تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

بۇرچىن: ئالتۇن كۈزدىكى گۈزەل مەنزىرىلەر يۆگىمە رەسىمگە ئوخشاپ قالدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىر يۈ مېڭفەن، ئىختىيارىي مۇخبىر جارقىن خەۋىرى، فوتوسى): 10-ئاينىڭ ئاخىرى، ئالتاي ۋىلايىتى بۇرچىن ناھىيەسىدە، ئېرتىش دەرياسى بويىنىڭ ھاۋاسى ساپ بولۇپ، ئالتۇن كۈزدىكى گۈزەل مەنزىرىلەر سۇ يۈزىدە ئەكس ئېتىپ تۇراتتى. نەچچە 100 ئۇقار ۋە ئاق چايكا گاھ سۇ يۈزىنى سىيپاپ ئۇچۇپ ئۆتسە، گاھ سۇدا ئوينىشاتتى. قۇشلار توپ-توپ بولۇشۇپ، قاناتلىرىنى كېرىپ ئۇسسۇل ئويناپ، ئىناقلىق تەسۋىرلەنگەن بىر پارچە تەبىئىي يۆگىمە رەسىمنى شەكىللەندۈرگەنىدى.

ئېرتىش دەرياسى بويىدا، ئۇقار ۋە ئاق چايكا قاناتلىرىنى كېرىپ ئۇسسۇلغا چۈشتى.

  بۇرچىننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ھەر يىل 3-ئايدىن 10-ئايغىچە بارغانسېرى كۆپ ياۋا قۇشلار ئېرتىش دەرياسى بويىدا ئارام ئېلىپ، ماكانلىشىپ، ئوزۇقلۇق ئىزدەپ، قۇۋۋەت تولۇقلايدىغان بولدى. نۇرغۇن قۇشلار يەنە بۇ يەرنىڭ «دائىملىق ئاھالىسى» بولۇپ، بۇ يەرنى كۆپىيىدىغان، ماكانلىشىدىغان ئۆيىگە ئايلاندۇردى.

  پەسىل قۇشلىرىنى تاماشا قىلىش ئالتۇن كۈز پەسلىدىكى بۇرچىن ساياھەتچىلىكىنى ھېس قىلىشنىڭ يەنە بىر مەزمۇنىغا ئايلاندى. يېقىندا، گۇاڭشىدىن كەلگەن ساياھەتچى لى شىمەي ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە بۇرچىنغا ساياھەتكە كەلدى، بۇ يەرنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى ئۇلارنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىۋالدى. «بۇ يەرنىڭ ئېكولوگىيەسى ياخشى، مەنزىرىسى گۈزەل ئىكەن، دوستلار چەمبىرىكىگە يوللاپ، ساۋاقداشلىرىم، دوستلىرىمنىڭمۇ بۇ يەرنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى لى شىمەي.

ئېرتىش دەرياسى بويىدا، ئۇقار ۋە ئاق چايكا سۇدا ئوينىماقتا.

  ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت باشقا جايدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر سۈرەتكە تارتىدىغان گۈزەل مەنزىرە بولۇپلا قالماستىن، يەنە شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنىڭ تەبىئىي پاراۋانلىقى ھېسابلىنىدۇ. «مەن بۇرچىندا ياشاۋاتقىلى 50 نەچچە يىل بولدى، ئىلگىرى قۇم-بوران كۆپ چىقاتتى، ھازىر سۇلار سۈزۈلۈپ، قۇشلار كۆپەيدى، دەرەخلەرمۇ قويۇقلاشتى، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى» دېدى ئاھالە جاڭ يۈفاڭ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇرچىن ناھىيەسى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ چارۋىچىلىقتىن ئوتلاققا قايتۇرۇش، جىلغا ئورمىنىنى مۇھاپىزەت قىلىش، سۈنئىي ئورمان بەرپا قىلىش، بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ قۇمنى تىزگىنلەش قاتارلىق ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، سۇ مەنبەسىنى ساقلاش ۋە جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشنى كۈچەيتتى، ناھىيە تەۋەسىدىكى سۇلۇق يەر كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، كۆپ خىل قۇشلارنى ماكانلىشىش، كۆپىيىشكە جەلپ قىلدى، ناھىيەنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئۈنۈملۈك ياخشىلىنىپ، ھەرمىللەت ئامما سۈزۈك سۇ، كۆك ئاسماندىن تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىغا ئىگە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونى: تۇنجى قار 30 مىڭ مو توغراقلىقنى بېزىدى
  • شىنجاڭ ئارشاڭ: چارۋىچىلارنىڭ رايون ھالقىپ كۆچۈشى
  • ماناس ناھىيەسى دۇڭمەيدى كەنتى كەنت كوللېكتىپ بايلىقى، مۈلكى، مەبلىغىنى جانلاندۇردى