شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتنىشىدۇ ھەم مۇھىم سۆز قىلىدۇ
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 21 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمىنىڭ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن دۆلەتتىن چىقىپ ئۇرۇش قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى 10 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتنىشىدۇ ھەم مۇھىم سۆز قىلىدۇ.
شۇ چاغدا، مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى، شىنخۇا تورى يىغىننى نەق مەيداندىن بىۋاسىتە تارقىتىدۇ، خەلق تورى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورى، جۇڭگو تورى قاتارلىق مەركەزدىكى نۇقتىلىق ئاخبارات تور بېكەتلىرى ۋە خەلق گېزىتى تېرمىنالى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى تېرمىنالى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات تېرمىنالى قاتارلىق يېڭى تاراتقۇ سۇپىلىرى ماس قەدەمدە ئۇلاپ تارقىتىدۇ.