تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

شىنجاڭ: قەشقەر قەدىمىي شەھىرى ھەر تەرەپتىن كەلگەن مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى

10-ئاينىڭ 21-كۈنى، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى ئالدىدىكى باشلىنىش مۇراسىمى.

شىنخۇا تورى لى مېڭتىڭ فوتوسى 

    شىنخۇا تورى، ئۈرۈمچى، 10-ئاينىڭ 22-كۈنى تېلېگراممىسى (لى مېڭتىڭ): 10-ئايدا شىنجاڭنىڭ كۈز مەنزىرىسى قويۇق بولۇپ، مەنزىرە تاماشاسىنىڭ ياخشى پەيتتى. 10-ئاينىڭ 21-كۈنى، شىنجاڭ قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىدا، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن داڭقىنى ئاڭلاپ كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى.  

    ھەممە «قەشقەرگە بارمىسا، شىنجاڭغا بارغان ھېسابلانمايدۇ، قەدىمىي شەھەرگە بارمىسا، قەشقەرگە بارغان ھېسابلانمايدۇ» دېيىشىدۇ، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە تۇرغىنىڭىزدا، ئاندىن بۇ گەپنىڭ مەنىسىنى ھېس قىلالايسىز. 

     قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى ئەسلىدە قەشقەر كونا شەھىرى ئىدى. 2009-يىلى، قەشقەر شەھىرى كونا شەھەر رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى تۇرالغۇسىنى مەركەزلىك پۇختىلاپ ۋە ئۆگەرتىپ، بىر ئائىلىنى بىر لايىھەلەش، بىرتۇتاش چېقىش، بىرتۇتاش قۇرۇلما سۇبيېكتىنى قۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، قەشقەر كونا شەھىرىنىڭ ئەسلىدىكى شەكلى، قۇرۇلۇشى، مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتى ۋە ئادىمىيەت ئۆرپ-ئادىتىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. 2014-يىلى 11-ئايدا، قەشقەر كونا شەھىرى 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى — قەشقەر قەدىمىي شەھىرىگە رەسمىي ئايلاندى. 

    قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ سىرلىق ئوردىدەك كوچىلىرىنى سەيلە قىلغاندا، ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنلەرنىڭ يۇقىرى ماھارىتىدىن ھۇزۇرلانغىلى بولىدۇ. ئالتە قىرلىق خىش ياتقۇزۇلغان تار كوچىلاردا قەدىمىي شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ئەقىل-پاراسىتىنى چۈشەنگىلى بولىدۇ، گۈللۈك ئەگرى پەلەمپەيدە قەدىمىي شەھەرنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىگە ئىگە قۇرۇلۇشىدىن ھۇزۇرلانغىلى بولىدۇ. يۈز يىللىق كونا چايخانىدا ئولتۇرۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزگىچە چايلىرىنى تېتىپ، ساتار، راۋاپ بىلەن ئورۇندالغان لەرزان مۇزىكىلارنى ئاڭلاپ، قەدىمىي شەھەرنىڭ ئۆزگىچە ئىستىراھەت تۇرمۇشىدىن ھۇزۇرلانغىلى بولىدۇ. 

     قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە قويۇق مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتىدىن باشقا، يەنە يۇقىرى سۈپەتلىك شەھەر مەدەنىيەت ئامىللىرىمۇ بار. 

    قەشقەر قەدىمىي شەھىرىگە بارغىنىڭىزدا، ھامان بىر جايلىرىدىن مېھرىڭىزنى ئۈزۈلمەيسىز، يەنە بىر قېتىم بارغىنىڭىزدا، يەنە سىزگە يېڭى خۇشاللىق ئاتا قىلىدۇ. 

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونى: تۇنجى قار 30 مىڭ مو توغراقلىقنى بېزىدى
  • شىنجاڭ ئارشاڭ: چارۋىچىلارنىڭ رايون ھالقىپ كۆچۈشى
  • ماناس ناھىيەسى دۇڭمەيدى كەنتى كەنت كوللېكتىپ بايلىقى، مۈلكى، مەبلىغىنى جانلاندۇردى