تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

27-نۆۋەتلىك جۇڭگو ياڭلىڭ يېزا ئىگىلىك يۇقىرى، يېڭى پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى

10-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئېكىسكۇرسىيەچىلەر ياڭلىڭ يېزا ئىگىلىك يۇقىرى، يېڭى پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: 10-ئاينىڭ 22-كۈنى، «پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش» باش تېما قىلىنغان 27-نۆۋەتلىك جۇڭگو ياڭلىڭ يېزا ئىگىلىك يۇقىرى، يېڭى پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى «جۇڭگونىڭ يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسى شەھىرى» شەنشىنىڭ ياڭلىڭدا باشلاندى. بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدە تور، تور سىرتىنى بىرلەشتۈرۈپ ئۆتكۈزۈش تۇنجى قېتىم سىناق قىلىنىپ، دىققەت يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ۋە يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىگە تۈرتكە بولۇش، «365 كۈن ئاخىرلاشمايدىغان ياڭلىڭ يېزا ئىگىلىك يۇقىرى، يېڭى پەن-تېخنىكىسى كۆرگەزمىسى» بەرپا قىلىشقا قارىتىلدى، كۆرگەزمىدە جەمئىي ئالتە ئۆي ئىچى-سىرتى كۆرگەزمىخانىسى، كۆرگەزمە رايونى تەسىس قىلىنغان، ئومۇمىي كۆرگەزمە ئورنى 2000دىن ئاشىدۇ، جەمئىي كۆرگەزمە كۆلىمى 160 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ.                                       شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شاۋ رۇي فوتوسى

10-ئاينىڭ 22-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان «ياڭلىڭ بۇلۇت ئۈستى يېزا ئىگىلىك يۇقىرى، يېڭى پەن-تېخنىكىسى كۆرگەزمىسى» كۆرگەزمە زالى.

10-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئېكىسكۇرسىيەچىلەر ياڭلىڭ يېزا ئىگىلىك يۇقىرى، يېڭى پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسىدە سېرىق توپىلىق ئېگىزلىكى سۇ ۋە تۇپراقنى ساقلاش قۇم مودېلىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.

10-ئاينىڭ 22-كۈنى، بىر تور رىياسەتچىسى ياڭلىڭ يېزا ئىگىلىك يۇقىرى، يېڭى پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى ئالى بابا كۆرگەزمە رايونىدا بىۋاسىتە كۆرسەتمەكتە.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونى: تۇنجى قار 30 مىڭ مو توغراقلىقنى بېزىدى
  • شىنجاڭ ئارشاڭ: چارۋىچىلارنىڭ رايون ھالقىپ كۆچۈشى
  • ماناس ناھىيەسى دۇڭمەيدى كەنتى كەنت كوللېكتىپ بايلىقى، مۈلكى، مەبلىغىنى جانلاندۇردى