا پاسوندىكى رەڭلىك پولات تاختىلىق ئۆي بولۇپ، ئاق رەڭلىك، قىشتا سوغۇق، يازدا ئىسسىق ئىدى؛ سول تەرەپتىكىسى يېڭىدىن سېلىنغىنىغا بىر يىلدىن ئاشقان خىش ئۆي بولۇپ، ئۇمۇ ئاق رەڭدە، قىشتا ئىسسىق، يازدا سالقىن ئىدى.

   سائادەت ئەمەتنىڭ تۇرمۇشى بەختلىك ئەمەس ئىدى: بۇ يىل 56 ياشقا كىرگەن ئۇ يۈرەك كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىنىڭ 3-مەزگىلى قاتارلىقلارغا گىرىپتار بولغىنىغا ئۇزۇن يىل بولغان بولۇپ، 2015-يىلى ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىن ئۆزى يالغۇز ليۇشۇچۈەن دېھقانچىلىق مەيدانىغا قايتىپ كەلدى، ئىنىسى ئۇنى ئاشۇ رەڭلىك پولات تاختىلىق ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى. 

   سائادەت ئەمەت يەنىلا تەلەيلىك ئىدى: ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك قىلالمىغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇرالغۇ ئۆيى بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە يەتمىگەچكە، 2018-يىلى، ليۇشۇچۈەن دېھقانچىلىق مەيدانى ئۇنى نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش ئاھالىسى قىلىپ بېكىتتى ھەمدە سىياسەتتە تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلىدىغان ئائىلىلەر قاتارىغا كىرگۈزدى. تۇەن-چاڭ، ليەندۈيلەر ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشى ئامال ئىزدىدى: يېڭى ئۆي سېلىپ بېرىپ، تۆۋەن كاپالەت دائىرىسىگە كىرگۈزۈش.

   2018-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى، يېڭى ئۆي پۈتتى، بۇ ئۆي 30 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان، ئىككى ئېغىزلىق ئۆي بولۇپ، گەرچە چوڭ بولمىسىمۇ، ئەمما كونا رەڭلىك پولات تاختىلىق ئۆيدىن كۆپ ياخشى ئىدى.

   «بىزنىڭ شى خەلق قوراللىق بۆلۈمىمىز 10 مىڭ يۈەن، تاۋ شىنشېڭ 1500 يۈەن، خوۋ لۇڭسەي 1500 يۈەن ئىئانە قىلدى... جەمئىي 18 مىڭ يۈەن بولدى» ئۇ ئۆزىگە ياردەم قىلغان ھەربىر ئادەم، ھەربىر ئورۇننى ئېسىدە چىڭ ساقلايدۇ.

   2018-يىلى 12-ئاينىڭ بېشىدا، ئۇ خىش ئۆيگە كۆچۈپ كىردى. رەڭلىك پولات تاختىلىق ئۆيدىن خىش كاھىشلىق ئۆيگىچە بولغان ئىككى-ئۈچ مېتىر ئارىلىق، ئۇنىڭئۈچۈن ئېيتقاندا، باشقا بىر دۇنيا ئىدى، ئۇ خۇشاللىقىدىن يىغلاپ كەتتى: «بىر ئۆمۈر نامرات ئۆتتۈم، ئويلىمىغان يەردىن قېرىغاندا يېڭى خىش ئۆيگە كۆچۈپ كىردىم!»

   2018-يىلى، سائادەت ئەمەتنىڭ تۆۋەن كاپالىتى ۋە ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش ياردەم پۇلى 7156 يۈەن بولۇپ، ئوبوروت يېرى ئۈچۈن بېرىلىدىغان 2000 يۈەننى قوشقاندا، كىرىمى جەمئىي 9156 يۈەنگە يېتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئۆلچىمىگە يەتتى.

   ئىككى يىل ئىچىدە ياردەم بېرىش-يۆلەش كادىرلىرى نەچچە تۈركۈم ئالماشقان بولسىمۇ، لېكىن ياردەم بېرىش سىياسىتى ئەزەلدىن ئۆزگەرمىدى.

   «ھازىر، ھەر ئايدا تۆۋەن كاپالەت بىلەن ياردەم تولۇقلىمىسىنى قوشقاندا 1000 يۈەندىن ئارتۇق پۇل كىرىدۇ، بۇ يىل ليەن ماڭا يەنە ئىككى قوي تەقسىم قىلىپ بەردى، بىكار بولسام ئوت-چۆپ ئورۇپ بېرىمەن، بۇنىڭ بىلەن كىرىمىمدىن بىرى كۆپەيدى؛ قىزىم نەۋرەمنى ئېلىپ ھەر ئايدا بىر قېتىم مېنى كۆرگىلى كېلىدۇ، بۇ كۈنلەردە تۇرمۇشۇمدا ئۈمىد تۇغۇلدى، كۈنلىرىم بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كېتىۋاتىدۇ» دېدى سائادەت ئەمەت.

   ئۆمەر يۈسۈپنىڭ دېيىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن باشلاپ تا ھازىرغىچە، ئۇ ئالغان تۈرلۈك ياردەم تولۇقلىمىسى ۋە چاغانلىق، دۆلەت بايرىمىلىق ھال سوراش پۇلىنى قوشقاندا 10 مىڭ يۈەندىن ئاشقان.

   سائادەت ئەمەت ئۆيدىكى بىر تامنى كۆرسىتىپ كۈلۈپ تۇرۇپ، بۇ تامنى نەۋرەمگە ئېلىپ قويىمەن، كېيىن ئۇ ئوقۇپ تەقدىرنامە ئالغاندا، ئۇلارنى چاپلاپ قويىمەن، دېدى.

   بۇ يىل ھاۋا ئادەتتىن تاشقىرى بالدۇر سوۋۇپ كەتتى، سائادەت ئەمەت بالدۇرلا مەش قويۇۋالدى، ئىككى مەشكە قالانغان ئوت ئۆي ئىچىنى ئىسسىتىۋەتتى، كارىۋاتقا سېلىنغان كۆرپىلەر قېلىن ۋە يۇمشاق بولۇپ، ئاليۇمىن قېتىشمىلىق دېرىزە ئاستىغا تىزىلغان ئېچىلىپ كەتكەن بىرنەچچە تەشتەك گۈل، بۇ ئائىلىگە ھۆسىن قوشقانىدى. (بىڭتۈەن گېزىتىنىڭ 13-شىسىدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرلار پونكىتىدىن شيې زېڭجيې، ئىختىيارىي مۇخبىر مى شىنگاڭ)

«学习强国» شىنجاڭ ئۈگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونى: تۇنجى قار 30 مىڭ مو توغراقلىقنى بېزىدى
  • شىنجاڭ ئارشاڭ: چارۋىچىلارنىڭ رايون ھالقىپ كۆچۈشى
  • ماناس ناھىيەسى دۇڭمەيدى كەنتى كەنت كوللېكتىپ بايلىقى، مۈلكى، مەبلىغىنى جانلاندۇردى