تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەت قەھرىمانلارنى ھۆرمەتلەپ، قەھرىمانلاردىن ئۆگىنىپ، قەھرىمانلارغا غەمخورلۇق قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملىشى كېرەك

شى جىنپىڭ سىچۇەن ئۆلكىسى ئىنقىلابىي يارىدار - مېيىپ ھەربىيلەر ئارام ئېلىش - كۈتۈنۈش ئورنىدىكى بارلىق يولداشلارغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ مۇنداق تەكىتلىدى

پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەت قەھرىمانلارنى ھۆرمەتلەپ، قەھرىمانلاردىن ئۆگىنىپ، قەھرىمانلارغا غەمخورلۇق قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملىشى كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 21 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمىنىڭ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن دۆلەتتىن چىقىپ ئۇرۇش قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا سىچۇەن ئۆلكىلىك ئىنقىلابىي يارىدار - مېيىپ ھەربىيلەر ئارام ئېلىش - كۈتۈنۈش ئورنىدىكى بارلىق يولداشلارغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئۇلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى.

شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىدا، جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمى ئۇلۇغ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى ۋە ئىنقىلابىي قەھرىمانلىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، قان كېچىپ جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، يۇرتنى مۇھاپىزەت قىلىپ ۋەتەننى قوغداش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. پىدائىي قىسىم قوماندان - جەڭچىلىرى ھەم قەھرىمان نەمۇنىچىلارنىڭ تۆھپىسىنى پارتىيە ۋە خەلق مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 60 نەچچە يىلدىن بۇيان، سىلەر پارتىيەنى سۆيۈش، پارتىيەگە ئىشىنىش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى ۋە دۆلەت مۇداپىئەسى تەربىيەسى پائالىيىتىگە پائال قاتنىشىپ، داۋاملىق تۈردە پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن ئۆز كۈچۈڭلارنى بېغىشلاپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۆزگەرتمەي، كۈرەشنى توختاتماسلىق روھىنى نامايان قىلدىڭلار.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مىللىتى قەھرىمانلار كۆپلەپ چىقىدىغان مىللەت، يېڭى دەۋر قەھرىمانلارنى بارلىققا كەلتۈرىدىغان دەۋر. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەت قەھرىمانلارنى ھۆرمەتلەپ، قەھرىمانلاردىن ئۆگىنىپ، قەھرىمانلارغا غەمخورلۇق قىلىپ، قەھرىمانلىق روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملىشى كېرەك.

سىچۇەن ئۆلكىلىك ئىنقىلابىي يارىدار - مېيىپ ھەربىيلەر ئارام ئېلىش - كۈتۈنۈش ئورنى 1951 - يىلى قۇرۇلغان، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ جەمئىي 2800دىن كۆپرەك يارىدار - مېيىپ ھەربىينى بېقىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىغا قاتناشقان تەخمىنەن 2200 كىشى بار. 60 نەچچە يىلدىن بۇيان، بۇ ئارام ئېلىش - كۈتۈنۈش ئورنىدىكى يارىدار - مېيىپ ھەربىيلەر ئادەتتىكى كىشىلەر تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، كۈچىنىڭ يېتىشىچە ۋەتىنىمىزنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تۆھپە قوشتى، 10 مىڭ مەيدانغا يېقىن ھەقسىز ئەنئەنىۋى تەربىيە دوكلاتى بەردى، ئاڭلىغۇچى ئامما 3 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم قېتىمغا يېتىپ، جەمئىيەتتە ئاكتىپ ئىنكاس پەيدا قىلدى. 2019 - يىلى، بۇ ئارام ئېلىش - كۈتۈنۈش ئورنى «مەملىكەت بويىچە ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىدىكى نەمۇنىلىك ئورۇن» بولۇپ تەقدىرلەندى. يېقىندا، بۇ ئارام ئېلىش - كۈتۈنۈش ئورنىدىكى پىدائىي قىسىمنىڭ پېشقەدەم جەڭچىسى تۇ بويى بارلىق يارىدار - مېيىپ ھەربىيلەرگە ۋەكىل بولۇپ رەئىس شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، خىزمەت ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خىسلىتىنى ساقلاپ، داۋاملىق تۈردە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشۇش ئىرادىسىنى بىلدۈرگەنىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.