تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

ئاۋات ناھىيەسى: مۇسەللەس ساياھەت داڭلىق ماركىسىنى ياراتتى

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جاڭ جىلى، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ يەنچى خەۋىرى): «ناھىيەمىز مۇسەللەس ساياھەت داڭلىق ماركىسىنى ياراتقاندىن كېيىن، نۇرغۇن ساياھەتچى بۇ يەرنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ كەلدى. بۇ يەردە ياشىغانلىقىمدىن ئۆزۈمنى ناھايىتى بەختلىك ھېس قىلىمەن ۋە بۇنىڭدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمەن.» 10-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ 16-نۆۋەتلىك «دولان · كۈسەن» مەدەنىيەت-ساياھەت بايرىمى ۋە ئاۋات ناھىيەسىنىڭ 7-نۆۋەتلىك مۇسەللەس مەدەنىيەت-ساياھەت بايرىمىدا، ئاۋات ناھىيەسى ئاۋات بازىرىدىكى ئاھالە مەۋلان ياقۇپ يۇقارقى سۆزلەرنى دېدى.

مۇسەللەس مول رايون ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئۆزگىچە ئىچىملىك بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاۋات ناھىيەسى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇش ئاساسىدا، دولان مەدەنىيىتى، مۇسەللەس مەدەنىيىتىنىڭ تارىخىي مەزمۇنىنى زور كۈچ بىلەن قېزىپ، ئون مىڭ مولۇق ئىپتىدائىي توغراق، تارىم دەرياسىنىڭ مەنبەسى قاتارلىق ئۆزگىچە ساياھەت بايلىقى ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، دولان يۇرتى، قۇملۇق باغچىسى، ئۈزۈم كەنتى مەنزىرە رايونى قاتارلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى تېز ئالغا سىلجىتتى ھەمدە دولان دېھقانلار رەسىمى، دولان ناخشا-ئۇسسۇلى، دولان تائاملىرى، دولان مىللىي ئۆرپ-ئادىتى بىر گەۋدە قىلىنغان ئۆزگىچە مەدەنىيەت-ساياھەت كەسپى تەرەققىيات سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى.

ھازىر، مۇسەللەس مەھسۇلاتلىرى توردا ۋە تور سىرتىدا سېتىش يولى ئارقىلىق ئىچكىرى رايونلاردىكى نۇرغۇن چوڭ، ئوتتۇرا شەھەرلەرگە سېتىلدى، تېخىمۇ كۆپ كىشى مۇسەللەس ئارقىلىق شىنجاڭنى چۈشەندى.

بۇ نۆۋەتلىك مۇسەللەس مەدەنىيەت-ساياھەت بايرىمى مەزگىلىدە، ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسى، قول ھۈنەر بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى، دولان مەززىلىك تائاملار كۆرگەزمىسى ۋە مۇسەللەس مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى، ساياھەتچىلەر يەنە مۇسەللەسنىڭ قەدىمكى ئۇسۇلدا ئېچىتىش ھۈنەر-سەنئىتىنى كۆردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى