تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ «تور» بازىرى ئىتتىك بولدى

بىڭتۇەن گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرلار جۇ چيۇمېي، گو مەنيۈ خەۋىرى): «ئىلگىرى توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال تونۇشتۇرۇشنى بىزدەك تېرىقچىلار بىلەن ئانچە مۇناسىۋىتى يوق دەپ، دىققەت قىلىپ كەتمەپتىكەنمەن، بۇ قېتىم ليەندۈي <ئىككى كومىتېت>ىنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال تونۇشتۇرۇپ، بىردەمدىلا نەچچە يۈز كىلوگىرام چىلاننى سېتىۋەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال تونۇشتۇرۇشنىڭ ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم، ئۆزۈممۇ توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال تونۇشتۇرۇشنى ئويلاپ قالدىم». 10-ئاينىڭ 18-كۈنى، 13-شى خۇاڭتيەن دېھقانچىلىق مەيدانى 5-ليەنىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىسى فېڭ شيۇلى مۇخبىرغا شۇنداق دېدى.

يېقىندا، 13-شى خۇاڭتيەن دېھقانچىلىق مەيدانى جۇڭگو پوچتىسى قومۇل شۆبە شىركىتىنىڭ تاۋباۋ بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىدىن پايدىلىنىپ، بىۋاسىتە كۆرسىتىش شەكلىدە تۇەن-چاڭ ئۈچۈن بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال تونۇشتۇرۇپ بەردى. خۇاڭتيەن دېھقانچىلىق مەيدانى ليەندۈيى «ئىككى كومىتېت»ى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ۋاكالەتچىسى بولۇپ، تېرىقچىلىق بازىسىدا دىكتور بىلەن ئۇلانما قىلىپ، بىۋاسىتە ئاڭلىتىش ئۆيىدىكى فېنسىلارنى خۇاڭتيەن دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ پارنىك كۈزلۈك چىلىنى قاتارلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى بىۋاسىتە چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

بىۋاسىتە كۆرسىتىش كۈنى، خەۋەر تېپىپ كەلگەن تۇەن-چاڭدىكى ئىشچى-خىزمەتچى ئامما بەس-بەستە بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىگە كىرىپ، بىۋاسىتە كۆرسىتىشنىڭ پۈتۈن جەريانىنى كۆرۈپ، توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال تونۇشتۇرۇشقا قارىتا يېڭى تونۇشقا ئىگە بولدى.

خۇاڭتيەن دېھقانچىلىق مەيدانى 7-ليەنىدىكى دېھقان چيۇ يۈيىڭ بۇ يىل ئۆستۈرگەن 10 مو ئۈزۈمدىن مول ھوسۇل ئالدى، يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە، دەسلەپتە ئۈزۈمنى ساتالماسلىقتىن ئەنسىرىگەن ئىدى. توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال تونۇشتۇرۇشنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇ يېڭى ئويغا كەلدى:«ئەگەر مۇشۇنداق بىر بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيى ئاچسام، ئىستېمالچىلار ئۈزۈمنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى ھەر ۋاقىت چۈشىنەلەيدۇ، توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىشتىن ئىبارەت بۇ سۇپا ئارقىلىق، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىستېمالچىلار مال مەنبەسىدىن ئېتىبار باھادا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالالايدۇ. بىر سېتىش يولى كۆپەيسە، باغۋەنلەر بىر ئۈلۈش كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ».

بۇ قېتىم، خۇاڭتيەن دېھقانچىلىق مەيدانى پارتىيە كومىتېتى بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال تونۇشتۇرۇشنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشقا ياردەم بېرىش جەھەتتىكى پارلاق ئىستىقبالىنى كۆردى. ئىگىلىنىشىچە، كېيىنكى قەدەمدە خۇاڭتيەن دېھقانچىلىق مەيدانى پارتىيە كومىتېتى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلەش سالمىقىنى زورايتىش ئارقىلىق، توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىشنى «ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ ئۆيىگە كىرگۈزۈپ»، شۇ جاي يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىشنى پىلانلىغان.

«ئالدىنقى مەزگىلدە، تۇەن-چاڭدا ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارىتى بويىچە تەربىيەلەش پىلانى يولغا قويۇلدى، ھەم ئالاقىدار ئۈسكۈنىلەر ئەمەلىيلەشتى. كېيىنكى مەزگىلدە، بىز ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، تەربىيەلەشتە يېڭىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋاسىتىچىلىرى توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش دەرسى تەسىس قىلىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تور سۇپىسى ئارقىلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشىغا ياردەم بېرىمىز». خۇاڭتيەن دېھقانچىلىق مەيدانى جەمئىيەت ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دۇڭ شۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى.

ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگو پوچتىسى قومۇل شۆبە شىركىتىنىڭ پوچتا تور نۇقتىسىدىن جەمئىي 64 بولۇپ، 2019-يىلى، 13-شىدىكى بارلىق تۇەن-چاڭلاردا %100 بىۋاسىتە پوچتا ئالاقىسى ئىشقا ئاشۇرۇلغان، قولاي پوچتا تىرانسپورت شارائىتى، پىشقان توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش سۇپىسى تۇەن-چاڭلارنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال تونۇشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىپ، قوللىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان.

جۇڭگو پوچتىسى قومۇل شۆبە شىركىتى خۇاڭتيەن پوچتا تارماق ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى جاڭ دۇڭيەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى:«كېيىنكى قەدەمدە، بىز تۇەن-چاڭ بىلەن بىرلىشىپ بىۋاسىتە كۆرسىتىش، سېتىش بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، بىۋاسىتە كۆرسىتىش مۇددىئاسى بار ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئالاقىدار تېخنىكىلارنى پىششىق ئىگىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى