تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

ساقچى - خەلق بىر نىيەتتە بولدى چىن ھېسسىيات يېزا - كەنتنى ئىللىتتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى سۈي يۈنيەن

كوناشەھەر ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى لەڭگەر ساقچىخانىسى ئۇيغۇر، خەنزۇ خەلق ساقچىلىرى ۋە ياردەمچى ساقچىلاردىن تەشكىللەنگەن چوڭ ئائىلە. ئۇزاق يىللاردىن بۇيان، خەلق ساقچىلىرى پۈتۈن زېھنى بىلەن تەۋەلىكتىكى رايوننىڭ خاتىرجەملىكىنى ساقلاپ، ھەر مىللەت ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، ياردەم بېرىپ، ساقچى - خەلق بىر نىيەتتە گۈزەل يۇرت - ماكان قۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ناخشىسىنى ياڭرىتىپ كەلدى.

«كۆپچىلىك تېز كېلىپ زىخۇاسەي سېتىۋېلىڭلار»

10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، مۇخبىر كوناشەھەر ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى لەڭگەر ساقچىخانىسىغا يېتىپ كەلگەندە چۈش ۋاقتى بولۇپ قالغان بولۇپ، خەلق ساقچىلىرى بىلەن بىللە خىزمەت تامىقى يېدى. تاماق ئۈستىلىدە بىر تەخسە قورۇلغان زىخۇاسەي بار بولۇپ، رەڭگى كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى. «بۇنى لەڭگەر بازىرى ئاقھويلا كەنتىدىكى ئاز سانلىق مىللەت كەنت ئاھالىلىرى تېرىغان، يېقىندا ھوسۇل ئالىدىغان پەسىل يېتىپ كەلدى» دېدى ساقچىخانىنىڭ ساقچىخانا باشلىقى لۇ جاۋيى.

بۇ يىل 7 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، لۇ جاۋيى كەنتكە بېرىپ زىيارەت قىلغاندا، بۇ يېڭى سورتنىڭ تېخى بازار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمىغانلىقىنى، سېتىشتا قىيىنچىلىق بارلىقىنى ئىگىلەپ، ساقچىخانا ۋە ئون كەنتتىكى ساقچى ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ ئاشخانىسىغا 300 كىلوگىرام زاكاز قىلىشنى ئورۇنلاشتۇردى ھەم ساقچىخانىدىكى بارلىق خەلق ساقچىلىرىنى كەڭ تەشۋىق قىلىشقا، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سېتىش يولىنى ئېچىشىغا ياردەم بېرىشكە سەپەرۋەر قىلدى.

10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن زىخۇاسەي يەتكۈزۈپ كېلىندى، چۈشتىلا تاماق ئۈستىلىگە چىقىرىلدى. لۇ جاۋيى دەرھال دوستلار چەمبىرىكىگە چىقىرىپ، ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلىرىنىڭ ھەممىسىنى كېلىپ سېتىۋېلىشقا چاقىردى.

ئاقھويلا كەنتىدىكى ئۈزۈپ سېتىۋېلىش نەق مەيدانىدا، بۇ كەنتنىڭ پارتىيە باش ياچېيكا شۇجىسى مەۋلانجان مەمەت مۇنداق دېدى: زىخۇاسەي تېرىش كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش تۈرى، پۈتۈن ناھىيە بويىچە بۇ يىل جەمئىي 400 مو يەرگە تېرىلغان بولۇپ، ئاقھويلا كەنتىدىلا 120 مو يەرگە تېرىلدى. «كۆپچىلىك ئىلگىرى زىخۇاسەينى كۆرۈپ باقمىغان، شۇڭا ھازىر سېتىش سەل تەس بولۇۋاتىدۇ، باھاسىمۇ يۇقىرى ئەمەس».

شۇنىڭ بىلەن، كۆپچىلىك بەس - بەستە ھەرىكەتكە كېلىپ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۆكتات سېتىشىغا ياردەملەشتى، كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ زاكاز تالونى ئارقا - ئارقىدىن يېتىپ كەلدى، تۇنجى تۈركۈمدە يىغىۋېلىنغان ئۈچ توننا زىخۇاسەي ئاساسىي جەھەتتىن سېتىلىپ بولدى. 2 -، 3 - تۈركۈمدىكى زىخۇاسەي ئارقا - ئارقىدىن پىشقاندىن كېيىن، يەنە 27 توننىدەك زىخۇاسەي سېتىلىدۇ.

«زىخۇاسەينىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ياخشى، تەمى مەززىلىك، سېتىۋېلىشقا ئەرزىيدۇ.» لۇ جاۋيىنىڭ زوق بىلەن دوستلار چەمبىرىكىگە يوللىغان ئېلان سۆزى ناھايىتى تېزلا دىققەتنى تارتىپ، قىسقىغىنا بىر سائەتتىلا نۇرغۇن كىشى ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىپ سېتىۋالدى.

تۇغقىنىنىڭ خىزمەت تېپىشىغا قىزغىن ياردەم بېرىش

10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، لەڭگەر ساقچىخانىسىنىڭ مۇئاۋىن ساقچىخانا باشلىقى فۇ جاۋيىڭ تەۋەلىكتىكى كەنت ئاھالىسى روزى بەختىنىڭ ئائىلىسىنى زىيارەت قىلدى. «روزى ئاكام ياخشى ئىشلەيدۇ، مەن ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار - يوقلۇقىنى كۆرۈپ باقاي دەپ كەلدىم» دېدى فۇ جاۋيىڭ.

روزى ئائىلىسى ئىلگىرى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە ئىدى، 2018 - يىلى 2 - ئايدا فۇ جاۋيىڭ قاتناش ساقچىسى خىزمەت ئورنىدىن ساقچىخانىغا يۆتكەلگەندىن كېيىن، روزى بىلەن تۇغقانلاشتى. فۇ جاۋيىڭ پۇل چىقىرىپ روزى ئائىلىسىگە ھويلا تېمى سېلىپ بەردى، دائىم تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى سېتىۋېلىپ ئەكېلىپ بەردى.

بۇ ئائىلىدىكىلەرنىڭ نامراتلىق قىياپىتىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، فۇ جاۋيىڭ روزىنى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا قايىل قىلدى. «ئاكامنىڭ تەن سالامەتلىكى ئانچە ياخشى ئەمەس، كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كەتكەن، لېكىن يېنىكرەك خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن تامامەن چىقالايدۇ. مەن ئۇنىڭغا خىزمىتىڭىز بولسىلا مۇقىم كىرىمىڭىز بولىدۇ، كۈنلىرىڭىز چوقۇم ياخشى بولۇپ كېتىدۇ، دەپ نەسىھەت قىلدىم» دېدى فۇ جاۋيىڭ.

ئۇ روزىغا ياردەم قىلىپ تېپىپ بەرگەن تۇنجى خىزمەت قۇرۇلۇش ئورنىنىڭ ئامانلىق قوغدىغۇچىسى بولۇپ، خىزمەت سىجىللىقى چوڭ بولمىسىمۇ، لېكىن ئەستايىدىل مەسئۇل بولۇش زۆرۈر ئىدى. روزى تۇنجى قېتىم 2500 يۈەن مائاش ئالغاندا، ئىنتايىن خۇشال بولۇپ كەتتى. قۇرۇلۇش ئۈچ ئايدا تاماملانغاندىن كېيىن، فۇ جاۋيىڭ يەنە روزىغا ياردەملىشىپ يېڭى خىزمەت تېپىپ بەردى.

شۇنىڭدىن كېيىن، روزى دائىم خىزمەت ئالماشتۇرۇپ تۇردى، بەزىسىنى يىراق ئىكەن، بەزىسىنى زېرىكىشلىك ئىكەن دەپ، بىر مەزگىل ئىشلەپلا ۋاز كېچەتتى. فۇ جاۋيىڭ بولسا يەنە يېڭى ئىش ئورنى ئىزدەيتتى، شۇنداق قىلىپ، ئۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ روزىغا ياردەملىشىپ يەتتە قېتىم خىزمەت تېپىپ بەردى.

فۇ جاۋيىڭ تەكرار - تەكرار ئىلھام بەردى، روزى قايتا - قايتا سىناپ باقتى، ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئىككىيلەن چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى. بۈگۈنكى كۈندە، روزى ئامانلىق قوغدىغۇچى بولدى، بۇ قېتىم ئۇ بەل قويۇۋەتمىدى، بۇ، فۇ جاۋيىڭنى ناھايىتى خۇشال قىلدى.

