تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكىدە مۇۋاپىق كۆلەملىك ئىگىلىك باشقۇرۇش سەۋىيەسى يەنىمۇ ئۆستى

  ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر ليۇ يى): مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى، يېزا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 9-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئائىلىلەر ھۆددە ئالغان تېرىلغۇ يەرنىڭ ئوبوروت ئومۇمىي كۆلىمى 10 مىليون 657 مىڭ 700 موغا يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن 1 مىليون 510 مىڭ مو كۆپىيىپ، ئائىلىلەر ھۆددىگە ئالغان تېرىلغۇ يەر ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %36.5ىنى ئىگىلىگەن، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئۆلچەملىشىش، كۆلەملىشىش، تۈجۈپىلىنىش ئۈنۈمى يەنىمۇ گەۋدىلەنگەن.

  مۇۋاپىق كۆلەملىك ئىگىلىك باشقۇرۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ۋە تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تىرەك بولدى، شۇنداقلا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا مۇھىم ئاساس سالدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مارالبېشى ناھىيەسى دېھقانلارنىڭ ئارزۇسىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا، يەر ئوبوروت مۇساپىسىنى پۇختا ئىلگىرى سۈردى، ھازىر ناھىيە بويىچە كوللېكتىپ يەر ئوبوروت كۆلىمى 294 مىڭ 400 موغا يەتتى، يەر ئوبوروت قىلىنغاندىن كېيىن، تېرىش، يىغىش قاتارلىق پۈتۈن مۇساپىلىك باشقۇرۇش خىزمىتىگە قاتنىشىش ئارقىلىق 8000دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ھەل قىلىنىپ، 31 مىڭ كىشىنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلىشى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ مائاش خاراكتېرلىك كىرىمى ھەقىقىي ئاشۇرۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن ناھىيەنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئۆسۈپ، ئوبوروت قىلىنغان نۇرغۇن تېرىلغۇ يەرنىڭ پاختا بىرلىك ھوسۇلى ئىلگىرىكى 300 كىلوگىرامغا يەتمەسلىكتىن 400 كىلوگىرامدىن كۆپرەككە يەتتى.

  يەرنى مۇۋاپىق كۆلەملەشتۈرۈپ ئىگىلىك باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش جەريانىدا، دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى بارغانسېرى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. ئاپتونوم رايون بويىچە دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئوبوروت قىلغان تېرىلغۇ يەر 2 مىليون 526 مىڭ 800 مو بولۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ئائىلىلەر ھۆددە ئالغان تېرىلغۇ يەر ئوبوروت ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %23.7ىنى ئىگىلىدى. ھازىر، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ سانى 26 مىڭ 400 گە يەتتى، ئەمەلىي بار كوپىراتىپ ئەزاسى 456 مىڭ بولۇپ، ئەزالىرى ھەم تۈرتكە بولغان ئەزا ئەمەسلەر ئومۇمىي دېھقان ئائىلىسى سانىنىڭ %38.6ىنى ئىگىلىدى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون يېزا يېرىنى ھۆددە ئېلىپ ئىگىلىك باشقۇرۇش ھوقۇقىنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىش، تىزىملاش، گۇۋاھنامە تارقىتىش خىزمىتىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئائىلىلەر ھۆددىگە ئالغان تېرىلغۇ يەر ئوبوروتىنى ئىشەنچلىك تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلدى. نۆۋەتتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون دۆلەت چۈشۈرگەن يېزا يېرىنى ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىش، تىزىملاش، گۇۋاھنامە تارقىتىش خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملىدى، 1 مىليون 806 مىڭ 100 دېھقان يېزا يېرىنى ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش ئىگىلىك ھوقۇقى گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشىپ، دېھقانلارنىڭ يەرنى ھۆددىگە ئېلىش ھوقۇق-مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىندى.

  كېيىنكى قەدەمدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون يەر ئوبوروتى ۋە كۆلەملەشكەن تىجارەتنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، «يېزىلارنىڭ ئاساسىي تىجارەت تۈزۈمىنى مۇستەھكەملەش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش» «قانۇن بويىچە، ئىختىيارىي، ھەقلىق بولۇش» «مۇۋاپىق كۆلەملىك تىجارەت» ۋە «ئۆز يېرىنىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈش، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىش» پىرىنسىپىنى ياخشى ئىگىلەپ، دېھقان ئائىلىلىرىنى ھۆددە يېرىنى قانۇن بويىچە كۆپ خىل ئۇسۇلدا ئوبوروت قىلىشقا، ئۆتۈنۈپ بېرىلگۈچى تەرەپنى يەرنى ئوبوروت قىلغان دېھقان ئىشلەمچىلەرنى ئالدىن ئىشلىتىشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ مائاش خاراكتېرلىك كىرىمىنى ئاشۇرىدۇ. كۆپ خىل شەكىلدىكى مۇۋاپىق كۆلەملىك ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات سەۋىيەسى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى