تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

فۇجيەننىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشى شىنجاڭدىكى چارۋىچىلارنىڭ مۇقىم ئولتۇراقلىشىپ، كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشىگە ياردەم بەردى

شىنخۇا تورى خەۋىرى (مۇخبىرلار سۈن جې، دىڭ لېي خەۋىرى): يەنە بىر مەزگىلدىن كېيىن، قازاق چارۋىچى جانبېك سېرىك يېپيېڭى كىچىك ياۋروپاچە ئۇسلۇبتىكى ئۆيگە كۆچۈپ كىرىپ، تاغدىكى تۇرمۇشى بىلەن خوشلىشىدۇ. ھازىر، بېزەش ئىشچىلىرى ئاخىرقى خىزمەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، ئۇ خوتۇنى بىلەن يېڭى ئۆيگە نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىش بىلەن ئالدىراش.

«بىز يەنە تام قەغىزى چاپلايمىز، سۇ ئىسسىتقۇچ ئورنىتىمىز، سافا قويىمىز». جانبېك يېڭى ئۆيىدىن ناھايىتى رازى ئىدى. ئاتا-ئانىسىغا سېلىشتۇرغاندا، 32 ياشلىق ئۇ ئۆزىنى بەك تەلەيلىك دەپ قارايتتى. «تاغدا تۇرۇبا سۈيى يوق، قىشتا ئۆيمۇ ئىسسىق ئەمەس، چوڭلار ئۆمۈر بويى جاپا تارتىپ، ئەمدى كۆچۈپ كەلدى».

بۇ 10-ئاينىڭ 16-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ سانجى شەھىرى ئاشلى يېزىسىدىكى تيەنئې كىچىك بازىرى (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لېي فوتوسى

جانبېك تۇرۇشلۇق ئاشلى يېزىسى تىيانشان تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شىنجاڭ سانجى شەھىرىدىكى چارۋىچىلىق يېزىسى بولۇپ، قازاق چارۋىچىلارنى ئاساس قىلىدۇ. شۇ جايدىكى ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشىدا، 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن باشلاپ، شۇ جايدىكى چارۋىچىلار ئارقا-ئارقىدىن تاغدىن چىقىپ، ئازادە، يورۇق يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى. 2017-يىلىغا بارغاندا، جانبېكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 502 ئائىلىدىكى 1780 كىشى شۇ جايدىكى ئولتۇراقلىشىش ياردەم پۇلى سىياسىتىدىن تېخى بەھرىمەن بولمىغان ئاز ساندىكى چارۋىچى ئىدى.

شىنجاڭ سانجى شەھىرى ئاشلى يېزىسى تيەنئې كىچىك بازىرىدا، بىر كىچىك دوست كىچىك مەيداندا ئوينىماقتا (10-ئاينىڭ 16-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لېي فوتوسى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ «13-بەش يىل»دىكى خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى تۈرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، سانجى شەھىرى 2017-يىلدىن باشلاپ تيەنئې كىچىك بازىرى چارۋىچىلارنى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇش نۇقتىسىنى قۇرۇشقا باشلىدى. مەركەز، يەرلىكنىڭ يانداش مەبلىغى ئاساسىدا، فۇجيەن چۈەنجوۋنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى ۋاقتىدا كۈچلۈك مەدەت بەردى، ھەرقايسى تەرەپلەر جەمئىي 92 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتتى.

«بىز تيەنئې كىچىك بازىرىنى خەلققە نەپ يەتكۈزۈش نۇقتىلىق قۇرۇلۇشى قاتارىغا كىرگۈزۈپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىنى سىجىل سېلىپ، قازاق چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلىشىغا ياردەم بېرىمىز». فۇجيەن چۈەنجوۋ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى فۇ ۋېنشىڭنىڭ دېيىشىچە، كۆپ تەرەپنىڭ قوللىشى بىلەن ھەربىر ئائىلە چارۋىچى پەقەت 42 مىڭ 500 يۈەن مەبلەغ توپلىسىلا، ئولتۇراقلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا 85 كىۋادرات مېتىرلىق بىر يۈرۈش يېڭى ئۆيدىن بەھرىمەن بولىدىكەن.

«ياشانغانلار ۋە بالىلارنىڭ تاغدىن كۆچۈپ چۈشەلىشى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كېيىنكى غەم-ئەندىشىسىنى تۈگەتتى». جانبېكنىڭ مۇخبىرغا دېيىشىچە، كېلەر يىلى ئۇنىڭ قوشكېزەك قىزى تيەنئې كىچىك بازىرىنىڭ يېنىدىكى يېزا مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىرىدىكەن. تاغدىن چۈشكەندىن كېيىنكى تۇرمۇشقا نىسبەتەن، قازاق يىگىت ئىشەنچكە تولغانىدى. ئۇ قوي-كالىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ھاۋالىلىك بېقىشقا بېرىدىكەن، پەقەت تۆل ئېلىش، ئوتلاق كۆچۈرۈش قاتارلىق پەسىل خاراكتېرلىك نۇقتىلاردىلا تاغقا كىرىدىكەن.

چارۋىچىلار شىنجاڭ سانجى شەھىرى ئاشلى يېزىسى تيەنئې كىچىك بازىرىغا كېلىپ يېڭى ئۆيلەرنى كۆرمەكتە (10-ئاينىڭ 16-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لېي فوتوسى

بۇنىڭدىن ئىلگىرى، مۇزىكا تالانتى كۆزگە كۆرۈنگەن جانبېك يېزا تەشكىللىگەن چارۋىچىلار ئەدەبىيات-سەنئەت ئوركېستىرىغا قاتناشقان بولۇپ، ئوركېستىرغا «دارقان» (قازاقچە <بىپايان> دېگەن مەنىدە) دەپ ئىسىم قويغان. بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، مۇزىكا ئەترىتىنىڭ نامى شۇ جايدا بارغانسېرى ياڭرىدى. ھەر خىل پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ۋە توي مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلىشقا تايىنىپ، بۇلتۇر ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ كىرىمى 60 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتتى.

چارۋىچىلارنىڭ ئولتۇراقلاشقاندىن كېيىن كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، چۈەنجوۋنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت بىلەن بىللە 502 ئائىلىلىك چارۋىچىغا 12 مىڭ مو يەم-خەشەك يېرىنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ بەردى، چارۋىچىلار كېڭىشىپ قوشۇلغاندىن كېيىن بىرتۇتاش ئوبوروت قىلدى. «بىر مو يەرنى ئوبوروت قىلىپ يىلىغا 400 يۈەن كىرىم قىلىمەن، بۇ، يەنە ئىككى يىل ئۆتسە مېنىڭ بۇ يېڭى ئۆيگە پەقەت بېزەشكىلا پۇل خەجلىگىنىمگە باراۋەر بولىدۇ، دېگەن گەپ». جانبېك ھېساب-كىتاب قىلدى.

شىنجاڭ سانجى شەھىرىنىڭ ئاشلى يېزىسىدىكى تيەنئې كىچىك بازىرىدا، يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەن چارۋىچىلار يېڭى ئۆيىدە پاراڭلاشماقتا (10-ئاينىڭ 16-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لېي فوتوسى

بۇنىڭدىن سىرت، چۈەنجوۋنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى داۋاملىق مەبلەغ سېلىپ، تيەنئې كىچىك بازىرى مەھەللە مەدەنىيەت پائالىيەت مەركىزى قاتارلىق يانداش ئەسلىھەلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى، ھەم ئەتراپتا قازاق قول ھۈنەر سەنئەت بۇيۇملىرى بازىسى قۇرۇپ، چارۋىچىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىپ، مۇقىم تۇرالايدىغان بولۇپ، بېيىشىغا ياردەم بېرىشنى پىلانلىدى. «بىز يەنە تيەنئې كىچىك بازىرىنى سۇپا قىلىپ، بىر تۈركۈم مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى پىلانلاپ، ئىككى جايدىكى خەلقنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز، شۇنداقلا ئاممىنىڭ يېڭى تۇرمۇشقا ماسلىشىشىغا ياردەم بېرىمىز» دېدى فۇ ۋېنشىڭ.

چۈەنجوۋنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدىن پايدىلىنىپ، بۇ يىل تيەنئې كىچىك بازىرى قۇرۇلۇشى ئۆز قەرەلىدە پۈتتى ھەمدە ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلدى. يىل ئاخىرىغىچە، 130 نەچچە ئائىلىلىك چارۋىچى يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرىدۇ، ئوركېستىرنىڭ ئىككى ئەزاسىمۇ جانبېك بىلەن قوشنا بولىدۇ.

جانبېكنىڭ دېيىشىچە، تاسادىپىي پۇرسەتتە ئۆزى بىلەن «دارقان»دىكى ھەمراھلىرى مىننەن تىلىدىكى «爱拼才会赢» (تىرىشقاندىلا ئاندىن يەڭگىلى بولىدۇ) دېگەن ناخشىنى ياخشى كۆرۈپ قالغان، شۇنىڭ بىلەن بۇ ناخشىغا قازاق مىللىتىنىڭ مۇزىكا ئامىللىرىنى سىڭدۈرۈپ يېڭىدىن ئۆزگەرتىپ تۈزۈش ئېلىپ بارغان. «تىرىشقاندىلا ئاندىن يەڭگىلى بولىدۇ، كەلگۈسىدە مېنىڭ يولۇم چوقۇم ماڭغانسېرى كېڭىيىدۇ».

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى