تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

جۇڭگو موڭغۇلىيەنىڭ 30 مىڭ تۇياق «ئىئانە قويى»نى قوبۇل قىلىشقا باشلىدى

10-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئىچكى موڭغۇل چېگرادىن كىرىش-چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش باش پونكىتى ئېرېنخوت چېگرادىن كىرىش-چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان خەلق ساقچىلىرى قوي بېسىلغان ئاپتوموبىللارنى تەكشۈرمەكتە.

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: موڭغۇلىيە جۇڭگونىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشىنى قوللاش ئۈچۈن ئىئانە قىلغان 30 مىڭ تۇياق قوي كەلدى. 10-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 11:30لاردا، موڭغۇلىيە زامىنۋۇد پورتىدىن يولغا چىققان تۇنجى تۈركۈمدىكى 4000 تۇياق قوي بېسىلغان يۈك ئاپتوموبىللىرى قاتار تىزىلىپ جۇڭگو ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى ئېرېنخوت پورتىغا كىردى. جۇڭگو-موڭغۇلىيە ئىككى تەرەپ كېڭىشىپ بېكىتكەن پىلان بويىچە، 30 مىڭ تۇياق قوي تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ، 11-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بۇرۇن جۇڭگو چېگراسى ئىچىگە توشۇپ كېلىنىدۇ ھەمدە ئېرېنخوتتا پىششىقلانغاندىن كېيىن خۇبېي ئۆلكىسىگە توشۇلۇپ، موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ كۆڭلى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا غايەت زور تۆھپە قوشقان خۇبېي خەلقىگە يەتكۈزۈلىدۇ. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى پېڭ يۈەن فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى