تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەملىكەتلىك سەھىيە-ساغلاملىق سىستېمىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى سۇ لۇپىڭ): 10-ئاينىڭ 22-كۈنى، مەملىكەتلىك سەھىيە-ساغلاملىق سىستېمىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. 2-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيانقى سەھىيە-ساغلاملىق بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى ئەھۋالى خۇلاسىلىنىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك سەھىيە-ساغلاملىق بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى، شىنجاڭنىڭ داۋالاش، سەھىيە-ساغلاملىق سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «13-بەش يىل»دىن بۇيان، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى مەركەز مالىيەسىگە مايىللىشىپ، سەھىيە-ساغلاملىق يۆتكىمە چىقىم مەبلىغىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ سەھىيە-ساغلاملىق ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى قوللىدى. شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلەر ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ ئەمەلىيتىگە بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى مەخسۇس يىرىك پىلانىنى ئەمەلىي تۈزۈپ، سەھىيە قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرىنى قوللاشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، سېلىنما سالمىقىنى سىجىل ئاشۇردى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەر جەمئىي 5 مىليارد 900 مىليون يۈەن ياردەم مەبلىغى سېلىپ، شىنجاڭنىڭ داۋالاش، سەھىيە ئۇل ئەسلىھە شارائىتىنى زور دەرىجىدە ياخشىلاپ، سەھىيە-ساغلاملىق مۇلازىمەت سىستېمىسىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تەدرىجىي تولۇقلىدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى چىڭ تۇتۇپ، بايلىق تەقسىملەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ياردەم بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭى دەۋر سەھىيە-ساغلاملىق بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى يەنىمۇ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: داۋالاش ئىختىساسلىقلىرىنىڭ «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئۆمەك تەشكىللەپ ياردەم بېرىش خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. «دوختۇرخانا بۆلۈمىنى ھۆددىگە ئېلىش»نى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، «باش مۇتەخەسسىس تۈزۈمى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىش، باش مۇتەخەسسىسنىڭ پەن قۇرۇلۇشى، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى باشلامچىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك؛ «ئۇستاز شاگىرتنى يېتەكلەش» ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، بۆلۈم يېتەكچىلىك كوللېكتىپى، ئۇزاق مۇددەتلىك قاتتىق ياردەم ۋە قىسقا مۇددەتلىك يۇمشاق ياردەم ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن يېتەكچىلىك، تەربىيەلەش يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. شىنجاڭ رايونىدىكى دوختۇرخانىلارنىڭ جىددىي، خەتەرلىك، ئېغىر كېسەللەرنى داۋالاپ قۇتقۇزۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى ۋە نۇقتىلىق كېسەللەرنى داۋالاپ قۇتقۇزۇش سەۋىيەسىنى تېز ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. داۋالاش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئالدىنى ئېلىش، ئالدىن سىگنال بېرىش، قۇتقۇزۇش-داۋالاش بىر گەۋدىلەشكەن داۋالاش، ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى