تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

100 نەچچە پارچە ئەسلىي نۇسخىدىكى كىنو ئېلانى، 16 دانە كونا كىنو قويۇش ئاپپاراتى شىنجاڭ سىفەن داشۆسى قىزىل نۇر سايىسى كۆرگەزمىسىدە نامايان بولدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىر جاڭ ۋەندې خەۋىرى، فوتوسى): 10-ئاينىڭ 20-كۈنى، «قەھرىمان ئوغۇل-قىزلار، ۋەتەننى ياد ئېتىش  قىزىل نۇر سايىسى باش تېمىسىدىكى مائارىپ كۆرگەزمىسى» شىنجاڭ سىفەن داشۆسى ئارشاڭ مەكتەپ رايونى كۇتۇپخانىسىدا ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى. پائالىيەتنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ سىفەن داشۆسى كومىتېتى ئۇيۇشتۇرغان، شىنجاڭ سىفەن داشۆسى پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى بىلەن شىنجاڭ نيەنلۇن مەدەنىيەت تاراتقۇ چەكلىك شىركىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان، كۆرگەزمىدە 120 نەچچە پارچە ئەسلىي نۇسخىدىكى كىنو ئېلانى، 16 دانە كىنو قويۇش ئاپپاراتى ۋە «ئاۋام كىنوسى» ناملىق كىنو ژۇرنىلى قاتارلىقلار نامايان قىلىندى. كۆرگەزمە جەريانىدا، كونا كىنو قويۇش ئاپپاراتىدا قويۇلغان «شاڭگەنلىڭ»، «دۇنياغا كۆز ئېچىش» قاتارلىق قىممەتلىك فىلىملەر كىشىلەردە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.

تارىخ پۇرىقى قويۇق كىنو قويۇش ئاپپاراتى ۋە كىنو ژۇرناللىرى ئېكسكۇرسىيەچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.
    شىنجاڭ داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى ئىدىيە-سىياسى مائارىپ تەتقىقات مەركىزى، شىنجاڭ سىفەن داشۆسى پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى جاڭ جېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «كىنو سەنئىتى ئەسلىمىگە ۋارىسلىق قىلىش، تارىخنى نامايان قىلىشتىكى مۇھىم ئۇسۇل. كەڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىنو ئېلانى، كىنو قويۇش ئاپپاراتى قاتارلىق كونا بۇيۇملارنى كۆرگەزمىگە قويۇش ۋە نادىر كىنو بۆلەكلىرىنى قايتا نامايان قىلىشتىن ئىبارەت بۇ خىل شەكىل ئارقىلىق قەھرىمانلىق ھېكايلىرىدىن تەسىرات ئېلىشىنى، قەھرىمانلارنىڭ روھىدىن ئۆگىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

  شىنجاڭ نيەنلۇن مەدەنىيەت تاراتقۇ چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتور ياردەمچىسى دۇڭ شياۋلىننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ قېتىم كۆرگەزمىگە قويۇلغان كىنو ئېلانلىرى يىغىپ ساقلىغۇچى لياڭ چېڭمىن 20 نەچچە يىل ۋاقىتتا يىغىپ ساقلىغان ھەرقايسى مەزگىللەردىكى ئەسلى نۇسخىدىكى كىنو ئېلانلىرى ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى