تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

بېسىم يېنىكلىتىش ئويۇنچۇقىنى «يوشۇرۇن بومبا»غا ئايلاندۇرۇپ قويماڭ

   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «قول ياندۇرمايدىغان، تىل قايتۇرمايدىغان» بېسىم يېنىكلىتىش ئويۇنچۇقى ئويۇنچۇق بازىرىدىكى «يېڭى ئەرمەك» بولۇپ قالدى. يېقىندا، گۇاڭجوۋ شەھەرلىك ئىستىمالچىلار كومىتېتى بىر قىسىم بېسىم يېنىكلىتىش ئويۇنچۇقلىرىنىڭ سېلىشتۇرما سىناق نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى ھەمدە ئىستىمال ئەسكەرتمىسى چىقاردى: نۆۋەتتە بازاردا سېتىلىۋاتقان بېسىم يېنىكلىتىش ئويۇنچۇقلىرىدا بىر قەدەر چوڭ بولغان يوشۇرۇن خەۋپ بولۇشى مۇمكىن ھەمدە ئۆلچەم بەلگىسى ئۇچۇرى ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل بولغاچقا، كەڭ ئىستېمالچىلارنىڭ سېتىۋالغاندا ئېھتىيات قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

   ئادەم ھەرخىل بېسىم ئىچىدە ياشايدۇ. بالىلارنىڭ ئىمتىھان بېسىمى، ئۆرلەپ ئوقۇش بېسىمى بولىدۇ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بىلىم ئاشۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش بېسىمى بولىدۇ، خىزمەت مەيدانىدىكى كىشىلەرنىڭ توي قىلىپ بالىلىق بولۇش، ۋەزىپىسىنىڭ ئۆسۈپ مائاشنىڭ قوشۇلۇش، پەرزەنتلىرىنى بېقىش، ياشانغانلارنى بېقىش قاتارلىق بېسىمى بولىدۇ. بېسىم يېنىكلىتىش ئويۇنچۇقىنىڭ كەڭ ئومۇملىشىشىنى، ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىكى تەشۋىشلىك ۋە بېسىمنى مەلۇم دەرىجىدە پەسەيتىش بىلەن مۇناسىۋەتسىز، دېيىشكە بولمايدۇ.

   بېسىم يېنىكلىتىش ئويۇنچۇقىنى ئويناش ئارقىلىق پاسسىپ كەيپىياتنى يوقاتماقچى بولغان نۇرغۇن كىشىلەر شۇنى بىلىشى كېرەككى، ئويۇنچۇق پەقەت بىر جابدۇق، ھەددىدىن زىيادە تايىنىۋېلىشقا بولمايدۇ. بېسىمنى يېڭىشنىڭ تۈپ يولى بېسىمنىڭ تۈگۈنىنى تېپىپ چىقىش ھەمدە بېسىم بىلەن بىللە ياشاشنى ئۆگىنىۋېلىش كېرەك. ئەمەلىيەتتە، بېسىم يېنىكلىتىش ئويۇنچۇقىغا قارىغاندا، ھەربىر ئادەم ئۆزىنىڭ بېسىم يېنىكلىتىش ئۇسۇلىغا تېخىمۇ موھتاج.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى