تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

ياخشى سودا ئىشىك ئالدىغىچە كەلدى

بىڭتۇەن گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر چېن چيۇڭ خەۋىرى): تازىلىق قىلىش، كۆكتات ئادالاش، خېمىر يۇغۇرۇش، مانتا پىشۇرۇش... 10-ئاينىڭ 17-كۈنى سەھەردە، تاڭ ئەمدىلا سۈزۈلگەندە، 3-شى 44-تۇەن 18-ليەنىنىڭ ئاھالىسى مېھرىگۈل ئەمەر بىلەن ئېرى بالدۇرلا ئۆزىنىڭ تېز تاماقخانىسىغا كېلىپ، بىر كۈنلۈك تىجارىتى ئۈچۈن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

مېھرىگۈل ئەمەرنىڭ تېز تاماقخانىسى 18-ليەندىكى «شىشياۋ ديەنپۇ»نىڭ 1-قارارىغا جايلاشقان بولۇپ، ئىشىك ئالدى دەل ليەندۈي بازىرى ئىدى. ھەر شەنبە كۈنى، بۇ يەردىكى تۈرلۈك تاۋارلار كىشىلەرنىڭ كۆزلىرىنى ئالا-چەكمەن قىلىۋېتەتتى، بەخىرامان بازار ئايلىنىپ يۈرگەن يۇرتداشلارنىڭ چىرايىدىن تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇراتتى، مېھرىگۈل ئەمەرنىڭ ئائىلىسىنىڭ سودىسىمۇ شۇ سەۋەبتىن قىزىپ كېتەتتى.

«ناشتىدا مانتا، ئەتكەن چاي بار، چۈشلۈك تاماقتا لەغمەن، داپەنجى، پولو، قورۇما، سوميەن، يەنە چۆچۈرە ۋە شورپا بار، بىر كۈندە 1000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلغىلى بولىدۇ». مېھرىگۈل ئەمەر پەخىرلەنگەن ھالدا، كۆپچىلىكنىڭ ئۇنىڭ تامىقىنىڭ تەمىنى ياخشى دەپ ماختايدىغانلىقىنى، نۇرغۇن كىشىنىڭ دائىملىق مېھمانغا ئايلانغانلىقىنى ئېيتتى.

بۇ يىل 31 ياشقا كىرگەن مېھرىگۈل ئەمەر دۇكان ئېچىشتىن بۇرۇن ئىزچىل ئۆيىدە ئۆي ئىشلىرىنى قىلاتتى، بىر ئائىلە كىشىلىرى ئىشلەمچىلىك قىلىپ تۇرمۇشىنى قامدايتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گۈزەل ليەندۈي قۇرۇلۇشىنىڭ تۈرتكىسىدە، 18-ليەن قىياپىتىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولۇپ، ھەممە ئائىلە يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى، ليەندۈي پارتىيە ياچېيكىسى يەنە كۆپچىلىككە ئىگىلىك تىكلەپ، كىرىمىنى ئاشۇرىدىغان ئون كىچىك دۇكاننى پىلانلاپ بەردى.

ليەندۈينىڭ ئەتراپىدا ئىشلەيدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيدى، يەنە تۈركۈم-تۈركۈم ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى، ئىشىك ئالدىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ، مېھرىگۈل ئەمەرنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ئويىمۇ بارغانسېرى كۈچەيدى.

«مەن مەززىلىك تائاملارنى بەك ياخشى كۆرىمەن، ئاشپەزلىك ھۈنىرىممۇ ياخشى، ليەندۈينىڭ بارغانسېرى ئاۋاتلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئائىلەمدىكىلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، بۇ ياخشى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئاشخانا ئاچتىم» دېدى مېھرىگۈل ئەمەر.

دۇكان ئېچىشنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك تەييارلىقىدا، ليەندۈي پارتىيە ياچېيكىسى مېھرىگۈل ئەمەر بىلەن بىللە دۇكان كۆردى، يەنە ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ تىجارەت رەسمىيىتى بېجىرىپ، ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز پۇل ئىلتىماس قىلىپ، دوستلار چەمبىرىكىدە تەشۋىق قىلدى...، 2019-يىلى 11-ئايدا، مېھرىگۈل ئەمەرنىڭ تېز تاماقخانىسى تىجارەت باشلىدى. مول سەي تۈرلىرى، ئېتىبار باھا، قىزغىن مۇلازىمەت... كىچىك دۇكان ناھايىتى تېزلا خېرىدارلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

«سودا بارغانسېرى ياخشىلىنىپ، يېتىشەلمەي قالدىم، ليەندۈيدىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئاچا-سىڭىللارنى ياللاپ، ئېيىغا 2000 يۈەندىن ئارتۇق مائاش بەردىم». مېھرىگۈل ئەمەر خۇشال ھالدا تونۇشتۇرۇپ، بۇ يىل، ئۇنىڭ كىچىك دۇكىنى يەنە تاماق يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىنى باشلىغانلىقىنى، كىرىمىنىڭ ھەر ئايدا ئېشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

تېز تاماقخانا، دۇكان، تورت دۇكىنى، توكسىكلىت سېتىش دۇكىنى، كىيىم ـ كېچەك دۇكىنى... بۈگۈنكى كۈندە، ليەندۈي «شىشيا ديەنپۇ»نىڭ 1-قارارلىق قۇرۇلۇشىغا ئاھالىلەر تولۇق ماكانلىشىپ، تېخىمۇ كۆپ ئامما ئىگىلىك تىكلەپ كىرىمىنى ئاشۇردى، شۇنداقلا ليەندۈي ئاھالىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشى زور دەرىجىدە بېيىدى. مىھرىگۈل ئەمەر تېز تاماقخانىسىنىڭ يېنىدا، 18-ليەندىكى ئالىم ئابدۇرېھىمنىڭ توكسىكلىت سېتىش دۇكىنىمۇ قاينام-تاشقىنلىققا تولغان ئىدى.

«دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلى ۋە كۈزلۈك يىغىم مەزگىلىدە، سودا ئەڭ ياخشى بولۇپ، ھەر ئايدا 5000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلغىلى بولىدۇ». 30 ياشلىق ئالىم ئابدۇرېھىمنىڭ كاللىسى ئۆتكۈر، توكسىكلىت سېتىشتىن باشقا، ئۇ يەنە توكسىكلىت رېمونت قىلىش تېخنىكىسىنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگەندى، ھەر يىلى رېمونت قىلىش ۋە زاپچاس سېتىشمۇ ئۇنىڭغا مول كىرىم ئېلىپ كەلدى.

«ياخشى سودا ئىشىك ئالدىغىچە كەلدى، ھازىر كىرىمىمىز ئىلگىرىكىدىن خېلىلا كۆپەيدى، بىر ئائىلە كىشىلىرى يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرىپ، ياخشى كۈنگە ئېرىشتۇق» ھەميېنى تومپايغان ئالىم ئابدۇرېھىمنىڭ غەيرىتى تولۇپ تاشقان ئىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى