كۇچا شەھىرى تارىم يېزىسىدىكى توغراقلىق بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ گۈزەل پەسلىنى كۈتۈۋالدى.
(ئىختىيارىي مۇخبىر يۈەن خۇەنخۇەن فوتوسى)
تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر لۈ نا): كۈز پەسلىدە، شىنجاڭ تارىم دەرياسى قىرغىقىدىكى توغراقلار ئالتۇندەك چاقناپ تۇرىدۇ، 10-ئاينىڭ 21-كۈنى، جياڭسۇلۇق ساياھەتچى ساۋ جىڭ قىزىل رەڭلىك ئۇزۇن كۆينەكنى كىيىپ توغراق يېنىدا تۇرۇپ سۈرەتكە چۈشتى، ئۇ مۇنداق دېدى: «شايار ناھىيەسىدىكى توغراقلىقنىڭ <دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كۆلەمدىكى ئەسلىي ئېكولوگىيەلىك توغراقلىق> دەپ نامى بارلىقىنى بۇرۇنلا ئاڭلىغان، دوستۇم بىلەن مەخسۇس توغراقنى كۆرگىلى كەلدۇق. بىز توغراقلىقنىڭ ئالتۇن رەڭلىك مەنىسى بىلەن ماسلىشىپ، گۈزەل سۈرەتلەرگە چۈشۈش ئۈچۈن، بىر نەچچە خىل ئوچۇق رەڭلىك ئۇزۇن كۆينەكلەرنى ئېلىۋالدۇق».
شايار ناھىيەسىدە، شيايەنجوۋ مەنزىرە رايونىدىن باشقا، كۆلىمى تەخمىنەن 100 مىڭ مودىن ئاشىدىغان توغراقلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى يۆلياڭۋەن مەنزىرە رايونىدىمۇ كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان توغراق مەنزىرىسى بار. يۆلياڭۋەن مەنزىرە رايونى شايار ناھىيەسىنىڭ غەربىي جەنۇب تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، ناھىيە بازىرىغا 56 كىلومېتىر كېلىدۇ، تارىم دەرياسىنىڭ قۇملۇقتا شەكىللەندۈرگەن كۆلى، ھەر يىلى كۈز پەسلىدە تۈركۈم-تۈركۈملەپ ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالىدۇ.
كۈزدە ئاقسۇنى زىيارەت قىلىپ، مەيلى ئاۋات دولان قەبىلىسىدىكى يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئالەمشۇمۇل ئۆزگەرگەن توغراق بولسۇن ۋە ياكى شايار شايەنجوۋ مەنزىرە رايونى، يۆلياڭۋەن مەنزىرە رايونى ۋە كۇچا شەھىرى تارىم يېزىسىدىكى تۇتاش كەتكەن، رەڭدار قىياپەتلەردىكى توغراق بولسۇن ھەممىسى ئادەمگە ساپ تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىدىكى چاقناق رەڭلەر ئاقسۇنىڭ كۈز پەسلىدىكى گۈزەل مەنزىرىنى نامايان قىلىپ تۇرىدۇ .
(ئىختىيارىي مۇخبىر جى ۋەنخۇڭ فوتوسى)
(ئىختىيارىي مۇخبىر سەي شۇ فوتوسى)
(ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ يۈتاڭ فوتوسى)