روزىنىڭ ئۆيى پاكىز، رەتلىك، ئۆي جاھازلىرىنىڭ ھەممىسى يېڭى ئىدى، ھويلىسىغا نۇرغۇن گۈل تېرىلغانىدى. ئۇنىڭ خوتۇنى ئايشەمگۈل ئوسمان مۇنداق دېدى: «روزى ياخشى ئىشلەۋاتىدۇ، مەن خاتىرجەم دېھقانچىلىق قىلىۋاتىمەن، يەنە 30 قوي، 60 كەپتەر باقتۇق، يىل ئاخىرىدا ساتساق خېلى كۆپ كىرىم بولىدۇ، بىز ھەممىمىز تىرىشىپ، تۇرمۇشىمىزنى بارغانسېرى ياخشىلايمىز».

بۇ كەنت ساقچىسى بەك مېھرىبان

ئاقھويلا كەنتىدە بىر كەسىپلەر باغچىسى بار بولۇپ، 2014 - يىلى قۇرۇلغان، قەشقەر جياڭتۇ قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى چەكلىك شىركىتى كەسىپلەر باغچىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن تۇنجى ماكانلاشقان كارخانا. بۇ شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى جاڭ گوخۇا خۇبېيدىن كەلگەن، كۆپ يىل بىللە ئۆتۈش جەريانىدا، 49 ياشلىق ئۇ كەنت ساقچى ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ 31 ياشلىق خەلق ساقچىسى ئالىمجان نۇرمەمەت بىلەن قەدىناس دوستلاردىن بولۇپ قالدى.

«باغچە رايونىدا ھازىر 300 دىن كۆپ ئادەم بار، لاۋبەن ۋە بىر قىسىم ئىشچى - خىزمەتچىلەر سىچۇەن، خېنەن، خۇبېي، جېجياڭ قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن، يەنە يېرىمغا يېقىن ئىشچى - خىزمەتچى يەرلىك كەنت ئاھالىلىرى. بىز ناھايىتى ياخشى ئۆتىمىز.» جاڭ گوخۇا مۇنداق دېدى: كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئالىمجان ئىزچىل باغچە رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىپ كەلدى، مۇلازىمىتى ناھايىتى جايىدا.

ئالىمجان 2017 - يىلى كەنت ساقچى ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ خەلق ساقچىسى بولدى، باغچە رايونىنىڭ تازىلىق مۇھىتىنىڭ ئانچە ياخشى ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ، ئالىمجان كۆپچىلىكنى ئەخلەت ساندۇقى ئورنىتىشقا سەپەرۋەر قىلدى، ئۇ يەنە ھەرقايسى كارخانىلارغا ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى ۋە ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىشنى ھەر ۋاقىت ئەسكەرتىپ، سىرتتىن كەلگەن ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرۇش كىنىشكىسى ۋە كىملىك بېجىرىشىگە ياردەم بېرىپ، سەمىمىي مۇلازىمىتى ئارقىلىق كۆپچىلىكنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

بۇ يىل 2 - ئايدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە، كارخانىلاردىكى بىر قىسىم كىشىلەر باغچە رايونىدا تۇردى، يەنە بىر قىسمى ئىچكىرى رايونلارغا چاغان ئۆتكۈزگىلى كېتىپ قايتىپ كەلمىدى. ئالىمجان ماددىي ئەشيالارنى سېتىۋېلىش، توشۇش، يەتكۈزۈپ بېرىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئاشلىق، ياغ، كۆكتات، گۆش، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىگىچە پۈتۈن كۈچى بىلەن كۆپچىلىكنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇردى.

جاڭ گوخۇا مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: باغچە رايونىدا بەزىدە ئىقتىسادىي ماجىرالار يۈز بېرىپ تۇرىدۇ، ئاساسلىقى ئەمگەك - مائاش ماجىراسى بولۇپ، زىددىيەتلىشىپ قالغان ئىككى تەرەپنىڭ ھەممىسى بىرىنچى ۋاقىتتا ئالىمجانغا تېلېفون قىلىپ، ئۇنى كېلىپ مۇرەسسە قىلىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىدۇ. «بۇنداق ماجىرالار ھەر يىلى ئون نەچچە قېتىم يۈزبېرىدۇ، ئۇ ھەمىشە ئىككىلا تەرەپ قوبۇل قىلالايدىغان مۇۋاپىق ھەل قىلىش چارىسىنى تاپالايدۇ، بىز ھەممىمىز ئۇنىڭغا ناھايىتى ئىشىنىمىز» دېدى جاڭ گوخۇا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.