خەلق تورى خەۋىرى: چاڭجياڭ سەنشيا گۇرۇھى ئېلان قىلغان سۇ ئەھۋالى ئۇچۇرىدا كۆرسىتىلىشىچە: 10-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 8 گىچە، سەنشيا بوغۇزىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى سۇ ئورنى 173.57 مېتىرغا يەتكەن. سۇ ئورنىنىڭ 175 مېتىرغا يېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە، دەريا يۈزىمۇ بۇنىڭغا ئەگىشىپ كېڭىيىپ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئىككىلەمچى دەريا ئېقىنلىرىدىكى دەرەخ شاخلىرى، ياۋا ئوت-چۆپ، تۇرمۇش ئەخلەتلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى سۇ يۈزىگە لەيلەپ چىققان.
چۇڭچىڭ شەھىرى ۋۇشەن ناھىيەسىنىڭ تازىلاش ئەترىتىدىكى بارلىق خادىملار پۈتۈن كېمە بىلەن ھەرىكەتكە كېلىپ، ئەترەت ئەزالىرىنى تەشكىللەپ چاڭجياڭ دەرياسى غول ئېقىنىدىكى دانىڭخې دەرياسى، داشىخې دەرياسى، باۋلۇڭخې دەرياسى، بيەنيۈشى قاتارلىق ئىككىلەمچى دەريا ئېقىنىنى ئومۇميۈزلۈك تازىلىدى. كۈندە سۈزۈۋېلىنغان لەيلىمە ئەخلەت 200 توننىدىن ئاشتى. شۇ ئارقىلىق، تەۋەلىكتىكى سۇ دائىرىسىنىڭ پاكىز، رەتلىك بولۇشىغا ۋە كېمە يولىنىڭ بىخەتەر، راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىندى.
ۋاڭ جۇڭخۇ / خەلق تورى سۈرىتى