تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلىرى كۈچ ئۇلاپ مېھىر-شەپقەت يەتكۈزدى

  ئانار بۇلۇت / شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاۋ شىيا، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ فاڭ خەۋىرى): «يەسلىدىكى كىچىك دوستلارغا ۋاكالىتەن مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مېھىر-شەپقەت يەتكۈزگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمىز.» يېقىندا، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى ئىقتىساد-سودا تارماق شۆيۈەنى ئالىي كەسپىي تېخنىكومنىڭ 2017-يىللىق ئېلېكتىرونلۇق سودا سىنىپىنىڭ سىنىپ مۇدىرى يەن جېڭخۇا لوپ ناھىيەسى دول يېزىسى باشتوما كەنتىدىكى يەسلىدىن كەلگەن بىر پارچە رەھمەت خېتىنى تاپشۇرۇۋالدى.

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، ئالىي كەسپىي تېخنىكومنىڭ 2017-يىللىق ئېلېكتىرونلۇق سودا سىنىپىدا 69 ئوقۇغۇچى بار بولۇپ، پۈتۈن سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتىكى چېغىدا شۆيۈەندىكى پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، تۈرلۈك مۇكاپات سوممىسى قوشۇلۇپ 2600 يۈەنگە ئېرىشكەن. «ئوقۇش پۈتكۈزدۇق، بۇ پۇللارغا ئەگەر كۆپچىلىك ئوپچە تاماق يېسەك ياكى ھەربىرىمىزگە تەڭ تەقسىم قىلساق، گەرچە ئادىل بولسىمۇ، ئەمما ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولمايدۇ.» كۆپچىلىك ئەڭ ئاخىرىدا بۇ پۇلنى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە ئىئانە قىلىشنى قارار قىلدى.

  بۇ پۇلنى قانداق ئىشلىتىش كېرەك؟ كىمگە ئىئانە قىلىش كېرەك؟ ئوقۇغۇچىلار سىنىپ مەسئۇلىنىڭ پىكرىنى ئېلىپ، شۆيۈەندىن كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى تۇرۇۋاتقان باشياندۇما كەنتىدىكى يەسلىنىڭ كىرئالغۇسىنىڭ بۇزۇلۇپ قالغانلىقىنى، يەسلىدە يەنە سىرتتا ئىشلىتىدىغان ياڭراتقۇنىڭ يوقلىقىنى، ئوقۇش باشلانغاندىن كېيىن بۇلارنىڭ ھەممىسىگە جىددىي ئېھتىياجلىق بولىدىغانلىقىنى بىلدى. كۆپچىلىكنىڭ تىرىشچانلىقىدا، ناھايىتى تېزلا بىر يېڭى تولۇق ئاپتوماتىك كىرئالغۇ ۋە بىر تارتما بالداقلىق ياڭراتقۇ يەسلىگە يەتكۈزۈلۈپ، بالىلارغا نەچچە مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتىكى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كەسپىي شۆيۈەنىدىكى ئاكا-ھەدىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقى ھېس قىلدۇرۇلدى.

  يەسلىدىن كەلگەن رەھمەت خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، نۇرغۇن ئوقۇغۇچى سىنىپنىڭ ۋېيشىن توپىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەكتەپتىكى ئاكا-ھەدىلىرىمىزدە ئىزچىل تۈردە ئوقۇش پۈتكۈزگەندە ئوپچە تاماق يېمەي، مېھىر-شەپقەتنى جەنۇبىي شىنجاڭغا يەتكۈزىدىغان ئادەت بار، كۆپچىلىك مەكتەپتىكى چېغىمىزدا دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلى، ئوقۇش ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولدۇق، ئوقۇتقۇچىلارمۇ بىزگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى، ئوقۇش پۈتكۈزۈش ئالدىدا ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە ياردەم بېرىش، مېھىر-مۇھەببەتكە ۋارىسلىق قىلغانلىق بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ۋە جاۋاب قايتۇرۇش ھېسابلىنىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، 2015-يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كەسپىي شۆيۈەنى ئىقتىساد-سودا تارماق شۆيۈەنىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار مېھىر-شەپقەت ئىئانىسى توپلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مائارىپ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەنىدى. «ئەينى چاغدا مەكتەپتىكى نۇرغۇن ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچى كەنتتە تۇرۇش نۇقتىسىدا ياردەم بېرىش، يۆلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان بولۇپ، بۇ ئىش-ھەرىكەتلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا بولغان تەسىرى ناھايىتى چوڭ بولغان» دېدى ئىقتىساد-سودا تارماق شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى جاڭ شۈيجىڭ تونۇشتۇرۇپ، ئەينى چاغدا ئۆزۈم يېتەكلىگەن 2012-يىللىق بوغالتىرلىق تەپتىشلىكى 2-سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئوقۇش پۈتكۈزۈش زىياپىتىدىن ۋاز كېچىپ، مۇكاپات پۇلىنى ئىشلىتىپ لوپ ناھىيەسىدىكى بىر يېزا-كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا 57 ئۆگىنىش بۇيۇمى بولىقى ئىئانە قىلغانىدى. بۇ سىنىپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار 2018-يىلى يەنە بىر قېتىم كەنتتىكى بالىلارغا 37 يۈرۈش دەرس ئۈستىلى ئىئانە قىلدى.

  «كىچىككىنە خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى بالىلارنىڭ قەلبىگە ئىللىق مېھىر-شەپقەتنى مۇجەسسەملىدى، بۇ خىل مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈشنىڭ قارارمۇقارار ۋارىسلىق قىلىنىشىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا كۈچ قوشۇشىنى ئويلىماپتىكەنمىز» دېدى جاڭ شۈيجىڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى