تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

شەندۇڭ كارخانىلىرى ئۆمەك تەشكىللەپ، قەشقەرنىڭ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۈ مېڭفەن، ئىختىيارىي مۇخبىر چيۇ جىڭ): ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى داۋاملىق چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى كەڭ كۆلەمدە تونۇشتۇرۇلدى، 10-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى شەندۇڭ كارخانىلىرىنىڭ 24 نەپەر ئالاقىدار مەسئۇلىنى قەشقەرگە كېلىپ مەركەزلىك سېتىۋېلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى، ئۈچ كۈندە جەمئىي 1200 توننا چوڭ چىلان، 800 توننا ياڭاق، 500 توننا ئۇن، 600 توننا كاۋا قاتارلىقلار سېتىۋېلىندى، سېتىۋېلىش ئومۇمىي سوممىسى 50 مىليون يۈەنگە يەتتى.

  10-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن باشلاپ، مال سېتىۋېلىش ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى يوپۇغا ناھىيەسى، مەكىت ناھىيەسى، يېڭىسار ناھىيەسى، يېڭىشەھەر ناھىيەسى، قاغىلىق ناھىيەسى ۋە يەكەن ناھىيەسىدىكى 30دىن ئارتۇق يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى كارخانىسىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى.

  شەندۇڭ تەيشەنشىن ھەمكارلىق سودا زەنجىرسىمان چەكلىك شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر جاڭ جۇڭشيەن مۇنداق دېدى: «شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۈرى مول، سۈپىتى ياخشى، ناھايىتى جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە ئىكەن».

  10-ئاينىڭ 16-كۈنى، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى قەشقەر ۋىلايەتلىك سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە لۇكا خاس يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى تەمىنات-سودا ئىتتىپاقى، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى مال تەمىنلىگۈچى سودىگەرلەر، بانكا ۋەكىللىرىنى تەشكىللەپ، مەركەزلىك سېتىۋېلىش ئۆمەك ئەزالىرى بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى. سۆھبەت يىغىنىدا، تەمىنات-سودا ئىككى تەرەپ بىرلىشىپ سېتىۋېلىش پائالىيىتىنىڭ تەسىراتلىرىنى ئالماشتۇردى ھەم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى بىرلىشىپ سېتىۋېلىش كېلىشىمى ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

  قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش قوماندانى جاڭ چېڭۋېي سېتىۋېلىش ئۆمىكىنىڭ قەشقەر ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى پائالىيەت قەشقەرنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشنى كېڭەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشۇشقا پۇختا ئاساس سالدى.

  جاڭ چېڭۋېي مۇنداق دېدى: ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، قەشقەرنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنىڭ «ئىشلەپچىقىرىش، توشۇش، سېتىش» ھالقىسىدىكى مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىپ، مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك ھەم ئىشلەپچىقىرىش، تىرانسپورت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، بازار رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەمىنلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. سېتىش بازىرىنى يەنىمۇ ئېچىپ، شەندۇڭ ئۆلكىسىدىكى ھەر ساھە، ھەر كەسىپلەر بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، سېتىش تورىنى كېڭەيتىش كېرەك. پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، قەشقەر يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە كەسپىنىڭ پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرىنى قوللاشتا يېڭىلىق يارىتىش كېرەك.

  جاڭ چېڭۋېي مۇنداق دېدى: شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ تەمىنات-سودا كارخانىلىرى ئارىسىدا ئالاقە كۆۋرۈكى سېلىپ، قەشقەرنىڭ تەبىئىي شارائىتى، ئۆرپ-ئادىتى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىدۇ ھەم تېخىمۇ كۆپ كۈچنى ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشكە قاتناشتۇرۇپ، شەندۇڭدىكى ئىستېمالچىلارنى قەشقەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىدىن بەھرىلەندۈرۈپ، قەشقەرنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە كەسىپلىرىنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونى: تۇنجى قار 30 مىڭ مو توغراقلىقنى بېزىدى
  • شىنجاڭ ئارشاڭ: چارۋىچىلارنىڭ رايون ھالقىپ كۆچۈشى
  • ماناس ناھىيەسى دۇڭمەيدى كەنتى كەنت كوللېكتىپ بايلىقى، مۈلكى، مەبلىغىنى جانلاندۇردى