تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش

بىر قېتىم قوشماقلىشىپ تۇغقانلىشىپ، ئۆمۈرلۈك ئاچا-سىڭىل بولۇش

  شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جيا چۈنشيا

  «بۇ ئۆمرۈمدە ئەڭ تەلىيىم كەلگەن ئىش دەل خې رۇڭ بىلەن تونۇشقانلىقىم، ئۇ ئىشقا ئورۇنلىشىش قاتارلىق قىيىن مەسىلىلىرىمنى ھەل قىلىشىپ بەردى، مېنى كىشىلىك ھاياتتىكى قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلدۇردى، ئۇ مېنىڭ تۇغقىنىم» دېدى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى 40 ياشلىق مەريەم غوجا ھاياجانلانغان ھالدا.

  مەريەم گېپىنى قىلغان خې رۇڭ ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى يۈشۇگۇ تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى شۆفۇ مەھەللىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بۇ يىل 36 ياش. 2018-يىلى 10-ئايدا، خې رۇڭ تەۋەلىكتىكى ئاھالە مەريەم بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشتى، ئۇلارنىڭ ئاچا-سىڭىللىق تەقدىرى شۇنىڭدىن باشلاندى.

  مەريەمنىڭ ئېرى ئۇزۇن مەزگىللىك سىرتقا چىقىپ كەتكەن، ئوغلى بالدۇرلا تۈگەپ كەتكەن، ئەينى چاغدا ئۇنىڭ كىرىم مەنبەسى يوق ئىدى، ھەر ئايدا يەنە 3000 يۈەندىن ئارتۇق ئۆي قەرزى قايتۇراتتى، تۇرمۇشتا قىينىلىپ قالغانىدى. خې رۇڭ بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، كۆڭلى ناھايىتى يېرىم بولدى. «ئارقا-ئارقىدىن زەربىگە ئۇچرىغاچقا، مەريەمنىڭ شۇ چاغدىكى روھىي ھالىتى ناھايىتى ناچار ئىدى، كۈن بويى ئۆيگە بېكىنىۋېلىپ، باشقىلار بىلەن كۆرۈشۈشنى خالىمايتتى، ئانچە گەپمۇ قىلمايتتى، ئۇنىڭ چىرايىدا تەبەسسۇمنى تېخىمۇ كۆرگىلى بولمايتتى» دېدى خې رۇڭ ئىككىسى تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەن چاغدىكى ئەھۋالنى ئەسلەپ.

  ئۇنىڭ بۇ ناچار كەيپىياتتىن تېزرەك قۇتۇلۇپ، جەمئىيەتكە سىڭىپ كىرىشى ئۈچۈن، خې رۇڭ ۋاقتى بولسىلا مەريەمنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن ھال-مۇڭ بولدى، ئۇنى پىسخىكىلىق يېتەكلىدى، دائىم مەھەللە تەشكىللىگەن تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە قاتناشتۇردى. مەريەم بارا-بارا باشقىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشنى خالايدىغان بولدى، كەيپىياتىمۇ ياخشىلاندى.

  خې رۇڭ مەريەمنىڭ تۇرمۇش بېسىمىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، مەريەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ بەردى. مەريەم ئاسپىرانتلىقنى پۈتكۈزگەن، ئىلگىرى سىرتتا بىر مەزگىل خىزمەت قىلىپ باققاچقا، بەلگىلىك خىزمەت ئىقتىدارىغا ئىگە ئىدى. 2018-يىلى 12-ئايدا، خې رۇڭنىڭ تەۋسىيە قىلىشى بىلەن، مەريەم شۆفۇ مەھەللىسىگە خىزمەتكە تەكلىپ قىلىنىپ، خې رۇڭ بىلەن خىزمەتداش بولۇپ قالدى.

  مەريەم خې رۇڭنىڭ ئۆزىگە قىلغان ياخشىلىقىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، خىزمەتتە ئەستايىدىل بولدى. مەسىلىگە يولۇققاندا، خې رۇڭ ئۇنىڭ رەھبىرى ۋە ياخشى سىڭلىسى بولۇش سۈپىتىدە، مەريەم بىلەن ۋاقتىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، يۇلۇققان مەسىلىلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىشىپ بەردى، خىزمەتداشلىرىمۇ مەريەمگە ھەر تەرەپتىن كۆڭۈل بۆلدى.

  مەريەم گەرچە مۇقىم خىزمەت ۋە كىرىمگە ئىگە بولغان بولسىمۇ، لېكىن ھەر ئايلىق مائاشىنى قەرز قايتۇرۇشقا ئىشلىتىدىغان بولغاچقا، ئاساسەن قولىغا پۇل ئاشمايتتى. مەريەم ھەرقانچە تېجەشلىك بولسىمۇ، مۈلۈك ھەققى ۋە ئىسسىنىش پۇلىنى تاپشۇرۇشقا يەنىلا ئامالسىز ئىدى. خې رۇڭ خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، مەريەت تۇرۇشلۇق ئولتۇراق رايونىنىڭ مۈلۈك باشقۇرۇش قاتارلىق تارماقلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، مەريەمنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ئىنكاس قىلدى. كۆپ قېتىم كېڭىشىش ئارقىلىق، مۈلۈك باشقۇرۇش تارماقلىرى مەريەمنىڭ مۈلۈك باشقۇرۇش ھەققى ۋە ئىسسىنىش پۇلىنى كەچۈرۈم قىلىشقا قوشۇلدى.

  «ئىسسىنىش پۇلى بىلەن خوجىلىق ھەققىنى قوشقاندا 4000 يۈەندىن ئاشىدۇ، بۇ ماڭا نىسبەتەن خېلى كۆپ پۇل. ياخشى سىڭلىمنىڭ مېنىڭ ئىشىمغا ھەر ۋاقىت كۆڭۈل بۆلۈپ تۇرغىنىغا ناھايىتى رەھمەت ئېيتىمەن، ماڭا ياردەم قىلىپ نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىپ، تۇرمۇش بېسىمىمنى يېنىكلەتتى» دېدى مەريەم.

  خې رۇڭنىڭ ۋە مەھەللىدىكى خىزمەتداشلارنىڭ غەمخورلۇقىدا، مەريەم ئاكتىپ ئېنېرگىيەگە تولدى، خىزمەتتە تېخىمۇ تىرىشتى، يەنە پات-پات خې رۇڭ ۋە خىزمەتداشلىرىغا ئۆز قولى بىلەن ئەتكەن تاماقلارنى ئېلىپ بارىدىغان بولدى.

  «بىر قېتىم تۇغقانلىشىپ، ئۆمۈرلۈك مېھىر–مۇھەببەتكە ئېرىشتىم. مەن خې رۇڭ بىلەن مەڭگۈ بىر ئائىلە كىشىلىرى. مەن بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشىپ ئىشلەپ، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈپ، ياخشى سىڭلىمىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايمەن» دېدى مەريەم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونى: تۇنجى قار 30 مىڭ مو توغراقلىقنى بېزىدى
  • شىنجاڭ ئارشاڭ: چارۋىچىلارنىڭ رايون ھالقىپ كۆچۈشى
  • ماناس ناھىيەسى دۇڭمەيدى كەنتى كەنت كوللېكتىپ بايلىقى، مۈلكى، مەبلىغىنى جانلاندۇردى