تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ياردەم بېرىپ، يۆلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئاساسقا ئىگە قىلدى

قەشقەر شەھىرى:

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ياردەم بېرىپ، يۆلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئاساسقا ئىگە قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ياڭ شۇخەن

«بۈگۈنكى كۈندە، مەن ھۈنىرىمگە تايىنىپ ئىشىكىم ئالدىدىلا پۇل تاپالايدىغان بولدۇم، ھەم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇم» دېدى 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى قەشقەر شەھىرىنىڭ ئاۋات يېزىسى ياربېشى كەنتىدىكى توبا زاۋۇتىنىڭ 28 ياشلىق ئىشچىسى بۇخەلچە تۇردى مۇخبىرغا.

بۇخەلچە ئىلگىرى كەنتتىكى نامرات ئاھالە ئىدى. ئىلگىرى ئائىلىسىدە ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا تېگىشلىك ياشىنىپ قالغان چوڭلار ۋە گۆدەك بالىلار بولغاچقا، ئۇ سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ پۇل تاپالمايتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىشىكى ئالدىدا مۇقىم كىرىمى بار خىزمەتمۇ تاپالمايتتى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قەشقەر شەھىرى شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، سىجىل ھالدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە يۆلەش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتتى، ئامما ھەم كەنتتىكى نامراتلارنى يۆلەش زاۋۇتى، بالىلارنى ھاۋالىلىك بېقىش ئورنى، بەخت چوڭ قورۇسى، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى تاللاپ ئىشقا ئورۇنلاشسىمۇ، ھەم ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەپ ئىشقا ئورۇنلاشسىمۇ بولىدىغان بولدى. بۈگۈنكى كۈندە، قەشقەر شىمالىي كەسىپلەر باغچىسىدىكى ئەمگەك كۆجۈملەشكەن 46 كارخانا ۋە شەھەر - يېزا 3 - كەسىپ مۇلازىمەت كەسپىگە تايىنىپ، پۈتۈن شەھەردىكى 22 مىڭ نامرات ئاھالىنى يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى «قان بېرىش شەكلى»دىن «قان ئىشلەش شەكلى»گە ئۆزگەرتتى.

9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، قەشقەر شىمالىي كەسىپلەر باغچىسىدىكى بىر كىيىم - كېچەك زاۋۇتىدا ھەنىپىگۈل ئۆمەر ئىشچىلارنىڭ تىككەن كىيىملىرىنى تەكشۈرۈۋاتاتتى.

«مېنىڭ نىشانىم سېخ مۇدىرى بولۇش!» 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، ئىلگىرى ئائىلە ئايالى بولغان ھەنىپىگۈل ئۆمەر تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن مۇنداق دېدى: تەربىيەلىنىش ئارقىلىق ئىش ئورنىغا چىقتىم، خىزمەتكە چۈشۈپ بىر يىل بولمايلا، مەن ئىككى ئاقما لىنىيەگە مەسئۇل گۇرۇپپا باشلىقى بولدۇم، ئايلىق مائاشىم 4000 يۈەندىن ئاشىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قەشقەر شەھىرى 20 مىليون يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سېلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەشنى يولغا قويۇپ، كۆپ يوللار ئارقىلىق ئىش ئورنىنى كۆپەيتتى. شىمالىي كەسىپلەر باغچىسىدىكى ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كارخانىلارغا بىر تۈركۈملىرىنى قوبۇل قىلىش، يېزا - كەنتلەردىكى نامراتلارنى يۆلەش زاۋۇتلىرىغا يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا بىر تۈركۈملىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، يېزا كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ كۆلەملىك تىجارىتى ۋە ئېكولوگىيەلىك ئورمان مۇھاپىزەتچىلىكىگە بىر تۈركۈملىرىنى يۆتكەش، پۈتۈن رايون ساياھىتى ئارقىلىق بىر تۈركۈملىرىنى يېتەكلەش قاتارلىق يوللارغا تايىنىپ، ئەمگەك كۈچى بار نامرات ئاھالىنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

«ئۆيدىكى قوي - كالىلارنى باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ھاۋالىلىك باشقۇرۇشىغا بەردۇق، ئازغىنا يەرنىمۇ ئوبوروت قىلىۋەتتۇق، تېخى يەسلىگە كىرمىگەن بالىلارغا كەنتتىن مەخسۇس ئادەم قارايدىغان بولدى، غەم - ئەندىشىمىز قالمىدى، بىزنىڭ ئىشلەش قىزغىنلىقىمىز تولۇپ تاشتى!» دېدى 9 - ئاينىڭ 17 - كۈنى قەشقەر شەھىرىنىڭ پاختەكلى يېزىسى سوغۇلۇق كەنتىدىكى نامراتلارنى يۆلەش سېخىدا كەنت ئاھالىسى گۈلبەھرەم مەتسەيدى توك پارنى چاققانلىق بىلەن قۇراشتۇرغاچ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قەشقەر شەھىرى دەل جايىدا «ھاۋالە قىلىش» «ئوبوروت قىلىش» تەدبىرلىرىنى قوللىنىش ئارقىلىق، پۇختا، كۈچلۈك «ئارقا سەپ كاپالىتى» بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، يەنە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتتى.

ئىستىقبال باقمىچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى، قەلبداشلار باقمىچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قاتارلىق 13 باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا تايىنىپ، پۈتۈن شەھەردىكى 4900دىن ئارتۇق ئائىلىدىكى نامرات ئاھالىنىڭ 31 مىڭ تۇياق قويى ئۈچ يىل ھاۋالىلىك بېقىلدى ھەم سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقانلارنىڭ يېرى ئوبوروت قىلىندى؛ بالىلارنى ھاۋالىلىك بېقىش ئورنىدىن 141نى، يېزا - كەنت بەخت ياشانغانلار ساناتورىيەسىدىن 94نى قۇرۇپ، ياشانغانلار ۋە بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈشنى كۈچەيتىپ، سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقانلارنىڭ ياشانغانلار ۋە بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالماسلىقتەك غەم - ئەندىشىسىنى تۈگەتتى... بۈگۈنكى كۈندە، قەشقەر شەھىرى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە نامراتلارنى يۆلەشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى، زور بىر تۈركۈم نامرات ئامما «ئوچاق بېشىدىن ماشىنا ئالدىغىچە، ئېتىز بېشىدىن سېخقىچە، دېھقاندىن سانائەت ئىشچىسىغىچە» بولغان «رەڭدار ئۆزگىرىش»نى ئىشقا ئاشۇردى.

قەشقەر شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى ئادەم كۈچى بايلىقى ئېچىش - باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇدىرى لى لىنشيۇ مۇنداق تونۇشتۇردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قەشقەر شەھىرى نامرات ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ ئۈنۈملۈك ياردەم بېرىش - يۆلەش ئۇسۇلىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە نامراتلارنى يۆلەش خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە نامراتلارنى يۆلەش تەدبىرلىرىدە يېڭىلىق يارىتىپ، نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم بەردى، بارغانسېرى كۆپ نامرات ئاھالە كۆپ يول، كۆپ قاتلام، كۆپ ئىش تۈرى بويىچە ئىشقا ئورۇنلاشتى. ھازىرغا قەدەر، پۈتۈن شەھەردىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەر، نامراتلىق گىرۋىكىدىكى ئائىلىلەردىن 31 مىڭ كىشى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتى، ئۇلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش يولى بارغانسېرى كېڭەيدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى