تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

گۇيجوۋ تۇڭرېن: «تۆتتە ياخشى يېزا يولى» يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشتى

 10-ئاينىڭ 21-كۈنى، يول مەمۇرىيىتى قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملار ۋە قاتناش ساقچىلىرى گۇيجوۋ ئۆلكىسى تۇڭرېن شەھىرى يۈپىڭ دۇڭزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ يېزا تاشيولىدا تاشيول يۈك تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرىنىڭ نورمىدىن ئارتۇق يۈك بېسىشىنى قاتتىق تەكشۈرمەكتە.

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گۇيجوۋ ئۆلكىسى تۇڭرېن شەھىرى «تۆتتە ياخشى يېزا يولى» (ياخشى قۇرۇش، ياخشى باشقۇرۇش، ياخشى قوغداش، ياخشى تىجارەت قىلىش) قۇرۇلۇشىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم تۇتقا قىلىپ، يېزا تاشيولىنى داۋاملىق ياساش، ئۆزگەرتىپ ياساش، كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، راۋان، بىخەتەر، ئازادە، گۈزەل يېزا تاشيولى قاتناش مۇھىتىنى بەرپا قىلىپ، مەمۇرىي كەنت تاشيولىنى قاتتىقلاشتۇرۇشنى پۈتۈن قاپلاش، يېزا يولۇچىلار تىرانسپورتى ھەممە كەنتكە تۇتىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچلۈك تۈرتكە بولدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ياڭ يىڭ فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى