تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

بايىنغولىن ئوبلاستى: مىليونلىغان بېلىجان قويۇپ بېرىلىپ، ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇق قوغدالدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ليۇ يىمىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر گو يۈشۈن خەۋىرى): يېقىندا، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى باغراش ناھىيەسىدىكى باغراش كۆلى لوشياۋەن بېلىق تۈرى ماكانلىشىش ئورنىدا، 3 مىليون بېلىجان باغراش كۆلىگە قويۇپ بېرىلدى. بۇ قېتىم قويۇپ بېرىلگەن بېلىجانلار ئوتخور بېلىقى، خۇاليەن، يوڭيۈ قاتارلىق ئۈچ چوڭ بېلىق تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر قەدەر ياخشى بولغان سۇ ساقلاش ئىقتىسادىي تۈرىدىكى بېلىق تۈرلىرى بولۇپ، قويۇپ بېرىش مىقدارى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن %30 ئەتراپىدا ئاشقان.

  «بۇ قېتىمقى كۈز پەسىللىك ئومۇمىي قويۇپ بېرىش مىقدارى تەخمىنەن 3 مىليون دانە بېلىجان بولۇپ، ھەر كۈنى 100 مىڭ دانە ئەتراپىدا بېلىجان قويۇپ بېرىلىدۇ.» دېدى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى، شىنجاڭ باغراش كۆلى ئېكولوگىيەلىك بېلىقچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى سۈن شياۋچىڭ تونۇشتۇرۇپ.

  «باغراش كۆلى سۇ ئورنىنىڭ ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، چوڭ كۆللەرنىڭ كۆلىمىمۇ سىجىل ئېشىپ، باغراش كۆلىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى سىجىل ياخشىلاندى. سۈنئىي كۆپەيتىپ قويۇپ بېرىش تەبىئىي بايلىق يېتەرسىزلىكىنى تولۇقلاپلا قالماي، يەنە سۇ جانلىقلىرىنىڭ بايلىق مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، بېلىقچىلىقنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ياخشى ئايلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بېلىقچىلىق كىرىمىنى، بېلىقچىلارنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇردى» دېدى باغراش ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسى سۇ مەھسۇلاتلىرى ئىنژېنېرى ۋاڭ يىڭ.

  بۇ قېتىمقى كۆپەيتىپ قويۇپ بېرىش پائالىيىتىنىڭ ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، بۇ يىل قويۇپ بېرىش ئۇسۇلىدا تۇنجى قېتىم كۈزدە قويۇپ بېرىلىپ، بېلىجانلارنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باغراش ناھىيەسى بېلىق تۇتۇشنى چەكلەش مەزگىلىنى مەخسۇس تۈزەش، سۈنئىي كۆپەيتىپ قويۇپ بېرىش، بېلىقچىلىق قانۇن-نىزاملىرىنى تەشۋىق قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، باغراش ناھىيەسىنىڭ بېلىقچىلىق بايلىقىنى ئۈنۈملۈك قوغدىدى. سۇ جانلىقلىرى بايلىقىنى ئاسراش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش، سۇ رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، سۇ جانلىقلىرىنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش، بېلىقچىلىقنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، باغراش كۆلىدە ھەر يىلى ئىقتىسادىي بېلىق تۈرلىرىنى كۆپەيتىپ قويۇپ بېرىش خىزمىتى قەرەللىك قانات يايدۇرۇلدى.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى