تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

«شى جىنپىڭنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى يۈرۈشلۈك يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا قىلغان سۆزى»نىڭ كىتابچىسى نەشر قىلىندى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 21 - كۈنى تېلېگراممىسى «شى جىنپىڭنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى يۈرۈشلۈك يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا قىلغان سۆزى»نىڭ كىتابچىسى خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى، بۈگۈندىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەتتىكى شىنخۇا كىتابخانىلىرىدا تارقىتىلىدۇ. بۇ كىتابقا دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ يېقىندا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى يۈرۈشلۈك يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا قىلغان «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى خاتىرىلەش باشلىقلار يىغىنىدا قىلىنغان سۆز» «75 - نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ ئادەتتىكى مۇنازىرىسىدە قىلىنغان سۆز» «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى توغرىسىدىكى باشلىقلار يىغىنىدا قىلىنغان سۆز» «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ بېيجىڭ دۇنيا ئاياللار يىغىنىنىڭ 25 يىللىقىنى خاتىرىلەش يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا قىلىنغان سۆز»ىدىن ئىبارەت تۆت پارچە مۇھىم سۆزى كىرگۈزۈلگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.